ئاساسى ماتىريال: بىلىق 1 تال ، گوللاندىيە پۇرچىغى < 荷兰豆 > 150 گىرام ، قىزىل مۇچ 1 غوزەك
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز ، تېتتقۇ ، ئاقمۇچ تالقىنى، كۈنجۈت يېغى، شىكەر، غولپىياز، زەنجىۋىل ، سامساق،
تۇخۇم ئېقى، ھۆل كىراىمال،
ئىلەش ئۇسۇلى : 1- باسقۇچتا: بىلىقنى سۆڭكىدىن ئاجىرىتىپ نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغرىۋالىمىزدە
تەخسىگە ئېلىپ تۇز ، تېتتقۇ، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل ،
تۇخۇم ئېقى، ھۆل كىراخمال بىرىپ تەملەندۈرىمىز،
2-باسقۇچتا : گوللاندىيە پۇرچىغىنى پاكىز يۇيۇپ ئىككى ئۇچىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ ، قىزىل مۇچنى
پۇرچاق چوڭلىغىدا قەلەمچىدىن چوڭراق قىلىپ توغراپ تەييارلايمىز،
3- باسقۇچتا: قازانغا ماي ئېسىپ 3-4 دەرىجە قىزىغاندا توغرالغان بىلىق ئارسىدىكى سامساق، زەنجىۋىل،
غولپىيازلارنى ئىلغىۋىتىپ ، بىلىقنى قازانغا چېچىپ سېلىپ ، پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز، ھەم پۇرچاق مۇچلارنى
قازاندا سۇ قاينىتىپ چالا پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز،
4- باسقۇچتا : قازاندا ئاز ماي قالدۇرۇپ سامساق پىشۇرىۋالغان بىلىق، پۇرچاق ، مۇچلارنى سېلىپ
ئىككى ئۆرۈپ تۇز ، تېتتقۇ، شىكەر ، ئاقمۇچ تالقىنى سېلىپ قورۇپ
ئازراق سۇ قۇيۇپ ھۆل كىراخمال بىرىپ قويۇلدۇرۇپ كۈنجۈت يېغى بىرىپ تەخسىگە ئالىمىزدە
داستىخانغا ئېلىپ چىقىمىز،
ئالاھىدىلىكى: تەمى ياش تۇزلۇق تەم ، يىيىشلىك ، بىلىق گۆشى ئاق چىققان بولۇپ
ئاق ، يىشىل ، قىزىل رەڭلەر ئۆز ئارا ماسلاشقان بولىدۇ