oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
تامچە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرىتى: 330 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 230 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 37 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رامىزان ئېيىدا كۈندۈزدە ئاشخانا ئېچىشقا بولامدۇ؟



رامىزان ئېيىنى روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ((رۇخسەت ياكى كېسەلسىز رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ)) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇدلار سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان.



رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان كىشىمۇ ئاسىيلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ، ھارامغا ئېلىپ بارغان ئىشمۇ ھارام بولىدۇ، روزا تۇتمىغان ئادەمگە ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق تەقدىم قىلىش ئۇنىڭ بۇ ئاسىيلىقىغا رازى بولۇپ ھەمكارلاشقان بولىدۇ.



كېيىنچە ھالال ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ساتىدىغان دۇكىنى بار كىشىلەرنى توسۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاسىيلىقنى كۆز ئالدىدا كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالغان كىشىلەر ئۇ يېمەكلىكلەرنى ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە ئىستىمال قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارنى توسماسلىق كېرەك. بۇنداق دۇكانلاردىن بىر كىشى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۈندۈزدە يېسە گۇناھ پەقەتلا يېگۈچىگە بولىدۇ، ساتقۇچىغا بولمايدۇ.



ئەمدى يېمەك-ئىچمەك شۇ جايدا ئىستىمال قىلىنىدىغان ئاشخانا، رېستۇران، چايخانا ۋە ياكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلىكلەر دۇكانلىرىغا كەلسەك، بۇ ئورۇنلاردا رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىنىدىغان بولسا، بۇ يەردە ئۆزرىسىز روزا تۇتماي يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلغانلار بولسا، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك سېتىش ۋە سۇنۇش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلمىش ئاسىيلىققا ياردەم ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ.



خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىسىزلار بىلەن ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇپ مەسىلەن بەزى ئۈرۈمچىدىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر شەھەرلىرىدىكى ۋە ياكى مۇسۇلمانلار كۆپچىلىكنى ئىگەللەيدىغان قەشقەر ۋە خوتەندەك بەزى شەھەرلەرنىڭ قاتناش بېكەتلىرى ئالدىدىكى ئاشخانىلاردەك كۆپىنچە مۇساپىر كىشىلەر كېلىدىغان ئاشخانىلاردا، ياكى دوختۇرخانىلار ئالدىدىكى كۆپىنچە كېسەل ۋە ئۆزرىلىك بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانىلاردا بولسا كۈندۈزدە ئاشخانىنى ئاچماي كېچىدە مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق سورۇنلاردا كۈندۈزدە مۇلازىمەت قىلىش كىشىلەرنى روزا تۇتماسلىققا تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغلايدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ نامىنى تۆكىدۇ ۋە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرىدۇ. بۇ يەردە ئەۋزەل دېگىنىمىز مەخسۇس بۇنداق ئۆزرىلىكلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقانلارغا ئاچقانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ كۈندۈزدە ئاچمىغىنى ئەۋزەل دېگەنلىك بولىدۇ.



ئۇنداق بولىدىكەن خوجايىنلارنىڭ رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئىش-ئوقەتنى تازا تىرىشىپ قىلىۋېلىپ رامىزان كىرگەندە باشقا چەكلەنمىگەن مۇناسىپ ئىش -ئوقەت بولسا قىلىپ، بولمىسا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغىنى تۈزۈك، دۇكىنىنى كۈندۈزدە ئاچمىغىنى بىلەن پۈتۈن كىچە ئاچسا بولىدىغۇ؟



بارلىق خېرىدارلىرى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان ئاشخانىلار بولسا، رامىزان ئېيى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاچماسلىق ئەۋزەل.



رامىزان كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىپ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا گۇناھكار بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلاردىن روزا تۇتۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار كاپىرلارمۇ تائەت ۋە ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقۇچى گۇناھكار بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش جانلىق ۋە كۈچلۈك، شۇڭا بۇ قاراش بويىچە رامىزان كۈندۈزىدە غەيرىي مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا ئاچماسلىقنى تەرجىھ قىلىپ ئاچماسلىق ئەۋزەل دېدۇق.



ئومۇمەن يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى رامزاندا ئېچىپ رامىزان ھۆرمىتىنى قىلمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋە ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەن كىشىلەرگە قارىتا مۇسۇلمانلار جامائىتى نەپرەت ۋە نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىت قىلىشى ۋە سۆكۈشى شۇنداقلا ئۇلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە چۈشەندۈرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئۇنىماي ئاشخانا ئاچقانلارغا قارىتا نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇش كېرەك، ئەمەلىي جەھەتتىن ئۇ ئاشخانىدىن بىر نەرسە ئالماي باشقىلاردىن ئېلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.



بىراق بەزىلەر مەجبۇر ھالەتتە رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىشقا زورلانغان بولىدۇ، بۇلار غەيرەت بىلەن ئاچماي تۇرالىسا ئەڭ ياخشىسى شۇ، بىراق ئېغىر كېلىدىغان دەرىجىدە ھەقىقىي زورلاش بولۇپ قالسا، ئاچسا گۇناھ بولماس ئىنشائاللاھ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۈممىتىمدىن خاتالىق، ئۇنتۇش ۋە مەجبۇرىي زورلۇق بىلەن قىلغان ئىشلىرىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىۋېتىلدى)) دېگەن.



مەنبە : مەرىپەت مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-29, 02:23

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( تامچە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-28 21:26 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تامچە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1214
شۆھرىتى: 12410 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12620 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1360 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!ياخشى تىمىكەن بۇ!
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 12:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاققۇ
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3466
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرىتى: 310 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 310 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 32 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھە قىقەتەنمۇ بەكلا ياخشى تىمىكەن بۇ. قۇلىڭىزگە دەت بەرمىسۇن ئا للاھ ئىگەم، كۆپتىن ــ كۆپ رەخمەت..........................
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 13:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاققۇ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 594
شۆھرىتى: 6325 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 879 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 667 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەپسۇس ، بىزنىڭ ئاشخانىنى رامىزاندا تاقىساڭلار بولمايدۇ دەپ ئالاھىدە ئۇختۇرۇش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغىلى سالدى.
بىزنىڭ يۇرىتتا رامىزاندا ئاشخانا ئاچمىغانلارنىڭ ئاشخانىسىنى ئالتە ئاي تىقارەتتىن توختىتىپ ، 2000يۈەندىن-5000يۈەنگىچە
جەرىمانە قويىدۇ. ئەگەر قانۇندىن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دوسلار بولسا بىر ئىزاھات بەرسەڭلار، بۇئىشلار قانۇندا بەلگىلەنگەنمۇ؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 16:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69660 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70098 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 837 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىشاھ تائامنىڭ2011-07-29 16:53دە يوللىغان يازمىسى  :
ئەپسۇس ، بىزنىڭ ئاشخانىنى رامىزاندا تاقىساڭلار بولمايدۇ دەپ ئالاھىدە ئۇختۇرۇش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغىلى سالدى.
بىزنىڭ يۇرىتتا رامىزاندا ئاشخانا ئاچمىغانلارنىڭ ئاشخانىسىنى ئالتە ئاي تىقارەتتىن توختىتىپ ، 2000يۈەندىن-5000يۈەنگىچە
جەرىمانە قويىدۇ. ئەگەر قانۇندىن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دوسلار بولسا بىر ئىزاھات بەرسەڭلار، بۇئىشلار قانۇندا بەلگىلەنگەنمۇ؟

بۇنداق ئىشمۇ بارما تېخى ما ئىشنى كۆرۇڭ ئۇزىنىڭ ئاشخانىسىنى ئۆزى خالىغانچە تاقىيالمىسا قانداق بوپكەتتى
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 18:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69660 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70098 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 837 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېيما ئېگىسى تامچە گە رەھمەت.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-29 18:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سىمىز
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرىتى: 2370 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 244 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىز تەرەپلەدە  ئاشخانىنى تاقاشنى نىيەت قىلغانلار بىرەر ئاي بۇرۇن ئېلان چىقىرىپ ئاشخانىنى زىنەتلەش نامى بىلەن تاقايدۇ . بۇمۇ بۇلدىغان ئۇسۇل
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-30 01:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سىمىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 594
شۆھرىتى: 6325 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 879 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 667 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىسىمىزنىڭ2011-07-30 01:12دە يوللىغان يازمىسى  :
بىز تەرەپلەدە  ئاشخانىنى تاقاشنى نىيەت قىلغانلار بىرەر ئاي بۇرۇن ئېلان چىقىرىپ ئاشخانىنى زىنەتلەش نامى بىلەن تاقايدۇ . بۇمۇ بۇلدىغان ئۇسۇل

ئۇغۇ ياخشى ئۇسۇلكەن، بىراق بىرئايبۇرۇن ئاشخاننى تاقاپ، رامىزاندا بىر ئاي ئاچمىغاننى ھىساپلىساق، بىريىلدا 10ئاي تىجارەت قىلدىكەنمىز. ھازىرقى مال باھاسىنى ۋە ئۆي ئجارىسىنى
ھەممىڭلار بىلىسىلەر، بۇنداق تىجارەت قىلىپ قانداق جان باققىلى بولىدۇدەيسىلەر.  رامىزاندا ئېچىش ، تاقاش ئىشلىرىغا ئارلاشمىسا بولاتتى ئەسلى.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-30 08:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 299
شۆھرىتى: 3195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3300 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 354 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىشاھ تائامنىڭ2011-07-30 08:54دە يوللىغان يازمىسى  :

ئۇغۇ ياخشى ئۇسۇلكەن، بىراق بىرئايبۇرۇن ئاشخاننى تاقاپ، رامىزاندا بىر ئاي ئاچمىغاننى ھىساپلىساق، بىريىلدا 10ئاي تىجارەت قىلدىكەنمىز. ھازىرقى مال باھاسىنى ۋە ئۆي ئجارىسىنى
ھەممىڭلار بىلىسىلەر، بۇنداق تىجارەت قىلىپ قانداق جان باققىلى بولىدۇدەيسىلەر.  رامىزاندا ئېچىش ، تاقاش ئىشلىرىغا ئارلاشمىسا بولاتتى ئەسلى.

ئىپتارلىق بىلەن زۇھۇرلۇق بېرىپ ئېچىڭ ،،،بۇنىڭدا سىز تاقىمىغان بۇلىسىز ،،،
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-30 10:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69660 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70098 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 837 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ گەپ بولىدىكەن ، ئاتەش رەنانىڭ پىكرى ئۇرۇنلۇق .رامىزان ئېيىدا يېقىن ئەتىراپتىكى بىرەر مەسجىتنى ئىپتارلىققا چاقىرىڭ ، چوڭ ساۋاب بۇ ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن تېخىمۇ يۇرۇشىدۇ سودىڭىز.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇڭۇشلۇق تىلەيمەن . شۇنداق قىلىڭ كۆڭلىڭىز ئازادە بۇلۇپ قالىدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-30 15:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا