oznur.cn abduheni
شاھزادە
دەرىجىسى : VIP ئەزا


UID نۇمۇرى : 761
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 286
شۆھرىتى: 3065 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3269 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 370 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى شىرىن ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-07-29)
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
  ئەسسىلام قېرىنداشلار، يېقىندىن ياقى كۆڭلۈم پاراكەندە. سەۋەبى مۇنداق:     ئۆزۈم ئىچكىرىدە ئۇزۇن يىل يۈرگەنلىكتىنمۇ، دائىم بازاردىن خەنزۇچە ماركىلىق يىمەكلىك سېتىۋالغاندا تەركىبىگە بەك دىققەت قىلاتتىم،ھەر بىر تەركىپنىڭ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى ئايرىم ئايرىم تەكشۈرۈپ ئۆزۈمنى خاتىرجەم قىلىپ ئاندىن ئىستىمال قىلاتتىم،شۇنداقلا بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئىسلام دىنىدا ئستىمال قىلىش چەكلەنگەن تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئەتراپىمدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتىم. خىيالىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان ئىش شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە يىمەكلىكلىرىدىمۇ بۇ تەركىپنى بايقاپ قالدىم...قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. دىگەندەك، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى ئۇيغۇرچە،لېكىن "مۇسۇلمانچە" دەيدىغان بەلگە يوق زاۋۇت ئادرىسىمۇ ئىچكىرىنىڭ ئىدى.
      گەپنى ئۇزىراتماي، تۆۋەندە يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى مۇسۇلمانلار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان تەركىپلەردىن ئىككىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
  
1.起酥油:  بۇماي يانا ئاق ماي دەپمۇ ئاتىلىدۇ،كۆرىنىشتە ئاپپاق بولۇپ چوشقا مېيىغا ئوخشاپ كىتىدۇ،起酥油يىمەكلىك سانائىتىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىلدىغان مايلىرىنىڭ بىرى . ئادەتتە شەكىللەشتۈرۈش ياكى قويۇقلۇقى بولغاچقا، پىچىنە پىرەنىكلەرنىڭ قۇشۇمچە ماتىرىيالى قىلىنىدۇ. ئادەتتە يىمەكلىكلەرنى چۈرۈكلەشتۈرۈش ياكى يۇمشىتىشتا ئىشلىتىلدۇ،ئاقسىل ھەم كاربوناتلىق بىرىكمە پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قاتتىق بوپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ،تەمىنى ياخشىلايدۇ.
دەسلەپتە،起酥油چوشقا يېغىنى كۆرسىتەتتى. كىيىن ھېدروتلۇق ئۆسۈملۈك يېغى ياكى باشقا ھايۋاناتلارنىڭ مېيىدىن ياسالغان 起酥油 سېتىلىشى چوشقا مېيىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. ماينىڭ كىلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا،ھايۋانات 起酥油مېيى ۋە ئۆسۈملۈك 起酥油مېيى ، قىسمەن ھېدروتلۇق ۋە پۇتۇن ھېدروتلۇق دەپ تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.起酥油نى بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. (بەزى سۆزلۈكلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قىينالغانلىقتىن كېرەكلىك قىسىمىنى تەرجىمە قىلدىم.تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز توردىن تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ)  
  
2.明胶: يىمەكلىكتە ئىشلىتىلدىغان 明胶 چوشقا ،كالا ،خېچىر،ئات قاتارلىق ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسىنى تازلاپ ،باكتىرىيەسىنى ئۆلتۈرۈپ شىرنىلەشكۈچە ھورلاپ ئاندىن سۇسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق ياسىغان ماددا. ئادەتتە يىمەكلىكلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. (بەزى سۆزلۈكلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قىينالغانلىقتىن كېرەكلىك قىسىمىنى تەرجىمە قىلدىم.تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز توردىن تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ)
  
      گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كىلەي. ئۆتكەندە ئۆيدىكىلەر مېنى كۆرگىلى كەلگەندە مېنى يىيىشكە ئامراق دەپ ئۇيغۇرچە شاكىلات ئالغاچ كەپتۇ،مەن خوشلىقىمدىن تازا يەپتىمەن. بىركۈنى يىگەچ ئولتۇرۇپ تەركىبىگە قارىسام 起酥油 دەپ تۇرىدۇ،چۆچۈپ كەتتىم.ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتتىن بۇنداق چىقار دەپ قەتئى ئويلىماپتىمەن.
       مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ ماينىڭ قانداق مايلىقىنى ئەسكەرتمىگىنىگە ھەم زاۋۇت ئادرىسى ئىچكىرىنىڭكى ئىكەنلىكىگە "مۇسۇلمانچە" دەپ خېتى يوقلىقىغا قاتتىق غەزەپلەندىم ؛ئۇيغۇرچە يېزىق ئارقىلىق ئۇيغۇرلىرىمىزنى ئازدۇرغانلىقىغا قاتتىق غەزەپلەندىم؛ئۆزەمنىڭمۇ ئاشۇ ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىمدىن قاتتىق غەزەپلەندىم!!!!
     بىلمىدىم،قانچىلىغان ئۇيغۇرلىرىمىز، مۇسۇلمانلىرىمىز بۇ توزاققا چۈشۈپ كەتتىكىن~!
     ھەقىقەتەن ،بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ، ئارمان، ئىخلاس قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشەنچىلىك تاۋار ماركىسى بولۇپ كەلمەكتە، لېكىن بەزى بايا دەپ ئۆتكەندەك مەھسۇلاتلار خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قالدۇرۇپتۇ.

مانا بۇ مەن بايقىغان كەمپۈتلەر... تەركىبىنى ئېنىق تارتالمىدىم،لېكىن قېرىنداشلار بۇ كەمپۈت ئۇچراپ قالسا دىققەت قىلىپ باقسا بولىدۇ.


    يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇمنىڭ خاتىرىسىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش يازمىدىن بىرنى كۆرگەنتىم،شۇ ۋاقىتتىمۇ بەك ئۈمۇتسىزلەنگەنتىم ، ئەمدى ئۆزەمنىڭ بېشىقا كەلدى بۇ ئىش.



ئەلۋەتتە، بىر خىل يېزىق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ،لېكىن يېزىق بىر مىللەتننىڭ خاس خۇسۇسىيىتى،مىللەتنىڭ تۈپكى بەلگىسى،ئۇيغۇر يېزىقىمۇ شۇنداق،مېنىڭچە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى مۇسۇلمانچە بولمىسا ئۇيغۇرچە يېزىق قوللىنىپ مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرماسلىقى كېرەك،ئەگەر مۇسۇلمانچە بولسا چوقۇم "مۇسۇلمانچە" دىگەن بەلگىنى قويۇشى كېرەك!!!شۇنداقلا ھېلىقىدەك ئېنىقسىز تەركىپكە ئىزاھ بېرىشى كېرەك~!!!  شۇڭا قېرىنداشلار يىمەكلىك  سېتىۋالغاندا ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەسمۇ دىگەنگە ئەمەس بەلكى تەركىۋىگە دىققەت قىلىڭ.
  
    بۇ خىل ئېنىق بولمىغان مەھسۇلاتنى بۈگۈن مەن سېتىۋالدىم،ئەتە سىز سېتىۋالسىز،ئۆگۈنلەككە ئۇرۇق-تۇغقانلار سېتىۋالسا... مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز نەدە قالىدۇ؟
  
    بۇنداق ئەھۋالنى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ كۆپچىلىكنىڭ قارىشى قانداق؟ مۇنازىرىلىشىپ باقساق...
بۇ تىما ئۇچۇرۇلمىسىكەن .
مەنبە .دوستۇم
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-29, 05:12

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( شاھزادە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تىرىشايلى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-29 10:25 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھزادە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nawruz
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 3414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرىتى: 10 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇف قانداق قىلارمىز ،ھازىر مۇز كالتەكلەر(بىڭگۇر)لارمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن .......................
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 16:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nawruz ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/