hantagri illikdunya.biz sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2765
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 809(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



ئەنۋەر تۇرسۇن


     غىزالانغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەردە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش ياكى بەدىنىگە سوغان چىقىپ قىچىشىش، ھەتتا يۈرىكى سېلىش، نەپىسى قىسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار يېمەكلىككە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئىپادىسى.

     ھەر قانداق ئادەمدە يېتەرلىك غىزالانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھامان  تەسىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق تەسىرنىڭ بىر خىلى زەھەرلىك بولىدۇ، ئۇ ئادەتتە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈلۈشىگە يېمەكلىكتە بولىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلار تەرىپىدىن بۇلغانغان يېمەكلىك سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن: پۇرچاق كۆك (دۇۋجاۋ) تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن زەھەرلىنىش كۆپ ئۇچرايدۇ. يەنە بىر خىلى، زەھەرسىز بولۇپ، ئۇ كىشىلەردە بولىدىغان ئىرسىيەت تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى جەھەتتىن يېمەكلىك ئېغىر كېلىش ۋە يېمەكلىككە زىيادە سەزگۈرلۈك، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، ئالدىنقىسى ھەزىم قىلىش فېرمېنتىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سۈت شېكىرى ئېغىر كېلىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ. سۈتنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن غەربلىكلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. سۈت ئىچىشكە جۇڭگولۇقلار ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، سۈت كۆپ سانلىق جۇڭگولۇققا يەنىلا ئېغىر كېلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى سۈتنىڭ پۇرىقىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، سەۋەب نېمىدە؟ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، جۇڭگولۇقلار بىلەن غەربلىكلەرنىڭ گېنى ئوخشىمايدۇ، جۇڭگولۇقلاردا سۈتنى ھەزىم قىلىشقا كېرەكلىك فېرمېنت كەم بولىدۇ. بۇ ئوخشىماسلىق ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىياتى، ياشىغان جايىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، بايلىقى، يېمەك – ئىچمەك ئادىتى ۋە شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دېمەك، يېمەكلىك ئېغىر كېلىش ھەزىم قىلىشقا كېرەكلىك فېرمېنتنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل زەھەرسىز تەسىرگە كىرىدۇ.

     يېمەكلىككە زىيادە سەزگۈرلۈك يېمەكلىكنىڭ زەھەرسىز تەسىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇ ئىممۇنىتېت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۈتنى مىسال قىلساق، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ بىر قىسمى ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىشقا كېرەكلىك فېرمېنتنىڭ ھەزىم قىلىشى بىلەن ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى بەدەن سۈمۈرۈۋالىدۇ، بىراق بىر قىسمى ھەزىم بولماي تۇرۇپلا ئۈچەي ۋاسىتىلىك قانغا قېتىلىدۇ. ئاقسىلنىڭ دەل مۇشۇ قىسمى سۈتكە زىيادە سەزگۈرلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئاقسىل بىر مىللىگرامغا يەتمىسىمۇ زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدىغان ئاقسىلنىڭ قىممەت چېكى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

     سۈت شېكىرى ئېغىر كېلىش ئالامەتلىرى بىلەن سۈتكە زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەر ئىككىلىسىدە قورساق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، كۆپىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. بىراق كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى ئوخشىمايدۇ. سۈتكە زىيادە سەزگۈرلۈك – ئادەم بەدىنى يېمەكلىك ئانتېگېنىغا كۆرسىتىدىغان زىيادە تەسىر بولۇپ، ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رېئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېمەكلىك ئېغىر كېلىش ئادەم بەدىنىنىڭ بەزى يېمەكلىكلەردىكى ئالاھىدە تەركىبكە ماسلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇ ئانتېتىلا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈتكە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالامەتلىرى بولغاندىن سىرت، يەنە تېرە قىچىشىش، يەلتاشما، ھۆل تەمرەتكە، زىيادە سەزگۈر بۇرۇن يەللىكى، چوڭ تەرەت يىرىڭ ۋە قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئىپادىلىرىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن يېمەكلىككە زىيادە سەزگۈرلۈك بىلەن يېمەكلىك ئەكس تەسىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

     يېمەكلىك ئەكس تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن، يېمەكلىك زەھەرلىك تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، تازىلىققا ۋە ئىلمىي تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش، يېمەكلىكنى بۇلغىنىشتىن ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك زەھەرسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدىنى ئېلىشنى يېمەكلىك ئېغىر كېلىش بىلەن يېمەكلىككە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشلاش كېرەك.

     سۈت تەركىبىدىكى ئەكس تەسىر پەيدا قىلغۇچى ماددا گىرەلەشمە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئىككى خىل ياكى كۆپ خىل سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ماددا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا يېمەكلىك ئىستېمال قىلغاندا ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ گېزىتى «2009- 03- 30»
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-04 14:03 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا