ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . ئاشپەز مۇنبىرىدىكى قىزىنداشلار .............
كەمىنە ئىنتىزاردىن ھەر قايسىڭلارغا ئىگىلىپ ئوتلۇق سالام . ئىشلىرىڭلارغا ئاللادىن بەرىكەت تىلەيمەن .
مەنمۇ شۇ ....... ئارتۇقچىلىقىم تاماق ئىتىشقا بەك قىزىقىمەن . كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ ، ئاپامغا ياردەملىشىپ
ئاشخانا ئۆيىمىزگە كىرىۋىلىپ . ھىلى ئۇنى ، ھىلى بۇنى قىلىشقا بەك ئامراقتىم . مانا ھازىرمۇ ........ تاماق ئىتىش مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك . ھەر قانچە ھارساممۇ ..... مەكتەپتىم كىرگەن زاماتلا . ئاشخانىغا كىرىۋالىمەن . ئاپام توسسىمۇ ئۇنىماي تاماقنى ئۆزۈم قىلىمەن.
ھارغىنلىقىمنى ئۇنتىيمەن .
تور بەت ئارىلاتىپ بۇنداق ياخشى مۇنبەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ . شۇزامانلا تىزىملاتتىم . خۇشاللىقىم ئالەمچە ..............

شۇڭا ئارتۇق سوۋغا - سالامنىمۇ ئالمايلا ... تونىشىۋىلىشقا ئالدىراپ كەتتىم .
ئۇستازلارنىڭ مىنىمۇ ياخشى بىر تەربىيلەپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن .
