oznur.cn abduheni
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 601
شۆھرىتى: 6320 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7191 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 739 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كالا سۈتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر  

كالا سۈتى بىلەن شوۋىگۈرۈچ . تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر كالا سۈتى بىلەن شوۋىگۈرۈچنى ھەرخىل تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئارىلاشتۇرغاندا ۋىتامىن A كۆپ مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن، ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل ۋىتامىن A نى قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمىسا، يېتىلىشى كېچىكىپ، بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا، بالىلارغا شوۋىگۈرۈچكە كالا سۈتىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرمەسلىك لازىم.

كالا سۈتى بىلەن كالتسىي پاراشوكى . كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئاساسلىقى كازېئىندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ مىقدارى ئاقسىل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %83 ىنى ئىگىلەيدۇ، كالا سۈتىگە كالتسىي پاراشوكىنى ئارىلاشتۇرغاندا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كازېئىن كالتسىي ئىئونى بىلەن بىرلىشىپ، كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قويىدۇ. قىزىتقاندا كالا سۈتى تەركىبىدىكى باشقا ئاقسىلمۇ كالتسىي بىلەن بىرلىشىپ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، كالا سۈتىگە كالتسىي پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇش چەكلىنىدۇ.

كالا سۈتى بىلەن شاكىلات . كالا سۈتى تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بار، ئەگەر كالا سۈتى بىلەن شاكىلاتنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن شاكىلات تەركىبىدىكى چۆپ كىسلاتاسى بىرلىشىپ كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل مۇشۇنداق ئىستېمال قىلىنسا، چاچ قۇرغاقلىشىش، ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا كالتسىي كەملىك ۋە يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

كالا سۈتى بىلەن ئاپېلسىن . كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئاپېلسىن تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندا قېتىۋېلىپ ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئاپېلسىن يېگەن ۋاقىتتا كالا سۈتى ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئەگەر تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئاپېلسىن يېسە، تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە غىدىقلاپ، ئاشقازان يەللىكى ياكى ئاشقازاننىڭ نورمالسىز غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كالا سۈتى بىلەن مېۋە شەربىتى . كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل مول، مېۋە شەربىتى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرگە تەۋە بولۇپ، ئاشقازاندا ئاقسىلنى قاتۇرۇپ، ئاقسىلنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچىشكە توغرا كەلسە، كالا سۈتىنى ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئىچىش لازىم.

كالا سۈتى بىلەن چېچەكسەي . كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي مول، چېچەكسەي تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر كالتسىينىڭ ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كالا سۈتى بىلەن كۈدە . كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي بار بولۇپ، تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى مول بولغان كۈدە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-22, 07:16

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-22 14:01 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سەھەر
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 3850
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرىتى: 750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 750 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 80 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىققەت  قىلىشقا تىگىشلىك مۇ ھىم ئىشلار كەن . رەخمە ت سىزگە .     
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-22 19:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەھەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كەۋسەرجان
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3996
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرىتى: 130 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 13 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بالامغا بىرپتېكەنمەن ئارلاشتۇرۇپ، دېققەت قىلسام بولغىدەك.  رەھمەت سىزگە
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-07 13:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كەۋسەرجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتجان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3034
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 370
شۆھرىتى: 3790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3870 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 409 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كالا سۇتى بىلەن قىزىل چاينى ئەتكەن چاي قىلىپ ئىستىمال قىلسا بولامدۇ ،
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 14:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا