ماتىرىيالى:كالاگۆشى،سۇڭپىياز،قىزىل لازا.
خۇرۇچلىرى: تۇز،تىتىتقۇ،زەنجىۋىل سۈيى،كىراخمال،تۇخۇم ئىقى\ شوخلاقىيامى،جاڭيۇ،باجاۋمىيەن( شاكالبەديان تالقىنى )،شىكەر،سۇماي.
تەييارلاش ئۇسۇلى:كالاگۆشىنى 3قىرلىق توغراپ تۇز،تىتىتقۇ،زەنجىۋىل سۈيى،كىراخمال،تۇخۇم ئىقى بىلەن دەملەندۈرۈپ،
ساپلىققا ماي قۇيۇپ 4 5 دەرىجەقىزىغاندا گۆشنى ئاز ئازدىن سىلىپ گۆشنى بىر بىرىگەچاپلاشتۇرماي زالە(مايدا پىشۇرۇپ ) قىلىپ سۈزۈۋالىمىز.
ئارقىدىن ساپلىقتىكى ماينى كورىغا ياندۇرۇپ يەنە ساپلىققا يىرىم چۈمۈچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا شوخلا قىيامى،شىكەرسىلىپ،
گۆشنى سىلىپ ئازراق داغلاپ،جاڭيۇ،باجاۋمىيەن،تاڭ( شورپا ) قۇيۇپ ، تۇزبىرىپ تەمى، رەوگىنى تەڭشەپ بوش ئوتتا ئۇزۇن قاينىتىپ گۆشنى يۇمشاق پىشۇرۇپ ، ( ئەگەر شورپىسى قايناپ قويۇلمىغان بولسا
ھۆلكراخمال بىلەن قويۇقلاشتۇرۇپ ) ، ئۈستىگە سۇماي تېمىتىپ قۇيۇپ پاقىرتىپ تەخسىگە چىرايلىق . ئىلىپ ئىستىمال قىلىمىز.
ئالاھىدىلىكى : رەڭگى قىزىل يالتىراق ، گۆشى ناھايىتى يۇمشاق ، تەمى قېنىق سەل تاتلىق تۇزلۇق ، شىرنىسى قويۇك يىيىشلىك بولىدۇ .
بۇقۇرىما رىتسىپى مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىمگە ئاساسەن يىزىلدى.
مۇنبەرداشلارغا ياقسا سىناپ باقساڭلاربولىدۇ.