hantagri illikdunya.biz sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2756
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================




     ئادەمنىڭ ساغلاملىقى جىسمانىي ساغلاملىق ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق.

     كىتاب ئوقۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى: مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ»دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  نۇرغۇن كىشىنىڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، مېڭە نېرۋىسىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ.

     كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق، دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

     كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، ياپونىيە نوپۇس ئىلمى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان.

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ گېزىتى «2009- 03- 30»
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-04 14:05 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
پارلاق
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 446 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كىتاپ ئوققۇسام كىرىپلا كىتىمەن ئەمەسمۇ،قاچان چىقىدىغانلىقىمنىما بىلمەيمەن تىخى،بىر كۆنى ئورۇن كۆرپىلەرنىمە تەڭ لا ئىلىپ كىرىپ كىتىۋاغىدەكمەن،تىمىڭىزغا رەخمەت،كىتاپ يەنى بىلىم بۇلىقى.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-04 17:06 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پارلاق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

aynare
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 213
شۆھرىتى: 2145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2249 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 215 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

       كىتاب ــــ  تۈگىمەس بۇلاق.ئۇ بىلىم بېرىپلا قالماي يەنە ساغلاملىقمۇ ئاتا قىلىدىكەن ،تېمىڭىزغا رەھمەت.
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-04 23:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( aynare ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا