
ئاساسى ماتىريال : تەرخەمەك 3 تال ،قوي گۆشى 100 گىرام قىزىل مۇچ 1 غوزەك ، باش پىياز يېرىم تال ،
يۇمغاقسۈت 20 گىرام، مايدا پىشۇرغان يەر ياڭىقى مېغىزى 50 گىرام
قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز ، تېتىتقۇ ، زىرە ، ئۇۋاق مۇچ ، قارا مۇچ ، سۇ يېغى
ئىشلەش ئۇسۇلى: تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ رەسىمدىكىدەك كىسىپ ئىچىنى ئويۇپ تەييارلايمىز، گۆش، پىياز ، قىزىل مۇچ، مېغىز، يۇمغاقسۈتنى
ئايرىم- ئايرىم ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز،
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ گۆشنى سېلىپ چالا قورۇپ پىيازنى سالىمىز ئاندىن باشقا ماتىرياللارنى رىتى بويىچە سېلىپ قورۇپ
يۇقۇرقى خۇرۇچلارنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئېلىپ قوشۇقتا ئاۋايلاپ ئويۇپ تەييارلانغان تەرخەمەك ئىچىگە سالساق تەييار بولىدۇ
ئالاھىدىلىكى: رەڭگى كۆركەم ، يىيىشلىك، بىر ئىسسىق ، بىر سوغاق ماسلاشقان بولىدۇ
تەبىيتى : مۆدىدىل
ئەسكەرتىش: قىيمىسىنى قورىغاندا تېز ئوتتا ئىتتىك چالا قورىيمىز ، بەك ئىزىلىپ پىشمىسۇن ، بولمىسا مىزىلىك پۇرىقى چىقمايدۇ