hantagri illikdunya.biz sohpat
خوشامەت
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3224
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 816
شۆھرىتى: 8260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8420 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 901 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىستىپانامە


ھۆرمەتلىك ئۇستازىم سىتارشى لىيتنات تاڭ ھەزرەت :

ئۇستاز ..    زۇڭتۇڭ  سىزگە  غەربكە نۇم ئېلىپ كىلىش خېزمىتىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن  تۇنجى بۇلۇپ گېنرال سۇن ھەزرەتنى مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن  دۆلەت ئىشلىرىدىن ئايرىپ،بىللە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىڭىز ھەممىگە ئايان .باشقىلىرىمىز كۆڭلىمىزدە خوش بولدۇقتە---(بىزگە جاپا تارتىپ شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ نۇم ئەكەلگىچە---ئىسسىق ئىشخانا ،يۇمشاق سافا دا  ئۇلتۇرۇپ خىزمەت قلىش ئاسان ئەمەسمۇ)..ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس .ئۇستاز سىز يولبويى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىدە جىڭلىق كاۋاپ سېلىپ سۇنگېنرالغا ئازراق بىرىپ .قالغىنىنى خېنىملار بىلەن بىللە يىگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىدۇق .تىرىسىنى كىيىم تىكىپ كىيىپسىز(ئىسپات بار -- ۋۇكۇڭنىڭ  يولۋاس تىرىسىدە تىكىلگەن جىلىتكىسى). بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي مەن ھاكىملىق قىلىۋاتقان ناھىيگە كەلگەندە زورلۇق ،قورقىتىش ئارقىلىق مىنىمۇ غەربكە بىللە ئېلىپ ماڭدىڭىز خوتۇن بالىلىرىمدىن ئايرىپ ،،خوتۇنۇم بىچارە قالدى يىغلاپ.
ئاندىن بىز يەنە ئۆتۈكىڭىزنى  يامىتىش جەريانىدا شاسىڭ موزدوز بىلەن تۇنۇشتۇق ئۇنى  نوم ئېلىپ كىلىپ پايچەك ئۇيناشقا قىزىقتۇرۇپ ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭدۇق .بىز يول بۇيى زورلۇق-زۇمبۇرلۇق قىلىپ تاماق سەدىقى قىل ---دەپ رېستۇراندا ئۇستەل زاكاز قىلىشقا زورلىدۇق   نۇم ئېلىپ شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەن بولساقمۇ گۆھەرنىشىن ئىبادەتخانىسىدا سوراق قىلىنىپ ئۆلگىلى قىل قالدۇق.    سوراق جەريانى مۇنداق :
غەربكە ساياھاتكە ماڭغانلار يول بويى بىچارە ئالۋاستىلارنى بوزەك قىلىپ ئاخىرى گۈھەرنىشىن ئىبادەتخانىسىغا يىتىپ كەلدى ، بۇلارنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان تاتاگاتو ياماموتو بۇتساتۋا بىشىغا يالغان ئاق چىچىنى كىيىپ بۇلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىدى .
تاتاگاتو : -سوراق باشلاندى ... ھەر قايسى زاستاتىل جاناپلار ، ئالدىمىزدا جىنايەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پىتىپ پۇتنى ئاران سۆرەپ كەلگەن تۆت پاخشەك تاز تۇرۇپتۇ، بۇلارنىڭ قۇماندانى سىتارشى لىيتنات تاڭ ھەزرەت ، 2-دەرىجىلىك ئەسكەر ۋۇكۇڭ، موزدوز شاسىڭ ، پوپاڭچى باجى ۋاھاكازالار .
زاستاتىللار :-سوت باشلاندى.

تاتاگاتۇ :- قىنى تاڭسىڭ ، ئالدىغا چىق ،پۇتۇڭنى يىغ .سىنىڭمۇ گۇناھىڭ جىق ، سەن ئۆز ۋاقتىدا نۇرغۇن قىز جىنلارنى كەلتۈرۋىلىپ ئاندىن تاشلىۋەتتىڭ ، ئۇلارنىڭ بەزىسى مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ دەردىنى تۆكتى، سىنى سۆكتى ، بەخىتكە يارىشا ئۇ قىزلارنى ۋاقتىدا خوتۇن قىلۋالمىغان بولسام ئۆمۈرلۈك بەختى نابۇت بولاتتى.

تاڭسىڭ : -جاناپلىرى ، مەن ئۇ قىزلارنى كەلتۈرۋالمىدىم ، ئەكسىچە مىنى مۇئاشى،خىزمىتى بار دەپ كەلتۈرۈرمەكچى بولدى ، مەن خىزمەتنىلا ئويلاپ ئۇ قىزلارغا قاراپمۇ قويمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزلارنىڭ بىرىنىڭمۇ خىزمىتى يوقكەن ، خىيالىدا ماڭا تىگىۋىلىپ مېنى باقتۇرماقچى بوپتۇ ، شۇڭا ياراتمىدۇققۇ ھى ھى ھى
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- مەن قارشى ، تاڭسىڭ قەستەن بىز خىنىم قىزلارنى كەمسىتىۋاتىدۇ ، دۇنيادا غۇرۇلۇق قىزلار تىخى تۈگەپ كەتكىنى يوق .
تاتاگاتو :- قارشىلىق كۈچكە ئىگە ، قىنى سۆزلەڭ گۈزىلىم.
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- ئەينى ۋاقىتتا تاڭسىڭنى مەن تاللىغان ، راستىنى دىسەم مىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇ چاغدا تىخى تاڭسىڭنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى .
تاتاگاتو : -ئالە شارەڭنى ، سىزنى مەن ئالايمىكىن دەپ يۈرسەم تىخى .....
ئاۋالۇكسۇۋارا :- لىكىن ئۇ يول بويى ئۇچرىغانلا قىزنى ياراتمىدى ، مەقسىتى خىزمىتى بار قىزنى ئالماقچىكەن ، مىنىمۇ ياراتمايدۇ تىخى، پوچتالىيون دەپ .
تاتاگاتو : -ئۇنداق بولسا تاڭسىڭغا كۆمۈرنى يۇيۇپ ئاقارتىش جازاسى بىرىلسۇن .
زاستاتىللار :- ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.
تاتاگاتو :- قىنى پور كۆتەك چىقە ئالدىغا-
باجى : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سىنىڭمۇ گۇناھىڭ چەكسىز ، سەن يول بۇيى نەچچە خۇتۇن ئەپ بولدۇڭ ، يەنە تىخى يەپ تويمايسەن ، دىئابىت كىسىلى بوپ قىلىشتىن قورقمامسەن ؟
باجى : -مەن تىخى ياش تۇرسام يەۋالمىسام ، كىيۋالمىسام ، قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئىچىۋالمىسام قانداق بولىدۇ ؟ قىرىغاندا ئارماندا كىتىدىغان گەپ.
تاتاگاتو -: سىنىڭ كۈنۈڭ نىمە دىگەن يىرگىنىچلىك ؟ !! يەۋالمىساڭ تۈگەپ كىتەمدىكەن ؟ كىيۋالمىساڭمۇ سەت تۇرساڭ سەن ؟ تىخى قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئاچامسەن ؟ بىرلا قىزغا كۆڭۈل بەرسەڭ نىمە بولاتتى ئۇكام !!! سەن گۇينىمۇ جازالايمەن ، ماكانىڭ بولغان ئېغىلغا مەڭگۈلۈك پالاندىڭ.
باجى :- ئۇ يەردىمۇ يەيمەن ئىشقىىپ .
تاتاگاتو : -ئۇ يەردە ساڭا گالنى ئىتىشتۇرۇپ ئاشقازاننى قالايماقان قىلىدىغان سسىق سامان بار .
تاتاگاتو : -قېنى ماۋۇ پاخشەك مايمۇن .
ۋۇكۇڭ :- مانا مەن .
تاتاگاتو : -سەن يول بۇيى ئۇچرىغانلا ئادەم بىلەن تىللاشتىڭ، تىل ھاقارەتتە يىڭەلمىسەڭ چىدىماسلىق قىلىپ ئۇردۇڭ ، تاياق يىسەڭ ئاغىينىلىرىڭنى باشلاپ كىلىپ ئاجىز جىنلارنى بوزەك قىلدىڭ ، قىسقىسى خەق ساڭا چىقىلمىسىمۇ چىقىلدىڭ ، گۇناھىڭ ئىغىر.
ۋۇكۇڭ :- ئۇستازىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويىمدا قاپتۇ، قوشكىزەك تازا .... ھى ھى ھى
تاتاگاتو :.- دىمەك، رەزگى مايمۇندىن ئىككىنى تەۋەللۇت قىلماقچىكەنسەن-دە !!! ھارامدىن تاپقان مايمۇنلىرىڭنى نىرى ئاپار، گۇناھلىرىڭ تۇپەيلىدىن ساڭا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزدىن ئورۇن بىرىلدى.
ۋۇكۇڭ : -ماقۇل.
تاتاگاتو : -قىنى ماۋۇ سۆرۈن تەلەت پوق ساقال.
شاسىڭ : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر ئادەمگە ئىللىق چىراي بوپ باقمىدىڭ ،نۇرغۇن كىشلەر سىنىڭ ئۈستىڭدىن بىزگە شىكايەت قىلىپ كەلدى .
شاسىڭ : -ئىششىڭنى قىلە رىزىنگە باش بۇد
تاتاگاتو : -مىنى تىللاۋاتامسەن !!!!
شاسىڭ : -سىنىڭدەك يۇندىخورنى تىللىماي كىمنى تىللايمەن ، سىنىڭمۇ گۇناھىڭ كۆپ ، بىز رىيازەت چىكىپ ئالدىڭغا كەلسەك بىزنى بىرەر رىستۇرانغا باشلىماقتا يوق ، سوراق قىلۋاتىسىنا ؟!
تاتاگاتو :- قارشىلىق ئىناۋەتسىز.
شاسىڭ :- ئاناڭنىڭ يىنىدا ئىناۋەتسىزمۇ خۇمسى .
تاتاگاتو :- بۇنداق ئاغزى يامان ئادەمنى ئاچىقىپ ئاغزىغا مىق قىقىڭلار، ئادەم تىللىغانغا تويسۇن.
شاسىڭ:- ئاغزىمىز يامان بولغان بىلەن ۋىجدانىمىز بار جۇمۇ ، جازالىرىڭغا پەرۋا قىلمايمەن .
شاسىڭ سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ كىتىلدى ، ئەمدى گەپ قالغانلاردا قالدى.
تاتاگاتو : ئەمدى كىمىكى بۇ قىتىملىق سوت توغرىسىدا غەيۋەت تارقىتىدىكەن شۇنى يىراق جايلارغا پالايمەن سوراق تامام .
  

قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە بالىغا قاراش ،تاماق ئېتىش ،كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتتىمەن .مەن پەقەت چىدىمىدىم ......ئەگەر ئىستىپانامىگە قول قويمىسىڭىز زوڭتۇڭ تاڭ تەيزۇڭغا دەپ مېزىڭىزنى چۇۋۇيمەن تازا!!!!  

تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-10, 12:38

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( خوشامەت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-10 13:51 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوشامەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
چوپان

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 369
شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 382 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇنداق قىلماي تەستىقلىۋەتسە بولغۇدەك جۇمۇ
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 11:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تىرىشچان
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 7
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 210
شۆھرىتى: 2003 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2470 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 245 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھا...................             
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 12:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تىرىشچان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز تەلەي يۇلتۇزى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا