oznur.cn abduheni
نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 595
شۆھرىتى: 6260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7131 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 732 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن


ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! رامىزان ئېيىغا ساناقلىق بىرنەچچە  كۈنلا قالدى... بىز بۇ مۇبارەك ئاينى غەنىمەت بىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ئىبادەت مەۋسۇمىغا يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش ئاساسىدا بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن مۇكەممەلرەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم بولىدۇ.

بۇ مۇبارەك ئاي بولسا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەپسىمىزنى ئىبادەتكە ئادەتلەندۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك بىر پۇرسەت بولۇش بىلەن بىرگە، دىنى ۋە مىللى ئەخلاقى ئۆرپ-ئادەتلەرگە يات بولغان ئىشلاردىن ئۇزۇل-كېسىل قول ئۈزۈشىمىز ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەتتۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىز بىلىدىغان كىشىلەردىن ئۆتكەن يىلى رامىزاندا كۆرگەن ياكى بىرگە تەراۋىھ ئوقۇغان كىشىلەردىن بىرنەچچىسىنىڭ بۇ يىل رامىزانغا يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەن ۋە سىزمۇ بەلكىم كېلەر يىللىق رامىزاندا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولماسلىقىمىز مۇمكىن. ئىش ئۇنداق بولغانىكەن، -ئاللاھ يەتكۈزسە- بىز چوقۇم بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنى تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، ئىسلاھات ئېيى قىلىپ بېكىتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىگىچە( يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،( يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ». رەئد سۈرىسى 11-ئايەت.

ھەر بىرىمىز شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەنىۋىيىتىمىزنى ئىسلاھ قىلمىساق، ئائىلىمىزنى ئىسلاھ قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايمىز، ئائىلىمىزنى ئىسلاھ قىلالمىغانكەنمىز، جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىن ئېغىز ئىچىش يوق دېگەن گەپ. مەنىۋى ئىسلاھاتقا يۈزلىنىشىمىز بولسا، ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان باشلامچى ھەرىكەت بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىمىزنىڭ سائادەت ئىچىدە ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز. ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلار ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىغان دوزاخ ئازابىغا بىزنىڭ دۇچار بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بىز بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تولۇق ياخشىلىق ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. رامىزان ئېيىدىكى پەزىلەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەستىن ئۆتكۈزۈۋېتىش بولسا، مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ زىياندىن ئىبارەتتۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقتى-دە، ئۈچ قېتىم تەكرار ئامىن دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، خۇتبە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىز رەسۇلۇللاھتىن نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم تەكرار ئامىن دېگەنلىكىنى سورىۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ: مەن مۇنبەرگە چىقىۋاتقىنىمدا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! "رامىزان ئېيىغا يەتكۇزۇلۇپ، گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي" دەپ، ئامىن دېگىن دېدى، مەن ئامىن دېدىم. "ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى ھايات بولغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا خەيرى-ئېھسان قىلمىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي" دەپ، ئامىن دېگىن دېدى، مەن ئامىن دېدىم. "سېنىڭ ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنغاندا ساڭا دۇرۇت ۋە سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي" دەپ، ئامىن دېگىن دېدى، مەن ئامىن دېدىم.

يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەگەشمەي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغاننىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقى چۈشىنىۋالالايمىز. ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتى بولسا، ئاللاھنىڭ دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلغانلار ئۈچۈندۇر.

مۇسۇلمان رامىزان ئېيىنىڭ باشقا ئايلاردىن پەزىلەتتە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇھىمدۇر. بۇ ئايدا قەدىر كېچىسى بار بولۇپ، ئاينىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بوشاشماستىن، بۇ مۇبارەك كېچىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتكە  تىخىمۇ تىرىشىشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر.» [قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت].

ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ساۋاب ئۈمىد قىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە پەرۋەردىگارىغا كۆپ دۇئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش ۋە مۇناجات قىلىش ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكراق ئىبادەتكە بېرىلەتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ جەريانىدا ئۆزىنى پەقەت ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى ۋە زىكرىگە مەشغۇل قىلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە چىن قەلبى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىشى لازىم. ھەدىستە بايان قىلىنىشىچە: «رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

ئەمەلنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى، ياخشى ئەمەلنىڭ رامىزاندىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت داۋاملاشقانلىقىدۇر. بىز رامىزاندىكى ئىخلاس ۋە قىزغىنلىقنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نەپلە ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەركۈنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىفتىن ئاز مىقداردا بولسىمۇ ئوقۇشىمىز ۋە ھاياتىمىزدا مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ، لەززەتلەنگەن ۋە تائەت - ئىبادەت بىلەن نېمەتلەنگەندىن كىيىن پىسق - پۇجۇر ۋە گۇناھ - مەسىيەتكە قايتىۋالغان، ئاللاھنى رامىزاندىلا تونۇيدىغان كىشىلەر نېمىدېگەن ناچار كىشىلەر ھە!. ئاللاھنى ھەرماكان ۋە ھەرزاماندا تونۇيدىغان كىشىلەرگە، دائىمى مېھرىبان ئاللاھتىن خوش بىشارەت بولسۇن!.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلەپ، رامىزاندا ۋە رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە:http://www.islamhouse.com/p/357427
تېما تەستىقلىغۇچى : شىرىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-24, 02:38

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نائىلە )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-23 01:21 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 749
شۆھرىتى: 7720 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 841 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز رامىزان مەزگىلىدىلا ئەمەس بەلكى ھەرۋاقىت ئاللاھنى تونىشىمىز كىرەك!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 16:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1215
شۆھرىتى: 12420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 12630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 1362 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا دەيسىز!رامىزان مۇبارەكتە تىخىمۇ بەك تەقۋالىق قىلىشىمىز كېرەك.
كىتاپتىمۇ رەسۇل ئەكرەم  سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رامزان بۇبارەكتە كېچىسى ئۇيقۇدىن بىدار ئىبادەت قىلىغانلىقى توغرىلىق بىشارەت بار .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-24 19:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا