رەسىم:
ئەگەرياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن يەنە گەپ تالىشىپ سوقۇشمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە تولا سۆزلەپ قاخشىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز ئۈچۈن ياش تۆكمىسە بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزدىن ئەمدى پەخىرلەنمىسە بۇ ئۇنىڭ سىزگە قىزىقماس بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزنى يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كېتىش توغرىلىق سۈيلىمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن بىزار بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش ۋە خىزمەت توغرىلىق سۆزلىشىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ئۆزىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن سىز بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە بىپەرۋا بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز جاپا – مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەرنى سىز بىلەن ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ھەر قانداق ئىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىپ مۇستەقىل قارار چىقارسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر ئۇ قىز سىز بىلەن بىللە تۇرغاندا ھېچقانداق گەپ قىلماي سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزسە سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي سىزگە ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويىدۇ .
مەنبە :چەكسىز تورى
|