ماتىرىياللار :
پۇرچاق ئۈگرىسى ، چەيزە بىر تال ، توخو گۆشى 50 گىرام ، پۇراقلىق موگۇ ئىككى دانە .
قوشۇمچە ماتىرىياللار : تۇز ، تۇخۇ تەم جەۋھىرى ، ئاق شېكەر ، جىياڭيۇ ، پەمىدۇر قىيامى ، سامساق ، خام زەنجىۋىل ، ھۆل كىراخمال .
تەييارلاش ئۇسولى :
1. چەيزىنى قەلەمچە توغرىۋالىمىز .
2. پۇرچاق ئۈگرىسىنى قايناقسۇغا بېسىپ يۇمشىتىۋالىمىز .
3.توخۇ گۆشى ، موگونى دىڭ دىڭ توغراپ ، سامساق ، زەنجىۋىللەرنى چاناپ ، ھەممىسىنى بىر قاچىغا سالىمىز .
4. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇز ، توخۇ تەم جەۋھىرى ، جىياڭيۇ ، ھۆل كىراخمال بېرىپ تەملەندۈرىمىز .
5.تەخسىگە يۇمشىتىلغان پۇرچاق ئۈگرىسىنى سېلىپ ، ئۈستىگە چەيزىنى تىزىمىز . ھەم قاسقانغا سېلىپ . 5~6 مېنوت دۈملەيمىز .
6. پىشقاندىن كىيىن قاسقاندىن ئېلىۋالىمىز .
7. قازاننى ئېسىپ . قىزىتىپ ، ئازراق ماي قويۇپ ، توخۇ گۆشىنى قورۇيمىز ، كەينىدىن جىياڭيو ، تۇز ، پەمىدۇر قىيامى ، ئازراق ئاق شېكەر سېلىپ ، بىر ئاز قاينىتىمىز .
8. تەييارلانغان قىيامنى تەخسىگە قويىمىز . پۈتتى . قېنى بېقىشقايلا !
