تۇرمۇش بۇيۇملىرى توغرا ئىشلىتىلمىسە زەھەر پەيدا قىلىدۇ
ئاليۇمىن چەينەكتە قايناق سۇ ساقلىسا: ھەر بىر لېتىر تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدە 52.0 مىللىگىرام ئاليۇمىن بار، ئەگەر سۇ ئاليۇمىن چەينەكتە بىر مىنۇت قاينىسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن 2.0 مىللىگىرام كۆپىيىدۇ. قايناق سۇ ئاليۇمىن چەينەكتە 42 سائەت ساقلانسا، تەركىبىدىكى ئاليۇمىن 2.1 مىللىگىرام كۆپىيىدۇ، ئاليۇمىن بەدەنگە زىيانلىق، شۇڭا چاينى قاينىتىپ بولۇپلا چايدانغا قۇيۇۋېتىش كېرەك.
توك قازىنىدا گۆش پىشۇرسا: نۇرغۇن كىشىلەر توك قازىنىغا ئاخشىمى گۆش سېلىپ پىشۇرۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، چۈنكى توك قازىنىنىڭ ئىچىدىكى بەزى ماتېرىياللار ئاليۇمىندىن ياسالغان بولۇپ، يېمەكلىك بىلەن ئاليۇمىن ئارىلىشىپ كەتسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.
قەغەز ئىستاكانغا 40گىرادۇستىن يۇقىرى قايناق سۇ ئالسا: قەغەز ئىستاكان يۈزىگە موم سۈرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا سوغۇق ئىچىملىك ساقلاشقا بولىدۇ. ئەگەر 40 گىرادۇستىن يۇقىرى قايناق سۇ ئېلىنسا، موم ئېرىپ كېتىدۇ. موم تەركىبىدە فېنېل، ئارېن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بار.(مۇھەممەت قادىر تەرجىمىسى)
مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى