
ئاساسى ماتىريال : قوي قېرىنى 300 گىرام ، كۆك قىزىل مۇچ بىر غوزەكتىن ، باش پىياز يېرىم
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز، تېتىقۇ ، شىكەر، جاڭيۇ ، ئاچىقسۇ، سامساق، زەنجىۋىل، مۇچ قېقى كاۋاۋچىن ئۇنى كۈنجۈت يېغى ئىھتىياجغا قاراپ
ئىشلەش ئۇسۇلى: قېرىن ، مۇچ ، پىيازلارنى پاكىز يۇيۇپ ئۈچ بۇرجەك قىلىپ پارچە توغراپ تەييارلايمىز
قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ قېرىننى پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز، ئارقىدىن قازانغا ماي قۇيۇپ چانالغان سامساق ، زەنجىۋىل ، مۇچ قېقىنى
سېلىپ قورۇپ پۇراق چىققاندا قېرىن ، كۆك قىزىل مۇچ ، پىيازلارنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ تۇز، جاڭيۇ ، كاۋاۋچىن، تېتىقۇ سېلىپ قورۇپ تەمىنى تەڭشەپ
ئاچىقسۇنى قازاننىڭ قىزىغان يىرىگە ئۇرىمىزدە ئىككى ئۆرۈپ كۈنجۈت يېغى بىرىپ ئالىمىز
ئالاھىدىلىكى : ئىشتەينى ئاچىدۇ چۈچىمەل مىزىلىك يىيىشلىك
ئەسكەرتىش: ئاچىقسۇنى قازاننىڭ قىزىغان يىرىگە ئۇرۇشتا مەخسەت قورۇمىنىڭ مىزىلىك پۇرىقىنى ئاشۇرۇش
ھەر قانداق بىر قورۇمىنى قورىغاندا تەمىنى تەڭشەپ بوپ ئاچىقسۇنى ئاخىرىدا قازاننىڭ قىزىغان تەرىپىگە ئۇرساق
قورۇمىنىڭ مىزىلىك پۇرىقى ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ
كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت خەيىر خوش مەن كەتتىم