illikdunya.biz abduheni
بودەك
ئوماق بودەك
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 457
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 655
شۆھرىتى: 214748354 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483637 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388606 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  ئاپتاپپەرەس ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى




 بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ بۇنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى (گازىر نامى بىلەن مەشھۇر)، يۇپۇرمىقى، يېلتىزى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  گۈلىنىڭ تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق

  شىپالىق رولى: ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىش، ئاغرىق توختىتىش، ئاشقازان، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلە چۈشۈرۈش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش...

  ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۇقۇرى قان بېسىمى، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، كىچىك باللاردىكى دۆلىنىش كېسىلى، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، ھەيز كەلمەسلىك، يانپاش ئاغرىقى، يەرقان (سېرىق چۈشۈش كېسەللىكى)، بوۋاسىر (گېمىروي) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

  ئاپتەپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ؛ ئېزىپ خېمىر قىلىنىپ رېماتىزىم خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيىدۇ؛ بەلگە سۈركەلسە جىنسىي ئەزا قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ مېغىزى تىبابەتتە سىلىقلاشتۇرغۇچ ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچ دورا ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خام پېتى ئىستېمال قىلىنسا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بالا ھەمرىيى ئاسان چۈشىدۇ، ھامىلدارلىق دەۋرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سۈتنى كۆپەيتىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ؛ ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەرخىل جاراھەتلەر ئېغىز ئالماي تۇرۇۋالغاندا، ئاپتەپپەرەس مېغىزى سۇ بىلەن قوشۇپ يېيىلسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشى تېزلىشىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ يىلتىزى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىزنى چايقىغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيدۇ. قاينىتىلغان يىلتىز سۈيىدىن ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىچىلسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ بۆرىكى قۇۋۋەتلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەك بىلەن زەھەرلىنىپ قالغاندا ئاپتەپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ 10-12 گىرام سۈيى قىزىق چايغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، ئادەمنى دەرھال قۇستۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ؛ ئاپتەپپەرەسنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 20-30 مىللىگرام ئىچكەندە، توختاپ قالغان ھەيز راۋانلىشىدۇ.
 

 
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-08-09 16:04 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بودەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 959
شۆھرىتى: 9840 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10030 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1078 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇڭا سېمىزكەنسىز دە
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-12 05:38 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا