نەقىل
بۇ مەزمون16قەۋەتتىكىياۋاقۇشنىڭ2011-06-20 07:23دە يوللىغان يازمىسى :
بەك چېرايلىقكەن ! رەھمەت سىزگە .
مەن ئەمدى ، مۇشۇ قورىمىڭىزغا ئېشلەتكەن تەخسىڭىز توغۇرلۇق ، ئازىراق ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ باققۇم كەلدى . بىراق ، توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . قەستەن قالايمىقانچېلىق چىقىرىش نىيتىم يوق :
مەن مۇنبەردىكى نۇرغۇن قورىمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ، شۇ قورىمىلىرىغا ماس ھالدا ئېشلەتكەن تەخسىلىرنىڭ ئوخشاش دېگۈدەكلا
رەڭگىنىڭ ئاق رەڭلىك ، تەخسسىنىڭ چەمبەر شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆپ كۆردۈم . شۇنى سورىغۇم كەلدى . نېمە ئۈچۈن باشقا رەڭلىك ۋە باشقا شەكىللىك تەخسىلەرنى ئېشلىتىپ سىناپ باقمايمىز ؟ مەسىلەن : سىزنىڭ مۇشۇ بىر تەخسىڭىزنى مېسالغا ئالايلۇق ، ئەگەر بىز ئاق تەخسىنىڭ ئورنىغا ، سۇس يېشىل رەڭلىك ياكى سۇس ئاپلېسىن رەڭلىك تەخسە ئېشلەتسەك ، تەخسىنىڭ شەكلىنى چەمبەر شەكىللىكىدىن ، يوغان بىر يوپۇرماق شەكىللىك ياكى 8 بۇرجەكلىك تەخسە ئېشلەتسەكچۇ ؟ ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈپ ، شۇ بىر تەخسە قورىمىنىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىدىنمۇ ئاشۇرساق ، دىگەن ئۈمۈددىمەن . بۇ تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز . ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام ، كەچۈرۈڭ !
دىگىنىڭىز توغرا بىراق شۇ سىز تۇرغان مۇھىتتىكى شارائىتنى دەڭسەپ كۆردىڭىزمۇ؟ مىنىڭمۇ ئۇنچىلىك ئىشقا
كاللام يەتمىسە 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئاشپەزلىك قىلماس بولغىيتىم رەھمەت تەلىماتىڭىزغا
ھەرقانداق بىر ئىجادىيەت مۇھىت شارائىتىغا قاراپ بولىدۇ مەن چوقۇم سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ
ئارتۇق ئىسىل تەخسىگە تىزىلغان قورىمىلارنى كۆرسىتىمەن