پېدىگەننى ئەكەلگەن كۈنى سەيقۇرۇشتىن يېرىپ سائەت بۇرۇن  ئىلىمان سۇغا تۇز سېلىپ  چىلاپ قۇيۇڭ  ،چۈنكى  پىدىگەننىڭ تېرىسى  نايىتى  پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن  ئېلىۋەتمەيمىز  ، خېمىيلىك ئۇغۇتلارنى پاكىز چىقىرىش ئۈچۈن  بۇئۇسۇل ئەڭ  ئۈنۈملىك مىكروپ ئۆلتىرىش ئۇسۇلى 
ماتىريال : 4تال ئۇزۇنچاق پېدىگە ن،  2تال قىزىرىپ پىشقان چوڭ شوخلا ، ئىككىتال غول پىياز ، 6چىش سامساق ،مۇۋاپىق مىقتاردا زەنجىۋىل ،بىرنەچچە تال لازا  
خۇرۇچ : جاڭيۇ ،خۇۋاجاۋ ، تۇز ، ئاچىقسۇ 
قۇرۇش ئۇسۇلى ؛ سەيلەرنى پاكىز چايقاپ سۈيىنى ساقىتىۋاتقاندىن كىيىن  رەسىمدىكىدەك توغرىۋالىمز ، پېدىگەننى 5سانتىمىتىز ئۇزۇنلۇقتا  بىر سانتىمىتىر قېلىنلىقتا توغراپ سۇغاق سۇغا  چىلاپ قۇيمىز  مەقسەت چەيزىنىڭ قاردىۋالماسلىقى ئۈچۈن ،سامساقنىڭ 4تىنى ئۇششاق چانىۋالمىز  قالغانلىرىنى غول پىيازدەك يالپاغداب توغرايمىز 
مۇۋاپىق ياق قۇيۇپ  چۈچىگەندە  يالپاغداپ توغرالغان  غول پىياز ،زەنجىۋىل ، سامساقنى سېلىپ  مىزلىك پۇراق چىققاندا  سۈيى ساقىتىلغان پېدىگەننى سېلىپ قۇرۇيمىز  ،5،مىنۇت قۇرۇلغاندا  جۇۋاجاۋ  جاڭيۇ قۇيۇپ  يەنە 2مىنىۇت قۇرىيمىز ، ئاندىن شوخلىنى سالىمىز شوخلا ئىزىلەي دىگەندە  توغرالغان  لازىنى سالىمز  ، ئاچىچىق يىمىسىڭىز لازىنى سالمىسىڭىز بۇلىدۇ ، ئاندىن ئاخراق قۇرۇپ  ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ  تۇزنى تەڭشەپ  ، سامساقنى سېلىپلا  تەخسىگە ئۇسىۋالىمىز  
ئاچىق چۈچۈك شوخلا پېدىگەن تەييار  بولدى  ،بۇقۇرىمىغا  گۆش سالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇخۇمنى ياق قۇيماي قازاندا پۇشىرۋالىمىز  
بۇقۇرىما  مىفەن بىلەن يىسىڭىز  ئالامەت يىيىشلىك  
مەن ئاۋال يەپ تۇراي ئەمىسە
[ بۇ يازماگۈلقەنىتتەرپىدىن2011-05-29 22:20دە قايتا ت ]