hantagri illikdunya.biz sohpat
wisal
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرىتى: 430 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 590 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 76 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مائاشلىقلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى
ھازىر كىشىلەر ئائىلىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ئەمما، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىلا مائاشلىق ئائىلىلەرگە ماس كېلىشى ناتايىن. بىراق، مائاشلىق ئائىلىلەر مۇنداق 10 تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ:

بىرىنچى، پۇل ئامانەت قويۇش. پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش - قولايلىق، جانلىق، بىخەتەر، ئەڭ تۇراقلىق مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر. ئەمما،ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى - ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئۈنۈم باشقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن. ئەمما، بىخەتەر بولۇشنى ئويلايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇلدا پۇلنىڭ قىممىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، پاي چېكى. پاي چېكى سېتىۋېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى، خەۋپ-خەتىرىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر. پاي بازىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن پەرز قىلىغىلى بولمايدۇ. پاي چېكى ئوينىغاندا، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن يۇقىرى خەۋپ - خەتەر قوشكېزەك بولۇپ كېلىدۇ. پايغا مەبلەغ سېلىش كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساپاسى، لوگىكىلىق تەپەككۈرى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۆي - زېمىن. بۇ، ئۆي - زېمىن سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نوقتىسى بولۇپ، بانكىدىن قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مائاشلىقلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. بۇ ھازىر بارغانسېرى خەۋپ - خەتىرى ئاز، قىممىتىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى زور مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ئۇزۇنراق ۋاقت كېتىدۇ.

تۆتىنچى، زايوم. پايغا مەبلەغ سالغانغا قارىغاندا، زايومغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئاز، ئىناۋىتى يۇقىرى، ئۆسۈمى كۆپ، ئۈنۈمى تۇراقلىق.

بەشىنچى، تاشقى پېرىۋوت. تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سېلىشنى پۇل ئامانىتىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ياردەمچىسى قىلىشقا بولىدۇ. خەلقئارادا ئەمەلىي كۈچى بار پۇللارنى خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلاپ بانكىغا ئامانەتكە قويغاندا، كۆپرەك پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سېلىشتا قاتتىق دېتالغا ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا مەبلەغ سالغۇچىدىن خەلقئارادىكى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچ مائاشلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى كۆپ ساندىكى مائاشلىقلارغا ماس كەلمەيدۇ.

ئالتىنچى، ھۆسىنخەت، رەسىم ۋە تەۋەرۈك بۇيۇملار. مەشھۇر خەتتات، رەسساملارنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرى - ئائىلىدىكى بايلىقلار ئىچىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە قىممىتى ئاشىدىغان بۇيۇملاردۇر.

ئەمما، ھۆسىنخەت، رەسىملەرگە مەبلەغ سېلىش مائاشلىقلار ئۈچۈن سەل تەس، يەنە كېلىپ، ھازىر ساختا ھۆسىنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇمۇ ھۆسىنخەت، رەسىم ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى مائاشلىقلار ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپ قويسىلا بولىدۇ.

يەتتىنچى، پوچتا ماركىسى. ئەگەر پوچتا ماركىسى بازىرى قېلىپلاشقان بولسا، پوچتا ماركىسىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. تەۋەرۈكلەر ئىچىدە پوچتا ماركىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى، پوچتا ماركىسى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى ھەممە شەھەر، ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىرەردىن پوچتا ماركىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئېلىپ - سېتىش ئورنى قۇرۇلۇشى مۇمكىن. دېمەك، پوچتا ماركىسى مائاشلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ماس كېلىدۇ.

سەككىزىنچى، ئۈنچە - مەرۋايىت. ئۇنچە - مەرۋايىتقا مەبلەغ سالغاندا، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ. ئۈنچە - مەرۋايىتنىڭ قىممەت ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارادا ئالتۇن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مائاشلىقلار ئۈنچە - مەرۋايىتنى قىممىتى ساقلىنىدىغان ھەشەمەتلىك ئىستېمال بۇيۇمى قىلسا بولىدۇ. ئەمما، مەبلەغ سېلىش تۈرى قىلمىغىنى ياخشى.

توققۇزىنچى، لاتارىيە. كېسىپ ئېيتقاندا، لاتارىيە ئويناشنى بېيىشنىڭ يولى ھېسابلاشقا بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنى ئوينايدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن بىراقلا بېيىپمۇ كېتىدۇ. ئەمما، لاتارىيەنىڭ قانۇنىيىتى يوق، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن.

ئونىنچى، پۇل يىغىش. پۇل قەغەز پۇل، تەڭگە پۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىختا ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ ھەقىقەتەن ئەتىۋارلىق ياكى ئەتىۋارلىق ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى، ئىشلەنگەن يىلى، ئورنى ۋە ئەتىۋارلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. قىممىتى بار پۇللار تاسادىبى ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى ئىزدەپ تېپىش تەس. قىسقىسى، مائاشلىقلارنىڭ بۇ تۈرگە مەبلەغ سالىمەن دەپ زىيادە كۆپ زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-23, 10:56

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( wisal )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+30(axtuzi) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-23 16:37 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( wisal ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 34
    يازما سانى : 2754
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 807(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەجرىڭىزگە  كۆپ  رەھمەت  !
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 20:53 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مەمەتۋاقى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2256
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 711
    شۆھرىتى: 7200 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7440 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 785 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    پايدىلىق تىمىكەن كۆپ رەھمەت
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-23 22:55 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 67
    يازما سانى : 1729
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلۇمغا ئوخشىمايدىكەن
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-24 04:04 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئارمان

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2715
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 869
    شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 912 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    پوچتا ماركىسى سودىسى دەپمۇ سودا بارمۇ؟ كونا پوچتا ماركىسىنى يىغىپ ساقلاش دىگەن شۇما ياكى. . . .

    5 ۋاخ ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ لاتارىيە ئوينايدىغان ئادەملەر باركەن دىسە. لاتارىيە دىگەنمۇ قىمار
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-24 19:40 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا