oznur.cn abduheni
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 241 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


شىركەت جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
    
شىركەت جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيەت تىپى ئائىلىلەر تۈركۈمى ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە ئورگانلىرى (بارلىق ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ۋە مائارىپ،سەھىيە،ئىجتىمائى كاپالەت قاتارلىق ئىش ئاپپاراتلىرى ياكى ئاممىۋى تەرتىپتە رويخەتكە ئېلىنغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار)  تۈركۈمىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ جەمئىيەت بىرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پۇتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىمىز ئاساسلىقى مۇشۇ ئىككى جەمئىيەت بىرلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ ،ھەم مۇشۇ ئىككى ئاساسىي بىرلىك دائىرىسدە ھايات كەچۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى بىرلىك جەمئيەتنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزىمىنى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان. ئائىلە بىرلىكى بولسا جەمئىيەتنىڭ مىللەت ئالاھىدىلىكىنى، دىنىي ئالاھىدىلىكىنى، يەككە-خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى ۋە جەمەئەتنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان. ھۆكۈمەت بىرلىكى بولسا ، جەمئيەتنىڭ ماكىرو ئالاھىدىلكىنى ، يەنى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئالاھىدىلىكىنى ، ئىدىيەلوگىيە ئېقىمىنى، دۆلەت فونكىسىيىسى ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان. نۇرغۇنلىغان تەرەققىياتى كەينىدە قالغان ياكى ئەمدى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت رايونلاردا مۇشۇنداق جەمئىيەت تىپى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەت رايونلاردا ۋە مىللەتلەردە ، جەمئىيەت بىرلىكى ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان، يەنى ئائىلە تۈركۈمى، شىركەت تۈركۈمى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۈركۈمىدىن ئىبارەت. شىركەت ئىنسانلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئومۇيۈزلۈك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي بىرلىك، ئۇنىڭ ئىنسانلار جەمئىيتىگە تارىخىي خاراكتېردە تەسىر كۆرسىتىشى تېخى يېقىنىقى ئىككى يۈز يىلدا ئەمەلگە ئاشتى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە شىركەت دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت، رايون ۋە مىللەت يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مۇقەررەر ۋە قانۇنىيەتلىك ھادىسىگە ئايلاندى. ئىنسانلار جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى شىركەت بىرلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ئەنئەنىۋى ئائىلە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئاساس قىلغان جەمئىيەت تۈزۈلمىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، شىركەت ھادىسىسى ئەنئەنىۋى خۇسۇسىي ئىگىدارچلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجي بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنداقلا ئىنسانلارنى ئائىلە مۇھىتىدىن ھالقىغان شەخسىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يېڭى بىر سورۇن بىلەن ۋە يېڭى بىر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدا ، ئائىلىدىن ھالقىغان بىر خىل مەدەنىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دېئىلىش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كارخانا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىركەت ھادىسىسى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى مونوپوللىقىدىكى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي فورماتسىيەنىڭ رولىنى مەلۇم جەھەتلەردە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى، نۇرغۇنلىغان ئەسلىدە ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي فونكىسىيەلەرنى شىركەتلەر ئۈستىگە ئالدى، مەسىلەن، مېكرو نۇقتىدا جەمئىيەت ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائى تەرەققىيات تېخنىكىلىرىنى يولغا قويۇش ۋە جەمئيەت ئەزالىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە. يەنى، مەلۈم نۇقىتىلاردا ، شىركەت ھادىسىسىنىڭ ۋە كارخانىچىلار تۈركۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشۈش تۈزۈلمىسىگە ۋە نىشانىغا مەجبۇرىي ئىسلاھ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ۋە فونكىسىيىسىنىڭ بازار مېخانىزىمغا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت رايونلاردا شىركەت ئامىلىنىڭ كۈچىيىشى جەمئيەت تۈزۈلمىسىنى ئۈچ باشلىق شەكىلگە ئۆزگەرتتى ھەم شىركەت مېخانىزىمىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىكى ئورۇنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى. بولۇپمۇ پۈتۈن جەمىئيەتنىڭ يېڭىچە مەدەنىيەت مېخانىزىمىنى ھاسىل قىلىشتا ، شىركەتلەر ئاساسلىق مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىغا ئايلاندى. دەل مۇشۇنداق ھالەتتىكى جەمئىيەت مېخانىزىمى ۋە تىپى ئادەتتە ، شىركەت جەمئىيتى دىئيىلىدۇ.
شىركەت جەمئىيتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىلىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، جەمئىيەتتىكى كارخانا سانىنىڭ خۇددى ئائىلە سانىغا ئوخشاش كۆپ بولۇشى، مەسىلەن، شىركەت جەمئىيتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان ئامېرىكىدا 25مىليون800 مىڭ كارخانا بار بولۇپ، ئامېرىكا نوپۇسىنى 300 مىليون دەپ مۆلچەرلىگەندە، ھەر 11 ئادەمگە بىردىن كارخانا توغرا كېلىدۇ. دېمەك ، ھەر 11 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر كارخانا خوجايىنى بار دىگەن گەپ. بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتچى سانى 500 دىن تۈۋەن بولغان كارخانىلار پۈتۈن كارخانىلار سانىنىڭ 99.7%نى تەشكىل قىلغان. ئەگەر بىز تۆت كىشلىك ئائىلىنى بىر ئائىلە بىرلىكى دەپ ھېساپلىساق، ئۇنداقتا 12 كىشى ئۈچ ئائىلىنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ. مۇشۇ نىسبەتنى كارخانا سانى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدىكى كارخانا سانى ئائىلە سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ دىگەن گەپ .
شىركەت جەمئىيتىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى بولسا، چوڭ-كىچىك شىركەتلەرنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق يۈرۈشۈشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى. شىركەت جەمئىيتىدە ھەرقايسى دۆلەت ياكى رايوننىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچقىرىش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. شىركەت مېخانىزىمىنىڭ ئۆزى بازار مۇھىتدىكى مەۋجۇتلىق ، رىقابەت ۋە ھەمكارلىقتىن دېرەك بەرگەچكە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ۋە تېخنىكىلىق ئىلگىرلەش جەھەتتىكى تەرەققىياتى شىركەتلەرنىڭ ئىجادچانلىق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرلىشىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، شىركەت جەمئىيتىدە ، شىركەتلەر ھۆكۈمەت ئورنى ۋە ئائىلىلەرگە نىسبەتەن تەشكىلىي ئىلغارلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېخنىكىلىق ئىلگىرلىشىنى روياپقا چىقىرىشتا، بىز نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلار تۇرمۇشىدا پەيدا بولغان توك، تېلىغون، تېلېۋىزور ۋە باشقا ئائىلە ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرى، كومپىيۇتېر قاتارلىق زامانۋى ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ تۇرمۇش جەريانىمىزغا كىرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ بارلىق تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى كارخانىلار مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى تاۋارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا ئومۇملاشتۇرمىغان بولسا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىنسانلار ھاياتلىق بوشلۇقىدا بۈگۈنكىدەك ئومۇملۈشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق يېڭى كەشپىياتنى ئەگەر كارخانىلار مەبلەغ سېلىپ ئومۇملاشتۇرمىسا، ئۇ خۇددى كۈنمىزىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغان ، ئۇىىڭ ئىچىدە پەقەت نەچچە پىرسەنتىلا مەھسۇلاتقا ئايلانغان نەچچە مىليون پاتېنت ھوقۇقلىرىغا ئوخشاش ، ئالاقىدار ئەقلىي مۇلۈك ئىدارىلىرىنىڭ ئارخىۆ ئامبىرىدا چاڭ –توزاڭ بېسىپ تۇرغان بۇلاتتى. ئۇندىن باشقا ئىقتىسادىي يۈرۈشۈش جەھەتتە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا شىركەت جەمئيتىدىكى بارلىق شىركەتلەر پۈتۈن جەمئيەتنىڭ كىرىم سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، بۇ كىرىم سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن، ھۆكۈمەتىنىڭ مالىيە كىرىمى ۋە كىشىلەرنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى شىركەت تاپشۇرغان باج ئارقىلىق ھۆكۈمەت مالىيە كىرىمى ھاسىل بولىدۇ، شىركەت تارقاتقان خادىملارنىڭ مائاشى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ھاسىل بولىدۇ، ئەمىليەتتە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تارقاتقان مائاشمۇ شۇ شىركەتلەر تەمىنلىگەن مالىيە كىرىمىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
شىركەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈچۈنچى چوڭ ئالاھدىلىكى بولسا، ئۆز جەمئىيەت مېخانىمىزنى مۇستەقىل ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدا. شىركەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، شىركەت جەمئىيتى ئۆزىدە بار بولغان ئاجىزلىقلارنى ئىچكى ئىسلاھ قىلىش كۈچى ئارقىلىق يېڭىش ۋە ئۆزىنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. بۇ خىل ئاقىۋەت شىركەت جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان ياكى شىركەت جەمئىيتىگە قەدەم قويغان ئاھالىلەرنىڭ شىركەت جەمئىيتى تەمىنلىگەن جەمئىيەت مېخانىزىمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان ساھەدە ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭ ماھىيتى بولسا، شىركەت جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ ئىجادچانلىقى ئۈچۈن كەڭتاشا جەمئىيەت بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدە شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى خەلق ئاممىسىنىڭ شىركەت ۋاستىسى ئارقىلىق ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىدا. شۇڭلاشقا ، شىركەت جەمئىيتى يەنى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى جەمئىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىركەت جەمئىيتىگە نىسبەتەن ئىجتىمائىي ئىسراپچىلىق بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىغا تاينىپ ، ئۆز تەبئىي تالانىتى بۇيىچە ھايات كەچۈرىدۇ. ھەر بىر شەخىسنىڭ شىركەت مۇھىتىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە ھەر بىر شىركەتنىڭ جەمئيەت مۇھىتىدىكى تىرىشچانلىقى ئارقلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
شىركەت ھادىسىسىنى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا تەدبىقلىساق، ئۇنىڭ يېڭى بىر خىل جامائەتپەرەسلىك ھادىسىسىگە ئوخشاپىراق كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.چۈنكى شىركەت مۇھىتىدا ھەرقايسى جەمئىيەت ئەزالىرى ئائىلىدىن شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۆزگىچە بىر ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللەندۈرىدۇ ، ئۆزگىچە بىر ياشاش سورۇنى يەنى شۇ شىركەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى، شەخسى تەرەققىيات غەرەزلىرىنى ئىختىارىي ھالەتتە ئىپادىلىيالەيدىغان ھەم ئۇنى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە قانۇن رۇخسەت قىلغان دائىرىدە يولغا قويالايدىغان تەشكىللىي ئاپپارات ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇ خىل ئاپپاراتتىن ھەركىم ئائىلىگە ۋە ھۆكۈمەتكە تايانماي تۇرۇپ ، ئۆزلۈكنى ۋە ئۆز ھاياتلىق قىممىتىنى ئىزلەيدۇ ھەم شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشىدۇ . مۇشۇ جەريانلارنى بىز جەمئىيەت ئەزالىرىمىزنىڭ خاراكتېرىغا تەدبىقلىساق، شىركەت ھادىسىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك پسىخىسىكىسىغا قىلىنغان بىر خىل زور تەسىراتتىكى تەجرىبە-سىناق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى ، ئورتاق ھاياتلىق قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنى شەخسىيەتچىلىكىنى قايرىپ قويۇپ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا، ئۆزئارا كەمچىلىكىگە يول قويۇشقا، ئەڭ ئۈنۈملىك تەرەققىيات تەدبرىنى قوللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا شىركەت ھادىسىسى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پسخىك خاراكتېرىنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى كۈچەيتىشىتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شىركەت مۇھىتى ئىنتايىن رەھمسىز بولۇپ ، ئۇ قاتناشقۇچىلاردىن ئەتىراپلىق رىقابەت ئىقتىدارىنى ۋە ئونىۋېرسال پەزىلەتنى تەلەپ قىلىدۇ، بولمىسا ھەر ۋاقىت شىركەت مۇھىتى تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىش ئېھتېماللىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شىركەت جەمئىيىتىنىڭ خەلقىمىز مۇھىتىغا نىسبەتەن يەنە بىر مۇھىم ئەھمىيىتى بار ، يەنى شىركەت جەمئىيتى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بىرقەدەر ماس كېلىدۇ. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆزى تارىخي ياشىغان ماكانلاردا دېھقانچىلىق، قول ھۆۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا-تىجارەتچىلىك پائالىيتى بىلەن شۇغۇللۈنىپ ، تارىخي تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ دىيارىمىزدىكى ئەنئەنىۋى يەرلىك بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى بۇنىڭ مۇھىم ئىسپاتى. بازار مۇھىتى ــــــ خەلقىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھاياتلىق سەھنىسى ۋە ھاياتلىق خاتىرىسى. «داداڭمۇ بازار ، ئاناڭمۇ بازار » دىگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر تارىخي مەنىسى بار. چۈنكى، خەلقىمىز يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە بولۇپمۇ  بەگلىك تۈزىمىدىكى نەچچە يۇز يىللىق تارىخي دەۋردە پەقەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بوستانلىق بازارلىرىغا تايىنىپ، مۇشۇ ئاساسقا قۇرۇلغان ئۇستۇقۇرۇلما ــــ جامائەتپەرەسلىكىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن. بۇ دەۋرلەردە ئەزەلدىن ئىجتىمائىي كاپالەت ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەن ئۇقۇملار بولۇپ باقمىغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلەر ۋە بىر قىسىم مەكتەپ پۇتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بازار مۇھىتىدا ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ ، ئۆز ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ . شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نىسبەتەن، شىركەت جەمئىيتىگە قەدەم قويۇش بىرقەدەر سىلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسلۇبتا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئىستېخىيلىك ھالدا ماسلىشىش ۋە تېز شەكىللەندۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى بار. ئەمەلىيەتتە، رايونىمىزغا نىسبەتەن ،شىركەت جەمئيىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ــــ ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگە يۆنىلىشتۇر. بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ سانائەتلەشكەن مىللەت بولۇشى ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە يۈكسىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا شىركەت جەمئىيتىگە قانچىلىك دەرىجىدە قەدەم قويۇشىغا باغلىق بولۇپ قالدى. بۇ رايونىمىزنىڭ ئىچكى بوستانلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، ئۆزگىچىلىككە ئىگە كەسىپلەر سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بازار مېخانىزىمىگە تاينىپ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا نىسبەتەن بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شىركەت  جەمئىيتىگە قەدەم قويۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى بولسا ، پۈتۈن خەلق بولۇپ ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىنى قوزغاش شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقرىش ۋە تۇرمۇش ئىستېمالىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەردە نەچچە مىڭلىغان ۋە نەچچە ئون مىڭلىغان شىركەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشتۇر. شىركەتلەر سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەلتۆكۈس بۆسۈش ھاسىل قىلغىنىدا بىز شىركەت جەمئىيتىنىڭ ئۆزىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلىپ يېتىمىز.

  

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(axtuzi) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-21 13:55 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2814
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايىتى  ياخشى  ماقالىكەن ،   كارخانىلار  شىركەتكە  ، ئاندىن گورۇھقا  ئايلانغاندا  ئۆزىنىڭ  ھاياتى  كۈچىنى  تېخىمۇ  زورايتقىلى  بولىدۇ  ،  بىز  ئەن ئەنىۋى  تىجارەتنى  سېستىمىلىق  تىجارەتكە  ئايلاندۇرمىساق   بازاردىن  سىقىپ  چىقىرىلىشىمىز  مۇمكىن  !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-22 18:04 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » يىمەكلىك كەسپىنى باشقۇرۇشتىكى تەجىربە-ساۋاقلار..
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/