illikdunya.biz abduheni
يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1394
شۆھرىتى: 59540 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 59978 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 825 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

     قىيىنچىلىق دىگەن سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا خالاس.

تۇرمۇشتا يا ئۇنداق يا مۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، ئەمما ھەربىر باسقۇچتىكى قىيىنچىلىقنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزىدە قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرلەشكە، بەزىدە قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرلەشكە، بەزىدە قىيىنچىلىقنى ئۇنتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مۇنداق بىر ھېكايە بار: بىر قىتىملىق تۇرمۇش-سەنئەت لېكسىيە پائالىيىتىدە پىرافىسور سۇ قاچىلانغان بىر ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ ئولتۇرغانلاردىن سورايدۇ:

  —  ئېيتىپ بېقىڭلار بۇ ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك؟

  — 50گرام،100گرام،125گرام...-كۆپچىلىك بەس-بەستا جاۋاب بەردى.

  —  ئىستاكاننىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنى بىرەر مىنۇت كۆتۈرۈپ تۇرسا ھارغىنلىق يەتمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق،- دېدى پىرافىسور،- مەن دېمەكچى، ئەگەر بۇنى بىرقانچە مىنۇت كۆتۈرۈپ تۇرسا قانداق بولىدۇ؟

  —  ھېچنىمە بولمايدۇ- كۆپچىلىك بىردەك جاۋاب بېرىشتى.

  —  ئۇنداقتا بۇ ئىستاكاننى ئۇدا بىرقانچە سائەت كۆتۈرۈپ تۇرسىچۇ؟

  —  بىلەك بىرئاز ئاغرىغاندەك بۇلىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى بىرەيلەن.

  —  توغرا ئېيتتىڭىز، ئەگەر بۇ ئىستاكاننى بىر كۈن كۆتۈرۈپ تۇرسىچۇ؟- دەپ سورىدى پىرافىسور داۋاملاشتۇرۇپ.

  —  بېلەك ياغاچتەك قېتىپ قالىدۇ، ئاغرىيدۇ، ئېھتىمال دوختۇرخانىغا بېرىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن،-دېدى بىرەيلەن يۈرەكلىك ھالدا.

  —  ياخشى! مەن ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا، ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟-دەپ سورىدى پىرافىسور.

تۆۋەندىكى ئولتۇرغانلار بىردەك«ياق» دەپ جاۋاب بەردى، پىرافىسور مۇنداق سوئال سوراپ كۆپچىلىكنى گۇمانىي نۇقتىغا يېتەكلىدى:

  —  ئەمىسە ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا، بىلەك نىمىشقا ئاغرىيدۇ، نېمىشقا قېتىپ قالىدۇ؟ بېلەكنى ئاغرىمايدىغان قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟

  — ناھايىتى ئاسان ئىستاكاننى قويۇپ قۇيۇش كېرەك- دەپ جاۋاب بەردى بىرەيلەن قىزىقچىلىق قىلىپ.

  —  ئىنتايىن توغرا، بۇ ھەرگىزمۇ قىزىقچىلىق ئۈچۈن قىلىدىغان گەپ ئەمەس،- دېدى پىرافىسور،-ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر قۇلۇمدىكى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنى كۆڭلىمىزگە بىر قانچە مىنۇت قويۇپ قويساق ھېچ گەپ ئەمەس، ئەگەر ئۇزاققىچە تاشلىۋەتمەي، ئۇنتۇپ كەتمەي يۈرسەك يۈرىكىمىزنى زىدە قىلىشى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، روھىمىزنىمۇ چىرىتىپ، ھېچقانداق ئىش قىلالماس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

     تۇرمۇشتا بەزى قىينچىلىقلارنى ئىرادە بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە،يەنە بەزى مۇھىم بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى يۈك قىلىۋىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ. بىر ئىستاكاننىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى ھېچ گەپ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى بىزنى بىر ئۆمۈر قەد كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنداق قىيىنچىلىقنى ۋاقتىدىلا چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.

    دوستۇم قەددىڭىزنى رۇسلاڭ ،ئالدىڭىزدا سىزنى ئۇلۇغ -ئۇلۇغ ئىشلار  كۈتۈپ تۇرىدۇ ، يۇدىۋالغان ئېغىر يۈكلەرنى ئەمدى تاشلىۋىتىڭ ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەڭ ،قىيىنچىلىق دىگەن ئادەمنى تاۋلايدۇ ،ئۈزىڭىزگە ئىششىنىڭ ،بىزمۇ سىزگە نۇرغۇن ئۈممۈتلەر بىلەن ئىشىنىپ كىلىۋاتىمىز .

   ئاخىردا شۇنى سەمىڭىزگە سالماقچىمەن :
                                    سىزنىڭ قەلبىڭىزدە يۈكسەك قىزغىنلىقلا   بولىدىكەن سىز قىيىنچىلىقتا قالمايسىز .(كەسىپ،خىزمەت،تۇرمۇش ھەممىسنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ ).
                              

                      قەلبىڭىزگە قىزغىنلىق مەڭگۈ يار بولسۇن
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-30 19:21 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 912
شۆھرىتى: 9290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9450 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1018 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئادەمىنى ئۈمۈدۋار بۇلۇشقا ئۇندەيدىغان ياخشى تىما ئىكەن بۇ....
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-30 22:47 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1316
شۆھرىتى: 13485 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22488 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1364 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىما ياخشى تىما بۇ تىمىنى ئەمىلىيەت يۈزلەندۇرۇش بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزدۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-31 11:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 518
شۆھرىتى: 5380 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6171 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 618 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 164(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تېما ئىكەن ! تۇمۇزدا كەلگەن رامازاننىڭ ئەندىشىسىنىمۇ چۆرىۋېتەيلى دوسلار ! ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەيمەن !
udum
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-31 14:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 728
شۆھرىتى: 7400 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7540 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 805 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تىمىكەن رەھمەت سىزگە
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-04 13:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا