باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئائىلىدە قوناق ئۇن تائاملىرىنى تەييارلاش دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-12-19)
ئۆپكە سىلى ئۆپكە سىلى - سىل كېسەللىكى مىكرۇبى بىلەن يوقۇملىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ،كېسەللىك مىكرۇبى قان ۋە لىمغا سۇيۇقلىقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كېلىپ ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زىدىلىنىش پەيدا قىلىدىغان ، تارقىلىشى كەڭ ، يوقۇشچانلىقى كۈچلۈك ، قايتىلىنىش نىسپىتى يوقىرى ئىجتىمائىي زىيىنى چوڭ يوقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ ، كېچىسى تەرلەش ، چۈشتىن كېيىن قىززىتىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىزلىق ، كالتە يۆتەل ۋە ئۇرۇقلاش قاتارلىق كېلىنكىلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . داۋالاش :1) ياڭاق مۇرابباسىنى ئىستىمال قىلسا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ ، 2) كاۋا پىلىكىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ ، 3) قۇناق ساقىلىدىن 62 گىرامغا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قۇشۇپ قاينىتپ ئىچىلسە ئۆپكە سىلىغا مەنپەت قىلىدۇ ، 4)چامغۇرنى ياخشى تازىلاپ ، توغراپ، پاقلان گۆشى بىلەن قاينىتىپ بىر مەزگىل ئىستىمال قىلسا ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى (سىل ) غا ئۈنۈملۈك مەنپەت قىلىدۇ . 5) چامغۇر كۆكىنى يېڭى پاقلان گۆشى بىلەن قىيما قىلىپ ، چۆچىرە تۈگۈپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە سىلىغا ياخشى مەنپەت قىلىدۇ ، 6) چامغۇر ئۇرۇقىنى تالقانلاپ ، مۇۋاپىق مىقداردا تاماققا سېپىپ ئىستىمال قىلسا ، ئۆپكە سىلىغا داۋا بولىدۇ ، 7) چامغۇر مۇرابباسىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بىر مەزگىل يەپ بەرسە ئۆپكە كېسەللىكىگە ئەڭ ياخشى داۋا بولىدۇ . 8) باش پىيازنى قوينىڭ دۈمبە يېغى بىلەن قۇشۇپ پىشۇرۇپ يسە ، ئۆپكىدىن چىققان چاپلاشقاق خام خىلىت ( بەلغەم) لەرنى تازىلايدۇ . 9) ئانار گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، سۈينى ئىستىمال قىلسا ، ئۆپكە سىلىدىن بولغان قان تۈكۈرۈشكە مەنپەت قىلىدۇ. پەرھىز : بىمار قالايمىقان تۈكۈرۈشتىن ساقلىنىشى ، بەلغەمنى ھەرگىز يۈتىۋەتمەسلىكى ، ئېغىر ئەمگەك قىلماسلى ، لازا ، قىچا، خام زەنجىۋىل ، كۈدە ، پىياز ، ئالما قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىشى كېرەك . بۇ كېسەللىك ئەتىياز پەسلىدە بۇلۇپمۇ 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كۆپ قوزغىلىدىكەن شۇڭا پەرزەتلەرنىڭ ئاتا - ئاناڭلاردا مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولسا تۆۋەندىكى ئاددىي رىستپلار بىلەن دورا قىلىپ ، ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئازاۋىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . بۇ تىمىنىڭ سىلەرگە ياردىمى بولىشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
|