كېسەلگە قارىتا يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ!

بىر قىسىم كىشىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېنىق بىلسىمۇ ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەزى يېمەكلىكلەرنى خاتا ئېستىمال قىلىش سەۋەپلىك ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقماقتا .
تېنى ئاجىز كىشىلەر . تېنى ئاجىز كىشىلەر مايدا قورۇغان ، گۆش تۈرىدىكى ، تورت ، كۈدە قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى ، ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق ئەتمە ھەمدە بىر قىسىم خام تاماقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .

قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانلار . ئاچچىق ، مايلىق يېمەكلىكلەردىن ھەمدە ھاراقتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك .

ئۇزاق مەزگىل كېسەل ئازابى تارتقانلار . ئۆردەك گۆشى ، بېلىق ھەمدە قارا بۇغداي ئۇنىدىن ئېتىلگەن تاماقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .

باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار . سۇلۇق ئىششىق بارلار تۇزدىن يىراق تۇرۇشى ، دىئابېت بىمارلىرى مايلىق ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بىمارلىرى ئاچچىق يېمەكلىكتىن ، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر مېۋە يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن