مەھرۇم قىلدىڭ تالاي بەخىتتىن،
رەسۋا قىلىپ بولدۇڭ قانغۇچە.
ئەمدى ئىچسەم ئىچىمەن زەھەر،
بولدى ،ئۆلەي سېنى ئىچكىچە.
بوغۇۋەتتىڭ تالاي قەرزلەرگە،
قىلىۋەتتىڭ شۇنچە قەدرسىز.
ئاچ قالمايتتى بىچارەقورساق .
سېنى ئىچىپ يۈرمىسەم ھەرگىز.
بېغىشلىدىڭ مەڭگۈلۈك ھەسرەت،
ئاچچىق ئازاپ،دەرتنى يەتكۈچە.
بولدى، ئەمدى سۇنۇڭلار پىچاق،
ماڭا ئەمدى ھاراق سۇنغۇچە.
مەنبە؛قومۇل شەھىرى راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانى 3-دېۋىزىيىدىكى قەييۇم مۇھەممەت شېئېرلىرى(خېلى بۇرۇنقى يىغىپ توپلانغان شېئېرلار ئىدى،خاتىرەمدە ساقلىغىنىمدىن كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام باشقىلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.)
[ بۇ يازماگۈلشادەمتەرپىدىن2011-07-24 03:32دە قايتا ت ]