illikdunya.biz abduheni
شادىمان
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 2804
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 6 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  
                                 ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە كۆكتاتلار
      نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇقشۇناسلار ۋە ھۆسن تۈزەش مۇتەخەسىسلىرى كىشلەرگە كۆكتاتنى كۆپ يەپ بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ. كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ۋىتامىنلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار .كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ  بەرسە  قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردۇ .تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ گۈزەللەشتۈردۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بەزى كۆكتاتلارنىڭ ئالاھىدە تېرە ئاسراش رولى بار .


تۆۋەندە ھۆسن تۈزەش رولىغا ئىگە بىر نەچچە تۈرلۈك كۆكتات تونۇشتۇرۇلىدۇ.
             1  .  تەرخەمەك
  تەرخەمەكنىڭ تېرىنى قورۇش ۋە قورۇق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، تېرىسى قارا ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدۇ .يەنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەكنى يالپاق توغراپ يۈزگە سۈركەپ،بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۋەتسە يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈردۇ.

2. پەمىدۇر  
       1)    پەمىدۇر شىرنىسىگە ئازراق ئاق ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يۈز،قول ۋە بىلەككە سۈركىسە تېرىنى ئاقارتىدۇ ۋە يۇمشاق قىلىدۇ . بولۇپمۇ دانىخورەك چىققان يۈزگە ئىشلەتسە يۈزدىكى ماينى تۈگتىپ ،يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
    2) ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ ،پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چالا پىشقان پەمدۇرنى سىقىپ سۈينى چىقىرىپ ،يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ۋە شۇ تەرىقىدە ئەتگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن سۈرتسە يۈزنى پارقىراق،نۇرلۇق قىلدۇ .

                     3. كاۋا
    كاۋا قورۇق يوقىتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇردىغان ياخشى كۆكتات .
          1) كاۋىنى قىرىپ ،شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل ۋە سۇ قوشۇپ يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە 5 ~ 3 قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرغاندا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولدۇ .
           2)كاۋىنى ئاقلاپ،ياپىلاق توغراپ ،ئۇنىڭغا تەڭ مىقتاردا سۇ ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ ئېزىپ،مەلھەم بولغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە يۈزىگە سۈركەپ،ئەتىسى ئەتىگەندە يۇيىۋەتسە بولىدۇ.
3) ئاچچىق كاۋىنى ئېزىپ، شىرنىسنى چىقىرىپ ،تېرىگە سۈركىسە ھۆل تەمرەتكىنى يوقىتىپ، قۇرت ئۆلتۈردۇ.تەمرەتكىنى داۋالاپ قىچىشىشنى تۈگىتىدۇ.

                                4. ياڭيۇ  
     ياڭيۇنى ئاقلاپ ئەزگەندىن كېيىن ،تۇخۇم سېرىقى بىلەن سۈت ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن مۇۋاپىق دەرجىدە قىزىتىپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۈ بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قۇرغاق تېرە يۇمرانلىشىپ ،سىلىقلىشىپ، ئىلاستىكىىلىققا ئىگە بولدۇ .

5. سەۋزە  
     1) كۈندە بىر ئىستاكان سەۋزە شىرنىسىنى ئىچسە تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
      2) يېڭى سەۋزىنى ئېزىپ ،شىرنىسنى چىقىرىپ ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈركەپ ،قورغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك مېيى سۈركەلگەن قولياغلىق بىلەن سەپكۈن بار جاينى يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە يۈزدىكى سەپكۇننى چۈشۈرۈشتە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
      3) ئىككى باش سەۋزىنى قىرىپ،بىر قوشۇق ياڭيۇ تالقىنى ۋە بىر دانە تۈخۈم سېرقى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنىتتىن كېيىن ئاۋۋال ئلمان سۈدا،كېيىن سوغۇق سۈدا پاكىز يۇيۇۋەتكەندە تېرىنى يۇمران،پارقىراق قىلىدۇ.

6. سامساق  
    بىر چىش سامساقنى ئېزىپ ،بىر قوشۇق ھەسەل (ياكى تۇخۇم سېرقى ) قوشۇپ ،ئۇن بىلەن ئارلازتۇرۇپ 10 سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ،يۈزنى پاكىز يۇيۇپ سۈركەپ تەخمىنەن ئىككى مىنۇت ئەتىراپىدا تۇرغۇزۇپ ،ئىسىسىق سۈدا يۇيۇۋەتسە ،سامساقنىڭ پۇرقى چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.بو خىل ئۇسۇل بىلەن يۈزنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،تېرىنى قىزىل ،سىلىق قىلغىلى بولىدۇ.

7.مۇگۇ  
      مۇگۇ تەركىبىدە18 خىل ئامىنۇ كىسلاتاسى ۋە مول مىنېرال ماددىلار بىلەن مىكرو ئېلمېنىتلار بار .موگۇدىن ئىبارەت بو يىگىلى  بولدىغان يۇقىرى ئاقسىللىق زەمبۇرۇغىنى دائىم يىسە ،ئورگانىزىم تۇقۇلمىلرىنىڭ ‹‹قورلۇش ماتېرىيالى›› نى ئۈلۈكسىز تۇلۇقلاپ ،تېرىنى ئوزوقلۇققا ئىگە قىلىش ئارقىلىق سىلىق ۋە يۇمشاق  قىلغىلى ،چاچلارنى قارا ھەم پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ. موگۇنىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئېلىېمېنتلار   ۋە مول ۋىتامىن 12 ب ،ۋىتامىن د، ۋىتامىن  ئا  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ رۇخسارىنى گۈزەللەشتۈردىغان، چاچنى ئاسرايدىغان ۋە ئۇزۇقلاندۇرىدىغان ياخشى ماتىرياللار  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ،موگۇ ھەققەتەنمۇ ھۆسن گۈزەللەشتۇرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك بولۇشقا موناسىپ

8. ئاق تۇرۇپ  
    ئاق تۇرۇپنىڭ پوستىنى ئېزىپ ،شىرنىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەڭ مىقداردا قايناق سۇ قوشوپ يۈز يوسا ،تېرە سۈزۈك ۋە سىلىق بولىدۇ .
                  
    مەنبە:شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى نەزىر قىلغان   «ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش» دېگەن كىتابتىن  ئېلىندى .
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-13, 05:41

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( شادىمان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-13 01:55 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شادىمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا