hantagri illikdunya.biz sohpat
wisal
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 3055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرىتى: 430 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 590 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 76 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قىممىتىگە، ئېتنوگرافىيەلىك قىممەتكە، مەدەنىيەت قىممىتىگە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە. ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان، مىللىتىمىز ئۆزىنىڭ سەرخىل يېمەك-ئىچمەكلىرىنى يارىتىشتا، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئىزدىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئېستېتىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ مول مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. چۈنكى، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىدە رايونىمىزنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى، گۈزەللىك قارىشى، فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجى، پىسخىكىلىق ئېھتىياجى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلار چىقىش قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر بولسۇن ياكى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن، ئۇيغۇر تائاملىرىنى يېگەندە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىگە قىزىقىپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگىمۇ ئىنتايىن قىزىقىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تائاملىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بازار تېپىپلا قالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ بۇ خىل سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېستېتىكىلىق قىممەتكە ئىگە بولغانلىقىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەن تارىخىنىڭ ناھايىتى قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى ۋە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر تائاملىرى تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن نان نامايەن بولىدۇ. نان مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە خەلقىمىز ئۇنى ئىزچىل ئىستېمال قىلىپ كەلدى. 1991-يىلى قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 151-نومۇرلۇق قەبرىدىن تەخمىنەن 3000-3200 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە تېرىق ئۇنىدىن ياسالغان توقاچ قېزىۋېلىنغان (خەنزۇچە «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىل 3-سانىغا قارالسۇن). شۇ يىلى يەنە پىچان ناھىيەسىدىكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەرگە تەۋە سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن تېرىقتىن ياسالغان توقاچ تېپىلغان (خەنزۇچە «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىل 2-سانىغا قارالسۇن). 1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئېلىمىزنىڭ خەن، جىن دەۋرلىرىگە تەۋە نىيە خارابىسىدە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بىر تونۇرنى بايقىغان. 1972-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 149-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئوتتۇرىسى يۇپقا، چۆرىسى قېلىن، يۈزىگە چەككۈچ چېكىلگەن، بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان بىر نان تېپىلغان. بۇ ناننىڭ دىئامېتىرى 5.19 سانتىمېتىر كەلگەن. 1973-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 191-نومۇرلۇق قەبرىدىن بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان، يۈزىگە كۈنجۈت سېپىلگەن، دىئامېتىرى 3.9 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر توقاچ تېپىلغان. بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، نان ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئۆيىگە مېھمان كەلسە، ئالدى بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا نان قويىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى نۇرغۇن شەھەر-بازارلار ۋە يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ئارا پەتىلەشسە نان كۆتۈرۈپ بېرىش بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلانغان. مىللىتىمىز ئارىسىدا ناننى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرىمۇ شەكىللەنگەن. ئۆيدىن بىر كىشى سەپەرگە چىقسا نان ئېلىۋالىدۇ. ناننى بىر خىل يېمەكلىك قاتارىدا كۆرۈپلا قالماي، بەلكى ئۇنى سەپەردە ھەمراھ بولىدۇ، ئامانلىق ساقلايدۇ، دەپ قارايدۇ. نان ئۇۋاقلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەسسەش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مىللىتىمىز ناننى بىر خىل مۇھىم ئوزۇقلۇق قاتارىدا كۆرۈش بلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يەنە ئۇنى بىر خىل سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدىمۇ تونۇپ كەلدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار نان ياققاندا ئۆزلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ناننىڭ خۇرۇچلىرىنى تەڭشەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ شەكلىنىڭمۇ چىرايلىق بولۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىتىمىزنىڭ قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە گۈزەللىك قاراشلىرى ۋە ئېستېتىكىلىق ئېھتىياجلىرى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-13 14:52
ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىچىدە ناندىن بۆلەك، يەنە قىيمىلىق تائاملارمۇ دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى يۇقىرى ئالقىشلارغا ئېرىشىپ كەلدى. قىيمىلىق تائاملارنىڭ تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، شەكلىمۇ ھەر خىل بولۇپ، مانتا، پۆرە، چۆچۈرە، جۇۋاۋا، سامسا، پەرمۇدە، گۆشنان قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تائاملىرى بولۇپ كەلدى. بۇ تائاملارغىمۇ مىللىتىمىزنىڭ فىزىئولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ۋە ئېستېتىكىلىق ئېھتىياجلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يۇرتلاردا خىلمۇ خىل شەكىللەردە تۈگۈلۈپ، مىللىتىمىزنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيمىلىق تائاملىرىمىزنىڭ شەكلىنىڭ چىرايلىق ۋە ھەر خىل بولۇشى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى ۋە ئىلمىي بولۇشى ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنىڭ ناھايىتى قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1999-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى خەن، جىن دەۋرلىرىگە تەۋە يىڭپەن قەبرىستانلىقى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلىۋاتقاندا، 8-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئۈچ دانە دۈگىلەك ياغاچ تاۋاق قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە قوتۇرماچ قويۇلغان، يەنە بىرىگە پۆرە قويۇلغانلىقى بايقالغان (خەنزۇچە «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 2-سانىغا قارالسۇن). 1990-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ ئۈچكۆۋرۈك قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 10-نومۇرلۇق قەبرىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 3-، 4-ئەسىرلەرگە تەۋە ئۈچ دانە چىرىگەن جۇۋاۋا قېزىۋېلىنغان. 1959-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 301-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىگە ئائىت ئۈچ ساپال قاچىغا سېلىنغان ئۈچ دانە جۇۋاۋا بايقالغان. يەنە 1968-يىلى شۇ قەبرىستانلىقتىكى 103-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىگە ئائىت رەڭلىك تۆت ياغاچ تەخسىگە سېلىنغان تۆت دانە جۇۋاۋا بايقالغان (بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدا ساقلىنىۋاتىدۇ). ئۇنىڭدىن باشقا، 1969-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى تاڭ دەۋرىگە تەۋە 117-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئىككى دانە چۆچۈرە قېزىۋېلىنغان. يۇقارقى پاكىتلاردىن ئۇيغۇر قىيمىلىق تاماملىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېستېتىكىلىق قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى پەيدا بولۇش تارىخىنىڭمۇ ناھايىتى قەدىمىيلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز.

ئۇيغۇرلار مانتىنى ئادەتتە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، ئورمان ۋاقتى، خامان تەپكەنلەردە كۆپرەك ئېتىدۇ. مانتا ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق تائاملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە توقچىلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مانتىنىڭ قىيمىسىنى پەسىلگە، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلگەندە چوڭ-كىچىكلىكىنى تەكشى قىلىپ، شەكلىنىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق، خىلمۇ-خىل گۈل چىقىرىپ تۈگىدۇ. مېھمانلار مانتا يېگەندە ئۇنىڭ مەززىلىك تەمىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە شەكلىدىنمۇ ئېستېتىكىلىق زوق ئالىدۇ. چۆچۈرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى تاماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ئېتىدۇ. ئۇيغۇر ۋائىزلىرى پولۇنى تاماملارنىڭ پادىشاھىغا، چۆچۈرىنى تائاملارنىڭ خانىشىغا ئوخشىتىدۇ. چۆچۈردە توغرىسىدا ئاجايىپ قىزىقارلىق سۆز ئويۇنلىرى، لەتىپىلەر ۋە رىۋايەتلەر تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقارلىق، يۇمۇرىستىك، كومېدىيەلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-04-13 14:52
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئىچىدە پولۇ، مانتا، سۇيۇقئاش، كاۋاپ، لەڭمەنلەر بىر قەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تائاملار بولۇپ، ئۇلارنى ئېتىش ئۇسۇلى، خۇرۇچى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، شەكلى خىلمۇ خىللىققا ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇ تائاملارنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمال قىلىدۇ. پولۇ، كاۋاپ، لەڭمەننى كۆپىنچە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، چۈش ۋاقىتلىرىدا ئېتىدۇ. سۇيۇقئاشنى كۆپىنچە ئاخشىمى، يىراق سەپەرلەردىن قايتىپ كەلگەندە، ئاغرىپ قالغاندا ئېتىدۇ. مېھمان كەلگەندە، كۆكتات-گۆش ۋە دورا-دەرمەكلەرنىڭ تەڭشىلىشىگە، رەڭگىگە، چۆپلەرنىڭ تەكشىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. 1992-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ سۇ بېشى 1-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىكى 11-نومۇرلۇق قەبرىدىن تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەرگە تەۋە ساپال ھېجىرغا سېلىنغان، تېرىق ئۇنىدا يۇغۇرۇلغان سۇيۇقئاش خېمىرى قېزىۋېلىنغان. 1868-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 104-نومۇرلۇق قەبرىدىن قۇرۇپ كەتكەن ئۈگرە قېزىۋېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. يۇقارقى پاكىتلاردىن بۇ خىل تائاملارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مۇھىم تائاملار بولۇپ قېلىش تارىخىنىڭ ناھايىتى قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يۇقارقى تائاملاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار يەنە پوشكال، تولغىما قۇيماق، تالقان ۋە زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ ياغدا پىشۇرۇلىدىغان خېمىر يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىستېمال قىلىپ كەلدى. بۇ بىر قاتار يېمەكلىكلەر خۇددى يۇقارقى يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا پەيدا بولۇش تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، بۇلارنى ئارخېئولوگىيەلىك قىزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1960-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 338-نومۇرلۇق قەبرىدىن زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكتىن ئىككى زىچ چىققان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 1984-يىلى لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىن مىلادىيە 3-ئەسرگە تەۋە كىچىك تېرە خالتىغا قاچىلانغان تالقان قېزىۋېلىنغان.

پوشكال ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ناھايىتى قەدىمىي يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار قۇيماق ۋە پوشكالنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك قاتارىدا تونۇپلا قالماي، بەلكى بىر خىل سىرلىق، مۇقەددەس يېمەكلىك قاتارىدا تونۇپ كەلدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېتنوگرافىيەلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى پوشكال ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا قۇيماق ۋە پوشكالدىن ئايرىلالمايدۇ. توي-تۆكۈن، ھېيت-بايراملاردىمۇ پوشكال سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاسايىشلىق، بەختلىك كۈنلىرىنى قۇتلۇقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنى پوشكال سېلىپ، يېتىم-يېسىرلارغا، يېقىن قوشنىلىرىغا، مەسچىتكە تارقىتىدىغان ئۆرپ-ئادىتى بار. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەن ئەجدادلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ روھىنى ياد ئېتىپ، ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. تالقان ئۇننى مايدا قورۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل پىششىق يېمەكلىپ بولۇپ، تەمى مەززىلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى يىراق جايلارغا سەپەر قىلغاندا، تاغ ۋە چۆل-جەزىرىلەرگە ئوۋغا چىققاندا ياكى ئۇرۇشلارغا قاتناشقاندا ئېلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. تالقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا كىشىلەر توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق قىلغاندا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تالقان قويىدىغان ئادەت ھازىرمۇ ساقلانماقتا.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان تائاملارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تاتلىق-تۈرۈملەرنى ياساپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تاتلىق-تۈرۈملىرى ئىچىدە پېچىنە-پىرەنىكلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى مەززىلىك، شەكلى چىرايلىق ھەم ھەر خىل بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى چىرايلىق گۈللەرگە، كېپىنەكلەرگە، ئاسمان جىسىملىرىغا، ئۇچار قۇشلارغا تەقلىد قىلىپ ياسىلىدۇ. تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە جۇخار گۈلى شەكىللىك، گۈل بەرگىسىمان، قاينام نۇسخا شەكىللىك، كېپىنەك شەكىللىك، تۆت بۇرجەك شەكىللىك، ھالقىسىمان شەكىللىك، يوپۇرماق شەكىللىك نۇرغۇن پېچىنە-پىرەنىكلەر قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان مېڭئۆي تام رەسىملىرىدىن ۋە قەبرىلەردىن تېپىلغان دۇردۇن، كاناپ، رەخت، قەغەزلەرگە سىزىلغان رەسىملەردىنمۇ بۇ خىل پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يۇقارقىلاردىن باشقا، 1972-يىلى ۋە 1973-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 187-، 191-، 192-، 193-، 222-، 226-نومۇرلۇق قەبرىلەردىن ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىگە تەۋە نۇرغۇن پېچىنە-پىرەنىكلەر قېزىۋېلىنغان. يۇقارقىلاردىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پېچىنە-پىرەنىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئۇزۇن، سۈپىتى ياخشى، تەمى مەززىلىك، شەكلىمۇ ھەر خىل بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسى ۋە مىللىي ئەنئەنىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پېچىنە- پىرەنىك ياسىغاندا، ئاسمان جىسىملىرىغا، ئۆسۈملۈكلەرگە، جان-جانىۋار ۋە ئۇچار قۇشلارغا تەقلىد قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېستېتىكىلىق قاراشلىرىنىلا ئەمەس، يەنە ئىپتىدائىي توتېم چۈشەنچىلىرىنىمۇ قىسمەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلا بولساق، مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا بېسىشىدا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز.

                    «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.












تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-09, 14:38

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( wisal )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-09 18:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( wisal ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 711
شۆھرىتى: 7200 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7440 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 785 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا دەيسىز ... شۇ.... ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەك مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىدىغانلار كۆپەيسە بولاتتى
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 23:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1729
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قولاشمۇ بەك مۇھىم مەن بۇ جەھەتتە كوپ  ئىشلارغا يۇلۇقتۇم
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-12 04:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە گۇرۇچ تائاملىرىنى تەييارلاش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا