oznur.cn abduheni
ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 304
شۆھرىتى: 3275 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3380 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2011-08-16)
مانا بۇ ھەقىقى ئايال
  

1.مىھرىنى ھەممە ئادەمگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بىغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇھەببەتلىك ئايال؛
2.ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان،ھەم روھى جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى قۇدرەتلىك ئايال؛
3.ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان،ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەخلاقلىق ئايال؛
4.ئۆز گۈزەللىكىنى جاھان ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان،لىكىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقى نۇمۇسلۇق ئايال؛
5.كۆڭلى بولمىسا،ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ،ئىشقى باغلانسا گاداي نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقى ئىپپەتلىك ئايال؛
6.ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ ئەمەن تىتىتىپ قويمايدىغان،ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شىرىن ھىس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى خۇلۇقلىق ئايال؛
7.ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەپ تۇرغۇزالايدىغان ئايال ھەقىقى ۋاپادار ئايال؛
8.راسىتنى ھامان راس دەيدىغان،لىكىن ئۆزگىنىڭ چىن كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە،چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى سەمىمى ئايال؛
9.ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغلايدىغان،ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان،شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى،يىراقنى كۆزدە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقى سالماقلىق ئايال؛
10.چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ،مۇزلاپ كەتكەن ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان،لىكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چىچىپ ئائىلىنى ئوت دىڭىزىغا ئايلاندۇرۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەقىللىق ئايال؛
11.ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان،ئۆزىنى خارلىغانلارغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى غورۇرلۇق ئايال؛
12.ھىجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان،بىشىغا جۇدالىق كەلسە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ،يەنە يىڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ساداقەتمەن ئايال؛
13.پەرزەنت ئۈچۈن زىمىن بولۇپ بارلىق ئىغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان،ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان ئىسەن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بىرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى پىداكار ئايال؛
14.پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدە تەربىيلەشنى بىلىدىغان،ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقى كۆيۈمچان ئايال؛
15.پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك 4پەرزنى( يەنى(1)تۇغۇلغاندا ياخشى ئىسىم قويۇش.(2)تۆت ياشقا كىرگەندە ئىسلامدىن ساۋادىنى چىقىرىش .(3)ئۇنىڭغا تۇرمۇش يولى كۆرسىتىپ بىرىش.(4)تويىنى قىلىش.)ۋاقتىدا ئادا قىلالىغان ئايال ھەقىقى نەمۇنىلىك ئايال؛
16.ئۆز ئەمەللىرى بىلەن يولدىشىنى،پەرزەنتلىرىنى يىتەكلىيەلىگەن، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەننەت دەرۋازىسىدىن كىرىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇسۇلمان ئايال؛
17.ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزۇتۇپ قويالايدىغان،ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئاللاغا نالە قىلماي سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلالايدىغان ئايال ھەقىقى مۆئمىن ئايال؛
18.«جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا »دىگەن سۆزنى ھەرقاچان ئىسىدە ساقلاپ،ئاللاھنى سىغىنغان ئايال ھەقىقى ھەرۋاقىت ئاللاغا يىقىن ئايال؛
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://www.makanim.cn/read.php?tid=11694

مەنبە : ماكانىم مۇنبىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-16 00:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 614
شۆھرىتى: 6550 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7421 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 770 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەك ماختىۋېتىپسىزغۇ مېنى ، ئادەمنى خىجىل قىلىپ  

بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ، خانىم قىزلار ھەممىمىز ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلساق بولغۇدەك ، ياشاڭ ئاتەش رەنا ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-17 12:08 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/