
كۈندە ھاراق ئىچىپلا يۈرۈيدىغان بىر كىشى ئاخىرى 10 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولدى، ئۇ پوتۇلكىنىڭ ئاستىدىكى ئاخىرقى بىر يۇتۇم ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، بىنادىن سەكرىدى. لىكىن يەنىلا ياشىغىسى كىلىپ، خۇداغا نالە قىلدى:<مۇشۇ قىتىم ھايات قالسام، بۇندىن كىيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمەن>. ئۇنىڭ تالىيىگە يارىشا ئۇ پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ھايات قالدى. ئۇ بۇ چاغدا يەنە مۇنداق دىدى:«ئادەم مەستچىلىكتە ھەر نىمىلەرنى دەپ سالىدىكەن.»
ئىككى بالا دادىسىنى ماختاپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ:
-مېنىڭ دادام كاتتا ئېنژېنىر بىلەمسەن،ئالىپ تېغىنى مېنىڭ دادام ياسىغان...
-ئۇ دىگەن قانچىلىك ئىشتى.مېنىڭ دادام كاتتا مەرگەن،ئۆلۈك دېڭىزنى دادام ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

-شېركەتنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق ئېلىۋاتقان مېك بۇرۇلۇپ، جېكقا دىدى:
-جەينىكىم ئاغرىپ تۇرىدۇ،دوختۇرغا كۆرۈنەيمىكىن؟
-دوختۇرغا بارمىساڭمۇ بولىدۇ،كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دوقمۇشتا بىر دورىخانا ئېچىلىپتۇ،شۇنىڭغا 10 دوللار تاپشۇرۇپ سۈيدۈكۈڭنى تەكشۈرتسەڭلا 30 سىكونتتىن كېيىن ساڭا نىمە كېسەل بولغانلىقىڭنى، قانداق داۋالىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، دوختۇرغا بارغاندىن كۆپ ئەرزان،-دىدى جېك.
شۇنىڭ بىلەن مېك بىر كىچىك قاچىغا سۈيدۇكىنى ئېلىپ دورخانىغا بېرىپ 10 دوللار تاپشۇردى،كومپيۇتېرنىڭ چىرىقى يېنىپ سۈيدۈكنى ئوقۇرغا قىستۇرۇشقا بەلگە بەردى.مېك كۆرستىلگەن ئورۇنغا سۈيدۇكىنى قىستۇرۇپ 30 سىكونتتىن كېيىن تۆۋەندىكى جاۋاپقا ئېرىشتى:«سىز جەينەك بۇغۇم ياللۇقىغا گىرىپتار بوپسىز، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرمەڭ، كۆپ ھەركەت قىلماڭ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ ، دىگىنىمدەك قىلسىڭىز ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىسىز!».
ئۆيىگە قايتقاچ مېك«كومپيۇتېر ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ئادەمگە يەتمەيدۇ، ئۇنى بىر ئەخمەق قىلىپ باقايچۇ »ئويلىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە مېك بىر كىچىك قاچىغا ئۆيىدىكى تۇربا سۈيىدىن ئازىراق قاچىلىدى،ئاندىن ئىتنىڭ مايىقىدىن ئازىراق سالدى،يەنە قىزى بىلەن ئايالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازىراقتىن ئېلىپ ئۇدۇل دورىخانىغا بېرىپ ،10 دوللار تاپشۇرۇپ كۈتۈپ تۇردى،30 سىكونتتىن كېيىن كومپيۇتېر تۆۋەندىكى جاۋاپنى چىقىرىپ بەردى:
1.ئۆيىڭىزدىكى تۇرۇببا سۈيى قاتتىق ئىكەن، يۇمشاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىڭ.
2.ئىتىڭىز تەمرەتكە بۇلۇپ قاپتۇ، باكتىريىگە قارشى سۇپۇن بىلەن يۇيۇپ قۇيۇڭ.
3. قىزىڭىز زەھەر چېكىدىكەن، ئۇنىڭغا زەھەرنى تاشلاتقۇزۇڭ.
4.ئايالىڭىزنىڭ بۇيىدا بار ئىكەن، قوش كىزەك، ئىككىلىسىلا قىز، بىراق بالا سىزنىڭ ئەمەس.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى سالماق ۋە سۈرلۈك ھالدا:
-ئوقۇغۇچىلار!.........
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا،شامال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نۇتۇق قەغىزىنى ئۇچۇرۇپ يەرگە چۈشۈرىۋەتتى .
مەكتەپ مۇدىرى :
- مىنىڭ سۆزۈم تۈگىدى!

بىر ئەر خوتۇنىدىن بەكلا قورقىدىكەن. بىر كۈنى خوتۇنى مېھمانلارنىڭ ئالدىدىلا ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاچچىقىغا پايلىماي ئېرىنى بىر كاچات ساپتۇ. ئىرى مېھماننىڭ ئالدىدا يۈزى چۇشۇپ كېتىشتىن قورقۇپ:
-يامان بولساڭ يەنە بىرنى ئۇرۇپ باقە، قېنى،-دەپتۇ. خوتۇنى ئىككىلەنمەستىن يەنە بىر كاچات ساپتۇ. ئېرى خوتۇنىنىڭ پەيلىدىن يانمايدىغانلىقىنى سېزىپ، ئاران تەستە ئۆزىنى ئوڭشاپ:
- بوپتۇ، گەپ ئاڭلايدىغان خوتۇندە بۇ، بۇ قېتىم سېنى كەچۈرۋېتەي،-دەپتۇ.

ئىككى پوچى ئۆزئارا پو ئېتىشىپتۇ.
ــــ ئۆتكەندە مېھمان چاقىرىپ، تىزىۋەتكەن مەزەلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن داستىخاننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرغان مېھمانلار بىر -بىرىنى كۆرەلمەي قالدى، ـــــ دەپتۇ بىرى.
ـــــ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ماختىنامسەن؟ ــــــ دەپتۇ يەنە بىرى، ـــــــ مەن بىر قېتىم مېھمان چاقىرغاندىم، خوتۇن شۇنداق مايلىق پولۇ ئەتتىكى، پولۇنى يىگەن مېھمانلار ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستىڭدە قولىنى يۇيىۋىدى، ئۆستىڭدە نەچچە كۈنگىچە ماي ئاقتى.

بىر كۇنى توپچىلار قىسمى زەمبىرەك ئېتىشنى مەشىق قىلىۋېتىپ،بىر توپچى نىشاندىن بەكلا چەتنەپ بىر ئېتىزلىققا توپ ئوقى چۇشۇپتۇ.ئېتىزدىكى بىر ئادەم شۇ يەردىلا يىقىلىپتۇ.كوماندىر ھودۇقۇپ يۇگرەپ بارسا،ئۇ ئادەم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:_ئىككى تال بەسەي ئوغۇرلىغانغىمۇ زەمبىرەك بىلەن ئاتامسىلەر!؟_دىگىدەك؛
مەنبە : تور دۇنياسى

[ بۇ يازمائۈمۈد گۇلىتەرپىدىن2011-08-14 16:25دە قايتا ]