بالا شاگىرت يوقاپتۇ ،
بۇندىن بەزەن قوقاپتۇ ،
ئېلان بېرىپ سەھنىگە -
سۆز - چۆچەكنى توقاپتۇ !
بالا شاگىت بىر يەردە ،
يۇندا تۆكۈپ يۈرگەندۇ ،
كۆمۈر چېقىپ ئوت قالاپ
كۈلنى ئېلىپ تۆككەندۇ ؟
ياكى ئاخلاپ سەيلەرنى ،
ئىچىپ ئاشقان مەيلەرنى ،
ياماپ كىيىپ خەيلەرنى
شىرىن خىيال سۈرگەندۇ ؟
قازاندىن ئاش ئالالماي ،
ئوتنى ياخشى قالالماي ،
ئۇستازىدىن لەخشىگىر -
ياكى نوغۇچ يىگەندۇ ؟
ياغنى قۇيۇپ قازانغا ،
چىقىپ كېتىپ ئايۋانغا ،
ئوتنى قويۇپ ئاشخانغا -
ئوت ئۆچۈرۈپ يۈرگەندۇ ؟
بىلمەي توغراش يولىنى ،
كېسىۋېلىپ قولىنى ،
دوىتۇرخانىغا بارسا -
يەتتە يىپلىق تىككەندۇ ؟
ياكى ئېغىر كېلىپ ئىش ،
چىقىرۋېلىپ ياكى قىش ،
پەشنى قېقىپ يۇرتىغا
رەنجىپ قاڭقىپ كەتكەندۇ ؟!
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-06-12 22:41دە قايتا تەھ ]