ئىككى پىيالە چاي
ئانىلىرىمىز مەڭگۈ ئوخچۇپ تۇرىدىغان بۇلاق، ئۇلار ۋاراقلىساق ۋاراقلىساق ھەر بىر بېتىدىن يېڭى مەنە تۆكۈلىدىغان بەركەتلىك قامۇس.
ئانا بىر پىيالە لەززەتلىك چاي، بىز ئۇنى ئىچكىنىمىزدە قىزىق ھارارىتى لەۋلىرىمىزنى ئىللىتىپ ،تىلىمىزدىن سىلىق سېرىلىپ ،چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرۇپ ۋۇجۇدىمىزغا تارايدۇ،
بىزمۇ ئانا بولدۇق. بىراق ئانىلىرىمىزغا ئوخشىيالمىدۇق. ئانىلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا قاداق چۈشكەن ئىدى، يازنىڭ تىنجىق كىچىلىرىدە،دالاندىكى سۇپىدا سەگىدەپ ياتقاندا، ئانىمىزنىڭ شۇ يىرىك قاداق باسقان قولى پاشا چىقىپ قاپارتىۋەتكەن دۈمبىمىزنى سىلىغاندا ئاجايىپ راھەتلەنگەن ئىدۇق.
بىراق بىز تىرناقلىرىمىزغا لاك قويدۇق. قولىمىزنى ئاياپ تەييار لەغمەن پىلتىسى ئۈچۈن بازارغا يۈگۈردۇق، بىزنى ئۇلار يېتىلەپ يۈدۈپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان ئىدى، بىزنىڭ بالىلىرىمىز تاڭ سەھەردە بالىلار باغچىسىنىڭ ماشىنىسىدا بىزدىن ئايرىلدى، ھېچ بولمىسا بىزنى يۈدىگەنلەر ئۇلارنىمۇ يۈدۈپ يېتىلەپ يۈرىۋاتىدۇ.
بىز خىزمەت قىلىمىز. ئاددى ئىش ئورنىمىزدا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى يارتقىمىز كېلىدۇ، نۇرغۇن ئارمانلىرىمىز بار، كىچىكلىكتە ئائىلىمىزنىڭ ئىقسادىنى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى ئويلىساق، بۈيۈكلۈكتە ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشنى نىشان قىلدۇق.
بىراق بالىلىرىمىز بىز ئانىلىرىمىزدىن ئېرىشكەن بارلىق ھەممە ...ھەممىنىڭ ھېچنىمىسىگە ئېرىشەلمىدى.
بىز قەدەممۇ قەدەم تاكامۇللاشتۇق، بىراق بالىلىرىمىز پەيدىنپەي بىزدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ.
شۇنداق ئانىلىرىمىز بىر پىيالە چاي، ئىشەنمىسىڭىز، ئۇسسىغاندا چاي ئىچكەچ ئانىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ!
مەن تولىمۇ تەلەيلىك، مېنىڭ زۇۋۇلامغا ئىككى ئانا، ئىككى پىيالە چاي قوشۇلغان ئىكەن.
بىر ئانام ( بىز ئۈرۈمچىدە ئۆز ئانىمىزنى ئاپا دەيمىز، ئاپىمىزنىڭ ئاپىسىنى ئانا دەيمىز )يەنى ئاپام، مېنى توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ، ئاچچىق تولغاقتا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدى.ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئاپامدىن ئايرىلماي ياشىغىم بار، بىراق شۇ دەۋىردىكى تۇرمۇش مېنىڭ ئىككى ياش چاغلىرىمدا ئاپامدىن ئايرىلىپ ئانامنىڭ تەربىيىسىدە بولۇشۇمغا سەۋەپ بولدى.ئاپامدىن ئاغرىنمايمەن، بىز ئاچا-سىڭىل،بىر ئوغۇل بۇلۇپ ئالتە بالا. مېنى ئانام ئېلىپ ماڭغاندا، سىڭلىم بۇ دۇنياغا كېلىش ئالدىدا ئىكەنتۇق، لېكىن بەزىدە يەنىلا ئۈچ ئاچام ،ئاكام ھەم سىڭلىمغا تارلىقىم كېلىدۇ، يەنە ئويلىسام مەن ھەممىدىن تەلەيلىككەنمەن،چۈنكى بالىلىقىم ئانامنىڭ قوينىدا پەپىلىنىپ، چۆچەك، ئەپسانىلەرگە كۆمۈلۈپ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ھاياتىم بەتلىرىگە ئۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئانام ئاياللىق كامالىتىگە يەتكەن ھەقىقىي ئايال،ئۇنىڭ ئاياللىقى قازان بېشىدا، تونۇر بېشىدا، ئىشچان تۇرقىدا، ھاياللىق قىياپىتىدە، ئەركەكلىكنىڭ ئەكسىچە نازۇكلىقىغا يىمىرىلگەن جەسۇرلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئىككى تال ئۆرۈلگەن توم بېلىدە سويلىغان چاچلىرىنىڭ ئۈستىدىن چەككەن ياغلىقى، چاچلىرىنى بالچۇق چىقىرىپ چېتىپ ئۆرۈشلىرى، كۆكرەك پۈرۈم، قايرىما ياققا ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ تۆپىگە كەيگەن قوش يانچۇقلۇق تۆت تۈگمىلىك سارجا چاپىنى، دائىم پاكىز، يېڭى كۆرۈنىدىغان ئەترەڭ پايپىقى بىلەن توقاچ پاشىنلىق ئايىقى ... ئۇنىڭ قاراقلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك سۆرىتى .
تولۇن ئاي كۆكتە ئۈزىۋاتقان چىرايلىق كېچىلەردە ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراپ تۈگىمەس چۆچەكلىرىگە مەي بۇلۇپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. چۈشلىرىمگە ئاق ئارغىماق مىنگەن چىن تۆمۈر باتۇر، سۇمبۇل چاچلىق مەختۇمسۇلا، تاغنى يارغان پەرھات ھەم باش ئەگىمدىكى تاھىر -زۆھرە، ۋامۇقنىڭ زارىغا چىدىماي يېرىلغان يېرىلىڭ تېشىم، زەھەرلىك ئالما يىگەن ئاق قار مەلىكە، بىر پاي ئالتۇن كەشى چۈشۈپ قالغان كۈل قىزلار مېھمان بۇلۇپ پات-پات كىرەتتى.
پات-پات ئانام كىچىلىرى مەن تونۇيدىغان ياكى تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەن ئالدىراش چىقىپ كېتەتتى، مەن بۇۋام بىلەن قالاتتىم، بۇۋام ئانامغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى جىكىلەپ، كېچىچە ئۇخلىماي كىملەرگىدۇر ئاسانلىق تىلەپ ئايەت ئوقۇپ چىقاتتى.
ئانام سەھەرلەردە ھارغىن ھالەتتە ئۆيگە قايتاتتى، بىراق چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇرغان بولاتتى.
بۇۋام ئانامنى خۇشال ھالدا كۆرۈپ نۇرغۇن شۈكرىلەرنى قىلاتتى. دېمەك ئانام بىر كېچە تىرىشىپ يېڭى جاننىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا ياردەم قىلاتتى.
ئانام كىندىكىنى كەسكەن بالىلار بەلكىم 100 دىن ئاشسا كېرەك، ئانام ۋاپات بۇلۇشتىن بۇرۇن ساندۇقىدىن چىقارغان بىر خاتىرىدە شۇنچىلىك تەپسىلى تىزىملانغان ئىكەن.بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن بىلىدىغان ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم.
ئۇ چاغدىكى مەھەلىلەر ، قوشنىلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايمىز، كۈجۈم مەھەلىلەردىكى قانداشلىقتىنمۇ قۇيۇق بولغان مېھرى-مۇھەببەت ھازىر رىۋايەتكە ئايلانغىلى تۇردى. ئاشۇ گۈزەل رىۋايەتلەرنى تىزغان دەل مېنىڭ ئانامدەك ئانىلار ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ خېمىر يۇغۇرغاچ قىلىدىغان نەسىھەتلىرى ، ھويلىلاردا يامداققا يۆلەپ بېرىدىغان تەنبىھلىرى، ھەددىمىزدىن ئاشساق پاچىقىمىزغا تېگىدىغان چىۋىقلىرىنىڭ شاپائىتىدە ئەڭ ساپ ئادىمىيلىكىمىزنى تونىغان ئىدۇق.
يىراق كان رايۇنىدا ئون يىل تۇرۇپ نوپۇس دەمدۇ، ياخشى ئوقۇش شارائىتى دەمدۇ ئەيتاۋۇر زامانغا ماسلىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئاتالغۇلارغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىندىم.
كېلىپلا كۆرگىنىم جىمجىت كۆجۈم مەھەللىنىڭ ئەكسىچە، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى زامانىۋىلىشىۋاتقان شەھەر بولدى.باشتا يېتىرقاپ، كېيىن ئۆزەممۇ سەزمەي بۇ شەھەرگە سىڭىپ كەتتىم. چۈنكى كىندىك قېنىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلگەندەك، رىسقىممۇ مۇشۇ شەھەرگە چېچىلغان ئىكەن.
ئاپام يەنە بىر مەنىدىكى ئانا ئىدى. ئۇ كېچە-كېچىلەپ كىر يۇيۇپ، ئۆي تازلاپ، بىز ئالتىمىزنىڭ ناشتىلىقىنى تەييارلىۋىتىپ چارچىدىم دىمەي تاڭ سەھەردە ئىشقا ماڭاتتى. كەچلىكى ئىشتىن كېلىپلا يەنە قازان بېشىغا ئۆتەتتى. نە كېچە، نە كۈندۈز تىنىم تاپمايتتى.
ئانام مېنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ ھەر ھەركەتتە بىر تەربىيلىگەن بولسا، ئاپام ماڭا سېتكا تۈزۈپ بېرىپ تەربىيلەيتتى.
كۈندە كەچلىك تاماقتىن كېيىن قاتار ئولتۇرۇپ دەرس تەييارلايتتۇق، ئاپام يېنىمىزدا دائىم بار بولاتتى. ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، بىزنىڭ دەرس تەييارلىشىمىزغا سەل قارىغان ئەمەس، قايسىمىزغا نىمە لازىم، ئۇ بىزدىنمۇ ياخشى بىلەتتى، خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدا.
بىزنى ئەڭ ئالدىغا تىزىپ، ئۆزى ھەممىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكىنىنى، ھاردىم تالدىم دىمەي بىر ئۆمۈر جاپا چېكىپ قارىسا مەزمۇت قارغايدەك، بىراق چارچاشتىن ئىچى ئىچىدىن كېسەل بولۇپ سالامەتلىكىنى كېرەكتىن چىقارغانلىقىنى ئويلىسام، مېنى ئانامغا ئاپىرىپ بېرىپتىكەنسەن دەپ يامانلىغانلىرىمدىن ئۆلگىدەك نومۇس قىلىمەن.
ئاناممۇ كەتتى، ئاپاممۇ كەتتى. مانا ئىزىدىن مېڭىپ بىزمۇ كېلىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ چامدانلىرىدا ئۈچ قۇر كىيىمى يا بولىتى يا بولمايتتى، ئېشىنسا بالام دەپ تـۈگۈنچە تۈگەتتى، بىراق بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ئىشكاپلارغا پاتمايدۇ.
بىزمۇ بالام دەيمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، بالىلىرىمىزنىڭ نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تىڭشاپ باقمىدۇق، تارايغان ئۆزىمىز ھەم ئۆزلىكىمىزنىڭ كەسكىن كېسىشكەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ كاللىمىزنى قاتتىق سىلكىيدىغان ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز.
دىمەك ...ئانام بىر پىيالە چاي، ئاپام بىر پىيالە چاي. مەن پەقەت بالام ئۈچۈن چىرايلىق قۇتىغا قاچىلانغان كوكا كولا خالاس.