
ئاساسى ماتىريال : توخۇنىڭ تۆش گۆشى 300 گىرام
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز ، تېتقۇ، ئاقمۇچ تالقىنى، كۈنجۈت يېغى، كاۋاۋچىن يېغى،
غولپىياز يېغى ياكى ئۇشاق توغرالمىسى، سامساق يېغى ياكى چانالمىسى ، زەنجىۋىل سۈيى
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قازانغا سۇ قۇيۇپ توخۇ گۆشىنى سېلىپ ، تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ
توخۇ گۆشىنى پىشۇرۇپ ئېلىۋېلىپ سوۋۇتۇپ نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغراپ قاچىغا سېلىپ
تۇز، تېتىتقۇ ئىرىتمىسى، كۈنجۈت يېغى، كاۋاۋچىن يېغى، غولپىياز يېغى، سامساق يېغى
ئاقمۇچ تالقىنى ، زەنجىۋىل سۈيى قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ تەخسىگە رەتلىك كۆركەم قىلىپ
تىزىپ دەستىخانغا ئىلىپ كەلسەك بولىدۇ،
ئالاھىدىلىكى: يىيىشلىك، ئىشتەي ئاچىدۇ، باشقا تاماقلارنىڭ گالدىن ئۆتۈش نىسپىتىنى
كۆتىرىدۇ،
ئەسكەرتىش: توخۇ گۆشىنى ساقلانغان شورپىدا پىشۇرساق تېخىمۇ يىيىشلىك چىقىدۇ،
ئاشخانا ، رېستۇرانلاردا سوغاق ئارلاشما قىلغانلار كۆپۈنچە غولپىياز يېغى ، سامساق يېغى،
زەنجىۋىل سۈيى، تەييارلىۋالىدۇ، ئەگەر ئائىلىلەردە قىلساق ئۇ ياغلارنى تەييارلىماي
غولپىياز ، سامساق، زەنجىۋللەرنى ئۇششاق توغراپ ئىشلەتسەك بولىدۇ،
تېتىقۇنى ئازراق ئىسىق سۇدا ئىرىتىپ ئىشلەتمىسەك، بۇ سوغاق ئارلاشما بولغاچقا
تېتىقۇ ئىرىمەي ئىستىمال قىلغاندا تېتقۇنى چاينىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇدە
تاتلىق ئاغزىمىز لاۋزا بولىدۇ