oznur.cn vip
غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 786
شۆھرىتى: 8420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10950 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 920 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز بېلىق گۆشى تەييارلىندىغان قورىمىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-07-21)
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئاساسلىق ئىستىمال قىلىنىۋاتقان تەملەر، ۋە تۈزۈلىشى

酸辣味
1- ئاچچىق - چۈچۈك تەم : ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، كاۋاۋچىن تالقىنى، ئاقمۇچ تالقىنى، غولپىياز توغرالمىسى،
زەنجىۋىل ، سامساق چانالمىسى، مۇچ قېقى چانالمىسى، پەمىدۇر قىيامى، جاڭيۇ، ئاچچىق سۇ دىن تەركىپ
تاپقان بولىدۇ، كۆپۈنچى ھاللاردا  لەغمەن قورىمىسىغا ئىشلىتىمىز
رەڭگى: قىزغۇچ، يىيىشلىك
糖醋味
2- تاتلىق-چۈچمەل تەم: ئاساسلىقى ئاچچىق سۇ ، شىكەر، سامساق چانالمىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ
تەمى تەڭشىلىپ ۋايىغا يەتكەندە قورىمىدىن چىققان ھورنى بىۋاستە بۇرىنىمىزدا پۇراپ تۇرۇپ گېلىمىزغا
سۈمۈرسەك  ئادەمنى قېقىلدۇرىدۇ ،
رەڭگى: قارامتۇل قىزغۇچ
تاتلىق -چۈچىمەل بىلىق < 糖醋随皮鱼 > ، تاتلىق-چۈچمەل ئومۇرۇتقا گۆش قورۇمىسى< 糖醋里脊 >
قاتارلىق قورۇملاردا ئىشلىتىلىدۇ ، كۆپۈنچە ئاشپەزلىك ساھاسىدە سەۋيە سىناش تەم تۈرى بولىدۇ
鲜鲜味
3- ياش تۇزلۇق تەم: ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، ئاقمۇچ تالقىنى، ئاز مىقداردا شىكەر، كۈنجۈت يېغىدىن
تەركىپ تاپقان بولۇپ،
رەڭگى : ئاق چىقىدىغان قورىمىلارغا ئىشلىتىمىز، مىسالى دۈگىلەك گۆمبىدەك گۆش قورۇمىسى
غولپىياز گۆش قورۇمىسى، يەنە يىشىل كۆكتاتلارنى قورۇشتا  كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
蒜呢味
4- سامساقلىق تەم: ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، كۈنجۈت يېغى، ئاق ئاچچىق سۇ، سامساق چانالمىسىنىدىن
تەركىپ تاپقان بولىدۇ،  
رەڭگى: ئاق چىقىدۇ ، ئىسىق، سوغوق قورىمىلاردا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مىسالى: سامساق تەملىك راك < 蒜呢大虾 > ، سامساق تەملىك يىسى پۇرچاق < 蒜呢豆角 >
سامساق تەملىك تەرخەمەك < 蒜呢黄瓜 > قاتارى قورۇمىلاردا ئىشلىتىلىدۇ،
麻辣味
5- كاۋاۋچىن تەم: ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، كاۋاۋچىن تالقىنى، ئاقمۇچ تالقىنى، جاڭيۇ، ئاچچىق سۇ،
مۇچ قېقى چانالمىسى، مۇچ تالقىنى ، غولپىياز توغرالمىسى ، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىسى ،
كاۋاۋچىن يېغىدىن  تەركىپ تاپقان بولىدۇ،
رەڭگى : قىزغۇچ ، تىلنى قورۇشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ ،
مەسلەن : كاۋاۋچىن تەملىك پۇرچاق ئۇيۇتمىسى < 麻辣豆腐 > كاۋاۋچىن تەملىك كالا گۆشى < 麻辣牛肉 >
كاۋاۋچىن تەملىك قېرىن < 麻辣肚子 >  ، كاۋاۋچىن تەملىك زىقلىق يىمەكلىك < 麻辣串 >
قاتارى  ئىسىق ، سوغاق قورىمىلاردا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ،
椒麻味
6- مۇچلۇق كاۋاۋچىن تەم : ئاساسلىقى تۇز تېتتقۇ، زەنجىۋىل، سىچۇەن قىزىل مۇچ قېقى، مۇچ يېغى
كاۋاۋچىن يېغى، غولپىياز، باش پىياز، پۇراقلىق دورا- دەرمان يېغىدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ،
رەڭگى : ئاققۇچ قىزىل ، يىيىشلىك ، ئىشتەينى قوزغاش رولى بار ، تىل قورۇشچانلىقى كۈچلۈك،
مىسالى  مۇچلۇق كاۋاۋچىن تەملىك تۇخۇ < 椒麻鸡 > مۇچلۇق كاۋاچىن تەملىك بۇلجۇڭ گۆش < 椒麻羊拐 >
قاتارى قورۇمىلاردا ئىشلىتىمىز،
甜味
7-تاتلىق تەم: ئاساسلىقى  شىكەر، ھەسەل ، مىۋە قەيامى، ناۋات ئىرىتمىسىدىن تۈزىلىدۇ
رەڭگىنى قورۇمىغا ئىشلەتكەن ماتىريالغا قاراپ خالىغانچە تاللىساق بولىدۇ،
كۆپۈنچە ھاللاردا يىپچە < 拔丝 > چىقىرىپ قورۇلغان قورۇمىلاردا ياكى مىۋىدە قورۇلغان
قورۇمىلاردا ئىشلىتىلىدۇ، مىسالى يىپچە چىقىرىلغان ئالما قورۇمىسى < 拔丝苹果 >
يىپچە چىقىرىلغان تاتلىق بەرەڭگە قورۇمىسى < 拔丝红薯 > چۈرۈك قورۇلغان ئاناناس قورۇمىسى
< 随皮菠萝 >  قاتارى
红油味
8- مۇچ يېغى تەمى: ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، مۇچ يېغى، ئاچچىق سۇ ، سامساق چانالمىسى، ياغ، كۈنجۈت،
كاۋاۋچىن تالقىنى، قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ ،
رەڭگى : قىزىل ، تۇزى تېتىغان ، ئاچچىق  ،،،،،،، مىسالى مۇچ يېغى تەملىك توخۇ تاشلىقى < 红油鸡胗 > ،
مۇچ يېغى تەملىك قېرىن < 红油肚子 > ، مۇچ يېغى تەملىك سىڭىر < 红油蹄筋  ، 红油板筋  >
قاتارلىق قورىمىلارغا ( كۆپۈنچى ھاللاردا سوغاق ئارلاشمىلارغا ) ئىشلىتىلىدۇ،
柠檬味
9- لىمۇن تەم: ئاساسلىقى  لىمۇن قىيامى، شىكەر، ھەسەلدىن تەركىپ تاپىدۇ،  كۆپۈنچى ھاللاردا
مىۋىدىن تەييارلانغان قورىمىلارغا ئىشلىتىلىدۇ، مىسالى لىمۇن تەملىك قوغۇن قەلەمچىسى < 柠檬瓜条 >
قىياملىق ئۈزۈم قورۇمىسى، < 蜜汁葡萄 > ھەسەل تەملىك چىلان < 蜜汁红枣 > قاتارى ئىسىق- سوغوق
قورىمىلاردا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.  رەڭگى قورىمىغا ئىشلەتكەن ماتىريالغا قاراپ تاللايمىز،
五香味
10- بەش خىل پۇراقلىق تەم : ئاساسلىقى سەككىز بۇرجەك < 八角 > ، قوۋزاق دارچىن < 桂皮 > ،
كاۋاۋچىن < 花椒 >، مىقدارچىن < 丁香 > ، پۇراقلىق يوپۇرماق < 香叶 >  سىچۈەن قىزىل مۇچى
، سامساق ، غول پىياز، زەنجىۋىل ، شىكەر، تۇز ، تېتتقۇ، ئاقمۇچ تالقىنى، كۈنجۈت يېغى
قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ،  
رەڭگى: قورۇمىنىڭ ئىشلىنىشى بويىچە،  قىزىل ، ياكى ئاق بولىدۇ
مىسالى چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى < 大盘鸡 > ، مىزىلىك پۇرچاق < 五香芸豆 >
سۇدا پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقى < 五香花生 > قاتارلىق ئىسىق- سوغوق تەييارلانغان قورۇمىلاردا ئىشلىتىلىدۇ،
鲜味 ، 本地味
11- يەرلىك تەم : ئاساسلىقى شور تۇز شاكرىپى، باشپىياز چانالمىسى، ياكى ( سۈيى ) پەمىدۇر چانالمىسى
بۇ تەم بىزنىڭ قەدىمدىن ساقلاپ كىلىۋاتقان زىيانسىز ئاساسى تەم بولۇپ ئائىلىلەردە تەييارلانغان
تونۇر كاۋاپ ياكى چاپلىما كاۋاپ  <  囊坑肉 > ، جاڭگال كاۋاپ < 沙滩肉 > ، دۈملىمە < 蒸肉 > ،
شورپا < 羊肉汤 ،清炖羊肉 > ، پولو < 抓饭 > قاتارلىق تاماق تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ،
风味
12- بۇمۇ ئاساسەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەمى بولۇپ ، كاۋاپ تەمى دەپ ئالدىم
ئاساسلىقى تۇز ، زىرە تالقىنى ، مۇچ تالقىنى ، باش پىيازسۈيى، ئاقمۇچ تالقىنى قاتارلىقلاردىن
تەركىپ تاپقان بولىدۇ، كاۋاپ تۇرىدىكىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ ،
椒盐
13- ئارلاشما تەم : بۇ نەچچە خىل بولۇپ، تۇز، زىرە تالقىنى، مۇچ تالقىنىدىن ياكى تۇز ، تېتتقۇ، كاۋاۋچىن تالقىنىدىن
ياكى تۇز ، تېتتقۇ ، ئاقمۇچ تالقىندىن، ياكى تۇز، تېتتقۇ، ئاقمۇچ تالقىنى، كاۋاۋچىن تالقىنىدىن ئارلاشتۇرۇپ
ئىستىمال ئىھتىياجىمىزغا قاراپ تەييارلايمىز،
كۆپۈنچە ھاللاردا مايدا داغلاپ پىشۇرۇلغان چۈرۈك قورىمىلارغا سىپىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ
香油味
14- كۈنجۈت يېغى تەمى : ئاساسلىقى تۇز، تېتتقۇ، يۇمغاقسۈت ، سامساق چانالمىسى، كۈنجۈت ، كۈنجۈت يېغى
يەرياڭىقى مېغىز تالقىنىدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ . كۆپۈنچە ھاللاردا سوغاق تەييارلانغان قورىمىلاردا
يەنى كۈنجۈت يېغىدا ئارلاشتۇرۇلغان يىڭنەسىمان گۆمبىدەك < 香油金针菇 > ئىشلىتىلىدۇ،
红烧味
15- قىزارتىپ دۈملەنگەن قورىمىلار تەمى: ئاساسلىقى تۇز ، تېتتقۇ، شىكەر، جاڭيۇ، مۇچ قېقى چانالمىسى،
پەمىدۇر قىيامى، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى، غولپىياز توغرالمىسى، زەنجىۋىل، سامساق توغرالمىسى، كاۋاۋچىن،
ئاقمۇچ تالقىنى ، قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ
رەڭگى قىزغۇچ  ،  مىسالى قىزارتىلغان بىلىق < 红烧鱼 >  ، قىزارتىلغان قوۋرىغا < 红烧牛،羊排 >
قاتارلىق قورۇمىلاردا ئىشلىتىمىز،
怪味
16- غەيرى تەم : بۇ ئاساسلىقى مۇشۇ بارلىق تەملەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ بىر تېتىشتا قايسى تەمگە
تەۋەلىكىنى ئايرىماق تەسرەك



红油
مۇچ يېغى تەييارلاش: قىزىل مۇچ تالقىنىنى سۇدا ھۆلدەپ ئىلەشتۈرۈپ كۈنجۈت ئارلاشتۇرۇپ
قازانغا ماي ئېسىپ قىزىغاندا تەييارلانغان مۇچ تالقىنى ئۈستىگە بىر چۈمۈچتىن قۇيۇپ
توختىماي ئىلەشتۈرۈپ تاكى ماينىڭ رەڭگى قىزىرىپ مۇچنىڭ ئاچىق تەمى مايغا
سىڭگۈچە بوش ئوتتا قاينىتىپ تەييارلايمىز،
三黑油
مۇچلۇق كاۋاۋچىن تەمىدە ئىشلىتىلگەن پۇراقلىق دورا-دەرمان يېغى
كاۋاۋچىن ، سەككىز بۇرجەك، قوۋزاق دارچىن ، پۇراقلىق يوپۇرماق، ئارىپ بەديان ،
مىقدارچىن ، شاكال بەديان ، سىچۈەن قىزىل مۇچى ، سامساق، زەنجىۋىل،
غولپىياز قاتارلىقلارنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا ماي ئېسىپ يۇقارقى ماتىرياللارنى سېلىپ
بوش ئوتتا ماتتىرياللار ساغىرىپ تەمى پۇرىغى مايغا ئۆتكۈچە قاينىتىپ
تەييارلىنىدۇ،
葱油
غولپىياز يېغى تەييارلاش: قازانغا ماي ئېسىپ پاكىز ئاقلاپ يۇيۇلغان غولپىيازنى پارچىلاپ
قازاندىكى مايغا سېلىپ بوش ئوتتا سارغايغۇچە قاينىتىپ مىزىلىك پۇراق چىقىپ تەمى
پۇرقى مايغا سىڭگەندە سۈزۈپ ئېلىۋىتىلىدۇ،


داۋامى  باردەك قىلامدۇ نىمە  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ھە

ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى سورايمەن
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاتەش رەنا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-19, 15:36

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( غەيرىتەم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+500(ئاشپەز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • مۇنبەرپۇلى:+50(ئاتەش رەنا) ئەھمىيىتى چو ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-19 15:30 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئەلقاينار
    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2578
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 469
    شۆھرىتى: 4990 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5140 دوللار
    تۆھپە: 6 ھەسسە
    ياخشى باھا: 572 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 168(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ  بۇ  
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-20 18:13 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلقاينار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تەم خۇرۇچلار,كوكتاتلار بىلەن تۇنۇشۇش
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/