يېسىۋېلەك گۆش قورۇمىسى 白菜肉片
ئاساسلىق ماتېريالى : قوي ياكى كالا گۆشى 250 گ
قوشۇمچە ماتېريالى : يېسىۋېلەك مۇۋاپىق مىقداردا
دورا - دەرمەكلەر : زەنجىۋىل ، سامساق ، غولپىياز ، تۇز ، تېتىتقۇ ، ئاقمۇچ ، مۇچ قىيامى ، شوخلا قىيامى ، ئاق ئاچچىقسۇ ، جاڭيۇ ، كراخمال ، مۇچ يېغى، شورپا
ئىشلىنىشى : گۆشنى ئۇزۇنلىقى 3 سانتا مېتىر ، كەڭلىكى 2 سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز توغرايمىز ، يېسىۋېلەكنى گۆشكە ماسلاشتۇرۇپ توغرايمىز ، گۆشكە تۇز ، جاڭيۇ ، كراخمال قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ مەلھەملەيمىز ، ئاندىن 5 دەرىجە ( 150 گرادوس ) قىززىغان ياغقا سلېىپ چالا پىشۇرۋالىمىز ، يېسىۋېلەك ياپراقچىسىنى قايناقسۇغا بېسىپ چالا پىشۇر ۋالىمىز . قازانغان ئاز ياغ قۇيۇپ ، زەنجىۋىل ، سامساق ، غولپىياز ، مۇچ قىيامى ، شوخلا قىيامى قاتارلىق دورا دەرمەكلەرنى سېلىپ داغلاپ ئېلىۋالغان گۆش ۋە يېسىۋېلەكنى سېلىپ ، ئاندىن تۇز ، تېتىتقۇ ، ئاقمۇچ ، ئاق ئاچىقسۇ ، جاڭيۇ قۇيۇپ ، ئاز مىقداردا شورپا قۇيۇپ ، تەمى تەڭشەلگەندە ھۆل كراخمال سېلىپ قويۇلدۇرۇپ ، قىزىلماي قۇيۇپ ، تەخسىگە ئالىمىز . ھور قاتلىمىسى ( يوتازا ) بىلەن ئىفتاردا يەيمىز .
ئالاھىدىلىكى : گۆشى ئىنتايىن يۇمران ، يېسىۋېلەك ناھايىتى يىيىشلىك ، رەڭلەر ئۆز- ئارا ماسلاشقان ،
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-08-19 12:52دە قايتا تەھ ]