oznur.cn abduheni
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 595
شۆھرىتى: 6260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7131 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 732 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.

ئىسلام دىنىدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى بولغان "روزا تۇتۇش" ئىبادىتى بولسا، ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلاردىمۇ پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ئىبادەتلەردىن بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى روھانىيەتنى پاكلاپ، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، سەۋىرچانلىققا يېتەكلەپ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشقا ئادەتلەندۈرىدىغان، ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەجرى بۈيۈك ئىبادەتلەردىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى(يەنى تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشىڭلار ئۈچۈن) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش يولىدا بەس-بەس بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ گۇناھ مەسىيەتتىن قول ئۈزىدىغان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى جانابى ئاللاھ مەدھىيىلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ناھايىتى بۈيۈك ئەجىر ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.» [سۈرە ئەھزاب 35-ئايەت].

ئىنسان ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك ئازابلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق بىشارەت بېرىدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، روزا قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان قالقاندۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

روزا ئىبادىتى بولسا، جەننەتكە كېرىشتىكى توساقسىز داغدام يولدۇر. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، يا رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرسىلە دېسەم، رەسۇلۇللاھ: "روزا تۇتقىن، ئىبادەتلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق"» دېدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مورىسىدىن، مېھمان كەلگەندىن باشقا ۋاقىتتا كۈندۈزى تۇتۇن چىققىنى كۆرۈنمەيتتى. [ئىبنى ھەببان رىۋايىتى].

جانابى ئاللاھ روزا تۇتقۇچىغا مەرھەمەت قىلىپ، جەننەت دەرۋازىلىرىدىن روزىدارغا ئىشىك خاسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن زورىداردىن باشقا ھېچكىشى كىرەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە سەھلە ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، جەننەت ئىشىكلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى "رەييان" بولۇپ، قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن روزىدارلارلا كېرىش سالاھىيىتىگە ئىگىدۇر، روزىدارلار كېرىپ بولغاندىن كىيىن ئىشىك تاقىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان "رەييان" ئۇسسۇزلۇققا قېنىش، يەنى تەشنالىقنىڭ ئەكسى مەنىسى بولۇپ، بۇنى تەپەككۇر قىلغان كىشى، رامىزان ئېيىدىكى تەشنالىق بەدىلىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە روزىدارغا مەرھەمەت قىلىدىغان ئۇسسۇزلۇقنىڭ نەقەدەر بۈيۈك مەرھەمەت ئىكەنلىكىنى، روزا تۇتماستىن رەببىنىڭ ئەمرىگە گەدەنكەشلىك قىلغان كاپىرلارنىڭ بۇ نېمەتتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. دوزاخ ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ بۇ ھەقتىكى دېئالوگلىرىنى قۇرئان كەرىمدە خەۋەر بېرىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: "سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!" دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): "ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان" دەيدۇ.» [سۈرە ئەئراف 50-ئايەت].

مۇسۇلمان شەرىئەتتە بۇيرۇلغان بارلىق ئەمەللەرنى ئىشلەشتە، نىيەتنىڭ خالىسلىقى،  ئەمەلنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۆلچەم قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىش ئارقىلىق ئازابىدىن قۇتۇلۇش ۋە جەننىتىنى قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار قەلبتە ئورۇنلىشىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكە ئايلانسا، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىپ، قىيامەتتە جەننەتكە رەييان ئىشىكىدىن كىرگۈچىلەر قاتارىدىن قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە : http://www.islamhouse.com/p/355889
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-24, 02:38

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-23 01:30 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆركۈم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3291
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرىتى: 290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 350 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 32 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆپ رەھمەت. جاپا چېكپسىز!
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 16:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۆركۈم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 749
شۆھرىتى: 7720 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 841 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت سىزگە                       
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 16:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 299
شۆھرىتى: 3195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3300 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 354 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئالدىمىزدا ئۇلۇق رامىزان ئېيى كىلىۋاتىدۇ ،،،،مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىزنى ئەھمىيەتلىك تىمىلار بىلەن دىدارلاشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۇر !!!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 16:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1215
شۆھرىتى: 12420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتت..   نائىلە
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 19:40 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69660 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70098 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 837 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

اللە رەھمەت قىلسۇن .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-27 18:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەجنۇن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 204
شۆھرىتى: 2090 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2090 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 219 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-28 01:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەجنۇن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا