oznur.cn abduheni
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1231
شۆھرىتى: 12790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 13000 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1405 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى شىرىن ياردەم مەركىزى... دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-08-11)
99% جياڭيۇنىڭ تەركىبىدە خۇرۇچ بار بولۇپ، قانۇنسىز ھايۋانات پەيلىرى قوشۇش كۆپ ئۇچرايدىكەن
مەنبە: finance.sina.com.cn
2011-08-11 12:14


مۇزلىتىلغان ئاستېتىك كىسلاتادا تەڭشەلگەن ئاچچىقسۇ ھەمدە چىرىتمەس دورا ئارىشلاشتۇرۇلغان ئاچچىقسۇنى ئىشلەتكەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان جياڭيۇدىمۇ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر كۆپ بولماقتا.
كەسىپ ئەھلىلىرى 10-ئاۋغۇست مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: %99 جياڭيۇغا مونوناترىي گلۇتامات (بىر خىل تېتىتقۇ)، كۆيدۈرۈلگەن كارامېل، كالىي سوربات قاتارلىق خۇرۇچلار قوشۇلىدۇ، كۆپ قىسىم جياڭيۇلارغا ئۈچ خىلدىن ئارتۇق خۇرۇچ قوشۇلىدۇ، قوشۇلغان بۇ خۇرۇچلارنىڭ سانى ئاچچىقسۇنىڭكىدىنمۇ كۆپ.
مۇخبىر شاڭخەيدىكى نۇرغۇن تاللا بازارلىرىنى ئارىلاش ئارقىلىق، 26 خىل جياڭيۇ مەھسۇلاتىنىڭ باھاسىنىڭ 1.8 يۈەندىن 21.8 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغانلىقىنى بايقىدى. بىراق تاۋخەي، خەيتيەن، لىجىڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى جياڭيۇلارنىڭ تەڭشەلگەن ماتېرىياللار جەدۋىلىدىمۇ نۇرغۇن خۇرۇچلارنىڭ يېزىلغانىدى.
كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق چۈشەندۈردى: جياڭيۇ ئېچىتىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرى، ئاز مىقداردىكى تۇزدا قاتتىق ھالەتتە ئېچىتىش، يەنە بىرى، كۆپ مىقداردىكى تۇزدا سۇيۇق ھالەتتە ئېچىتىش؛ كۆپ مىقداردىكى تۇزدا سۇيۇق ھالەتتە ئېچىتىلغان جياڭيۇنىڭ پۇرىقى ۋە تەمى مەززىلىك بولىدۇ، بىراق بۇ خىل ئېچىتىشقا ئالتە ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئاز مىقداردىكى تۇزدا قاتتىق ھالەتتە ئېچىتىشقا بىر ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، جياڭيۇنى كۆپ مىقداردىكى تۇزدا سۇيۇق ھالەتتە ئېچىتىپ، بازارغا سېلىش ئۈچۈن 8 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئاز مىقداردىكى تۇزدا قاتتىق ھالەتتە ئېچىتىلغان جياڭيۇنىڭكىگە قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل جياڭيۇنىڭ باھاسىمۇ قىممەت بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ مىقدارىدىكى تۇزدا سۇيۇق ھالەتتە ئېچىتىلغان بىر بوتۇلكا 500 مېللېلېتىرلىق جياڭيۇنىڭ باھاسى 18 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بىراق ئادەتتىكى جياڭيۇنىڭ باھاسى 5 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
شاڭخەيدىكى بىر كەسىپ ئەھلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كۆپ مىقداردىكى تۇزدا سۇيۇق ھالەتتە ئېچىتىشتا ئاشلىقنى ئېچىتىدىغان يېتەرلىك كۈن نۇرىغا موھتاج، گۇاڭدۇڭدا بىر يىلدا 10 ئاي مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە يېتەرلىك  كۈن نۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىراق شىمالدىكى رايونلارنىڭ يېتەرلىك كۈن نۇرى ۋە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىش مەزگىلى ئاز. ئاز مىقداردىكى تۇزدا قاتتىق ھالەتتە ئېچىتىشنى ئۆي ئىچىدىلا ئېلىپ بارسا بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرىقى شارائىتلار بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئېچىتىلغان ۋاقىت قىسقا بولغاچقا تەم ۋە پۇراق جەھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئاز مىقداردىكى تۇزدا ئېچىتىلغان جياڭيۇلارغا كۆپ خىل خۇرۇچ قوشۇش ئارقىلىق تەمى ئۆزگەرتىلىدۇ.
كەسىپ ئەھلىلىرى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننا جياڭيۇ ئىستېمال قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك كۆيدۈرۈلگەن كارامېل، كالىي سوربات قاتارلىق خۇرۇچلار قوشۇلىدۇ. گەرچە دۆلەت ئۆلچىمىدە جياڭيۇغا مۇۋاپىق مىقداردا خۇرۇچلارنىڭ قوشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئاچچىقسۇ، جياڭيۇدىن باشقا يېمەكلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە خۇرۇچ قوشۇلغانلىقتىن، ئىستېمالچىلار ئىستېمال قىلغان كۈندىلىك يېمەكلىكىدىكى ئومۇمىي خۇرۇچ سانىنىڭ ئۆلچەمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدىن سىرت، يەنە تېخى قانۇنسىز تىجارەتچىلەر جياڭيۇغا بەزى قوشۇشقا بولمايدىغان ماددىلارنى قوشىدىكەن. كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى: بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان تىجارەتچىلەر ھايۋاناتلارنىڭ پەي-يۇڭلىرىنى سۇلفات كىسلاتادا ھىدرولىزلىغاندىن كېيىن، جياڭيۇغا ئارىلاشتۇرىدۇ. ھىدرولىزلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل بار بولۇپ، تەملىك قىلىش رولى بار. ھايۋانات پەي-يۇڭلىرىدىن ياسالغان ھىدرولىزلاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خۇرۇچلارنى قوشۇش ئارقىلىق، ئېچىتىلغان جياڭيۇنى ئۆلچەمگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
ھايۋانات ئاقسىلى قوشقاندىن سىرت، يەنە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قوشۇپ، جياڭيۇغا تەم كىرگۈزىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. جۇڭگو يېمەكلىك دورا-دەرمەكلەر جەمئىيىتى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېڭەش باش خادىمى ۋېي شياڭيۈن مۇنداق دېدى: ئۆسۈملۈكلەر ئاقسىلىنى ھىدرولىزلاپ ئىشلىتىشتە، كەسىپ ئۆلچىمى بار. ئەگەر ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ھىدرولىزلاش ئۇسۇلى توغرا بولماي، ئۇنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا ترىخلورو پروبانول بولسا، بۇ ئادەم تېنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-11, 10:22

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( خوشامەت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+60(axtuzi) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-11 16:25 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    نائىلە

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3090
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 614
    شۆھرىتى: 6550 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7421 دوللار
    تۆھپە: 10 ھەسسە
    ياخشى باھا: 770 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بولدى قورۇمامنى قورىمىسام قورىمايمەنكىن بۇ جىياڭيو دىگەننى قازان بېشىغا يولاتمايمەن ئەمدى ، ئۆيدىكىنىمۇ تۆكىپلىۋېتەيچۇ !
    ساختىلىق ، ھارام ئارىلاشمىغان ئىشمۇ قالدىمۇ بۇ خەقنىڭ زامانىدا !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-11 20:04 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/