باغ ئىچىدە بىر جۇپ قىز يىگىت،
باشلاپ قالدى سۆيگۈدىن سۆھبەت.
ياشلىق قەلبى دولقۇنلار ياساپ،
كۆزلىرىدىن چاقنار مۇھەببەت.
سۆزلىرىدە ۋاپا ساداقەت،
يىگىت بولغان ئىدى بىتاقەت.
يىگىت دىدى-ئاڭلىغىن يارىم،
بۇنچە ئازاپ سالما يۈرەككە.
ئىسىمىڭنى گۈل نەقىش قىلىپ،
چېكىۋالدىم مانا بىلەككە،
كۆڭۇل بەرمەي سەندىن بۆلەككە،
قالارمەنمۇ ئەمدى مەن دەرتكە؟!
يىگىت سۆزى بولماستىن تامام،
ئۆتۈپ قالدى بىر ساھىبجامال.
ئۇنتۈپ قالدى يىگىت يارىنى،
ئەقلى ئۇنىڭ بولغان ئىدى لال.
كاللىسىدا باشقا بىر خىيال،
كەلتۈرۈشكە ئىزلەيتتى ئامال.
قىزمۇ سەزدى يىگىت كۆڭلىنى،
ئايلانغانتى سۆيگۈ نەپرەتكە.
-سەن ساختىپەز ئەكەنسەن،-دىدى،
غەزەپ بىلەن يەنە يىگىتكە.
چەكسەڭمۇ گەر مېنى بىلەككە،
چەكمەي قاپسەن ئەمما يۈرەككە.
بېرەلمەيمەن ساڭا سۆيگۈمنى،
ئاڭلا نامەرت يۈرەك سۆزۈمنى.
سېنىڭ ساختا شىرىن سۆزلىرىڭ،
كور قىپتىكەن كۆڭۈل كۆزۈمنى.
ئاشكارلىدىڭ ئاخىر ئۆزۈڭنى،
خار قىلغۇم يوق ئەسلا ئۆزۈمنى.






