1. بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ قازىنىڭىز كىچىك بولسا بېشىنى ئېلىۋېتىسىز . پۇرچاق ئۇيمىسىنى پارچە توغرايسىز . غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى ئۇششاىق چانايسىز ، سامساقنى كىچىك توغرايسىز ، قاقمۇچنى بۆلەكچە قىلىسىز . 2. بېلىقنىڭ بەدىنىنى پاكىز ماتا ياكى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ سىرتىدىكى سۇ تەركىۋىنى قۇرۇتىسىز. 3. بېلىقنىڭ سىرتىغا نېپىز بىر قەۋەت كراخمال يېپىشتۇرىسىز ،
4. قازاننى قىززىتىپ ئازراق ياغ قۇيۇپ قىززىتىپ بېلىقنى سېلىپ تەككۈزۈپ سىرتى ساغارتىۋېلىنىدۇ .

5. بېلىق ساغىرىپ بولغاندىكىن سەل چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ ، ئوتتۇرسىغا قاقمۇچ ، غولپىياز ، زەنجىۋىل ، سامساق سېلىپ ئازراق قورۇلىدۇ ، ئاندىن جاڭيۇ ، تۇز سېلىنىپ پۇرچاق ئۇيمىسى سېلىنىدۇ . چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇلۇپ قاينىغاندىن كېيىن ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت دۈملىنىدۇ .
قازاندىن ئالىدىغان چاغدا ئازراق شېكەر سېلىپ جىندەك قاينىتىۋېتىسىز .


ئالاھىدىلىكى : رەڭگى قىزىل ، بېلىق يۇمشاق ، مەززىلىك ، شىرنىسى قويۇق . پۇرچاق ئۇيمىسى بىلەن ئوزۇقلۇق جەھەتتە تازا ماسلاشقان بولىدۇ . گۈرۈچ تامىقى بىلەن يىيىشكە مۇۋاپىق .