ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى
1. ئىسىم تاللاش
ئىسىم تاللاش مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىم تاللاشتىكى ئىستىتىكىلىق چۈشەنچە ۋە دۇنيا قاراشلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى بىلەن تىل ئىشلىتىش ، زامان چۈشەنچىلىرىنى ئىسىمغا سىڭدۈرۈپ شەكىللىنىدۇ . ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم تاللاشتا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىستىتىكىلىق چۈشەنچىنى ئاساس قىلىپ ئىسىم تاللىغان .
1) تەبىئەتكە تېۋىنىپ ، زور تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ئىسمىنى پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم قىلغان . ئالىملار تەرىپىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 5 - ۋە 6 - ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىۋاتقان «ئوغۇزنامە»داستانىدا ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ئالتە ئوغلىغا كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، كۆك ، تاغ ، دېڭىز دەپ ئىسىم قويغان .
2) ھادىسىگە قاراپ ئىسىم تاللىغان . «ئاي قاغان» ئوغلى توغۇلۇپ ئانىسىدىن ئوغۇز سۈتىنى ئىمىپلا قايتا ئەممىگەنلىكىگە قاراپ ئۇنىڭغا «ئوغۇزخان» دەپ ئسىم قويغان . ئوغۇزخان ھەربىي يۈرۈشلەردە ئۆز ئەتىراپىدىكى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارغا «ئۇيغۇر»(ئۇيۇشقۇچى) ، «قارلۇق»(قاردا قالغان كىشى)، «قىپچاق »(دەرەخ كاۋىكىدا توغۇلغان ) ، «قانقا» (ھارۋىنىڭ ماڭغاندىكى ئاۋازى) دەپ ئات قويغان . سۈپۈرگە ، پالتا ، چاۋار ، توقاچ ، مەڭلىك ، ئايخان ، تۈرۈك ، گۈلخان ، ئانارخان...دىگەندەك ئىسىملار ئۇنىڭ مىسالى .
3) رىئال ئىستەك ، غايىۋى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى پەرزەنتىگە ئىسىم قىلىپ تاللىغان . مىلادىيىدىن ئىلگىرى ھون دەۋرى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا تەپەككۈر جەھەتتىكى ئازادىلىك ، ئاددىي – ساددىلىق ، پىسخىكا جەھەتتىكى تەبىئەتتەك كەڭ – كۇشادىلىك تويغۇسى كۈچلۈك بولغان بولسا ، مىلادىيىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا رىئال تارىخىي ئەمەلىيەتكە ، ئوبېكتىپ ئېھتىياجىغا ئويغۇنلىشىشتەك خاھىش ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . مەسىلەن : ئىلتەبىر (چېچىلغان خەلقنى يىغقۇچى)، ئەل ئەتمىش ، ئەل يارۇنمىش(ئەلنى يورۇتقۇچى ، نۇرلاندۇرغۇچى) ، كۆك ئىركىن (كۆلدەك ئەركىن ، ئازادە ) ، ئەل تۇتمىش ، ئەل ئالمىش ، ئەل يارۇق ، ئەل تىرەك ، قۇت تىرەك ، ئىلتەرىش (ئەلنى تىرىلدۇرگۈچى). بۇ ئىسىملاردا مىلادىيە 11-12- ئەسىرلەردە ئۇرخۇن ۋادىسىدىكى زور داۋالغۇش ۋە گۈللىنىش باسقۇچىدىكى تارىخىي ئارزۇ – ئارمانلار ئىپادىلەنگەن . كىيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆز ئارزۇ – ئارمان ، ئىستەكلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىسىم تاللىغان .
(1) « مىش » قۇشۇمچىسىنى ئۇلاپ خاس ئىسىم ياساپ قويۇلغان ئىسىملار . بۇ خىل ئىسىم مىلادىيىدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا بارلىققا كېلىپ بارغانسىرى ئومۇملىشىپ ، مىلادىيە 11-12- ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئازىيىپ ، باشقا ئىستىتىكىلىق مەزمۇندىكى ئىسىملارغا ئۇرۇن بوشاتقان . بۈيۈك كلاسسىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» تە بۇ خىل ئىسىم تۆت پىرسۇناژنىڭ ئىككىسىدە ئىشلىتىلگەن .
(2) بالىسىنىڭ قاتارغا قۇشۇلۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار . بۇ خىل ئىسىم ھازىرمۇ مەۋجۇت . مەسىلەن : ئۆتەمىش ، توختامىش ، تورسۇن ، توختى ، سالامەت ، تۇردى ، پولات ، تۆمۈر...
(3) بالىسىنىڭ باتۇر بۇلۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار . مەسىلەن : توڭا (باتۇر) ، بۆكە(جەسۇر) ، ئالىب(باتۇر) ، غالىب ، باتۇر ، جۈرئەت ، قەيسەر ، ئەركىن...
(4) بالىسىنىڭ بىلىملىك بۇلۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار . بۇ خىل ئىسىملار مىلادىيە 530 - يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن ، نىسبىي مۇقىم مەزگىللىرىدە قويۇلغان . مەسىلەن : كۆل بىلگە (بىلىمى كۆلدەك كەڭ) ، كۈل ئۆگە ، بىلگە كۈل ، بىلگە قاغان...ھازىرمۇ داۋاملىشىپ ، ئالىم ، دانىش ، ئېرپان...
(5) بالىسىنىڭ توغرا نىيەتلىك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قۇيۇلغان ئىسىملار . مەسىلەن : تۈزمىش ، قارا ، شىرىن ، مىھىر ، دىلئارام ، قەلبىنۇر ، دىلنۇر ، ئادالەت ، ئادىل...
(6) بالىسىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قۇيۇلغان ئىسىملار . مەسىلەن : بەختىيار ، ئازاد ، پاشا ، شاھزادە ، مەلىكە ، شاتگۈل ، پەرىدە ، گۈلھايات ، سائادەت ، گۈلشاد...
(7) بالىسىنىڭ ساغلام ، چىرايلىق بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قۇيۇلغان ئىسىملار . مەسىلەن : لەيلى ، ئايخان ، چولپان ، زوھرە ، يولتۇز ، سالامەت...
يۇقىرىدىكى ئۈچ تارماق مەزمۇن ئىسىملارنىڭ بىر قىسمى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار بۇلۇپ ، قەدىمدىن ھازىرغىچە قوللىنىلغان . كۆپ قىسمى ئەرەب ، پارس مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدا قويۇلغان ئىسىملار .
4) مىللىتى ، قەبىلىسى ۋە ئۇرۇقىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ مىللىي روھنى ئىپادىلەشتىن قۇيۇلغان ئىسىملار . بۇ خىل ئىسىملار مىلادىيە 3 -ئەسىرلەردە بارلىققا كىلىپ ، مىلادىيە 15 - ئەسرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان . مەسىلەن : ئۇيغۇر باخشى ، شامقۇلى ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرتاي ، ئەكرەنچە ئۇيغۇر ، ياغلاقار بىلگە ، قوغۇرسۇ ئالتۇن ، قاسارتىكىن ، سوغدۇبەگ ، باسمىل بەگ ، سارىخ تاتار...
ئۇيغۇر ئەجدلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم تاللىشىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئادەتلەرمۇ داۋام قىلغان . ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردە ئايرىلىپ تۇرىدۇ .
(1) دىن ۋە دىنىي ئېتىقادتىن شەكىللەنگەن ئىسىملار .
(2) ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەتكە تىۋىنىش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار . مەسىلەن : كۈن ، ئاي ، يولتۇز...
(3) توتېم ۋە ھايۋانلارنى ئەتىۋارلاش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار .مەسىلەن :بۈركۈت ،بۇغا، بۆرە تىكىن،تۇڭا(قاپلان جىنىستىكى بىر خىل ھايۋان).
(4) ئۆسۈملۈكلەرگە تىۋىنىش ، ئۇلۇغلاش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار . مەسىلەن : ئانارخان ، سامساقئاخۇن ، زەيتۇنخان ، چىنارخان...
(5) كۆز تەگمەسلىكنى تىلەپ قويغان ئىسىملار . مەسىلەن : چاۋار ، سۈپۈرگە ، سېتىۋالدى ، يانتاق ، تىلىۋالدى.
(6) ئەجدادلىرىنى ياد ئىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئسىملىرىنى پەرزەنتىلىرىگە قايتا قۇيۇش . مەسىلەن : شەمسىدىن ، ئابدۇپەتتار ، ئابدۇلھەمىد ، ئابدۇل كېرەم ، ئابدۇرىشىت ، ئابدۇراخمان ، ئابدۇرېھىم ، مۇھەممەت ، يۈسۈپ ، ئىبراھىم ، ئىلياس ، مۇسا ، سۇلايمان ، ئەيسا ، ياقۇپ ، ئىسمايىل ، داۋۇت ، ئابابەكرى ، ئوسمان ، ئەلى ، ئۆمەر ، ئائىشە(ئايشەم) ، خەدىچە ، قادىر ، ئۇبۇل ، پاتىمە ، رابىيە ، رەھىمە ، ئەھمەد ، سەمەت ، روزى ، ياسىن ، بارات ، ھاشىم...
6) پارس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئىسىملار . مەسلەن : روستەم ، فېردەۋس ، پەرىدۇن...
7) قوش ۋە بىرىكمە ئىسىم ياساپ قۇيۇش ئادىتى . مەسىلەن : مۇھەممەتنىياز ، مۇھەممەتتۇرسۇن...
8) باش – ئاخىرى قېلىپلاشقان ئىسىملارنى قويۇش . مەسىلەن :
(1) «نۇر» كېلىدىغان ئىسىملار : نۇرمۇھەممەت ، نورسىمان ، نۇرئەلا ، گۈلنۇر ، گۈزەلنۇر...
(2)«ئاي»كېلىدىغان ئىسىملار .ئايقىز، ئايخان،شېرىنئاي،تۇرسۇنئاي...
(3) ئىسىم ئاخىرىدا «خان» كېلىدىغان ئىسىملار : ئايخان ، ئايپاشا ، شىرخان ، سائادەتخان ، لەيلىخان ، قۇۋانخان...
(4) ئىسىم ئاخىرىغا «قىز» نى قۇشۇپ ئىسىم قۇيۇش . مەسىلەن : خانقىز ، تۇرانقىز...
(5) باش – ئاخىرىغا «گۈل» نى قۇشۇپ ئىسىم قۇيۇش . مەسىلەن : گۈلئەنبەر ، خۇشگۈل ، گۈلزار ، روشەنگۈل ، ئازادگۈل ، گۈلھايات ، شاتگۈل ، ئامانگۈل...
9) ئىسىملارنى قاپىيداش ، ئاھاڭداش قۇيۇش ئادىتى . بۇ خىل ئسىم قۇيۇش ئادىتى قەدىمكى ئىسىم قۇيۇش ئادىتىدىكى «مىش» تىن تۈزۈلگەن ئىسىملارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
(1) باش ھەرپى ئاھاڭداش ئىسىملار : سابىر ، سادىر ، دىلنار ، دىلبەر ، ھاشىم ، ھاپىز ، يادىكار ، ياشار ، ئۇتۇق ، ئۇلۇغ ، مېھرىبان ، مىرزىبان ، تۇرغۇن ، تويغۇن ، ئەسقەر ، ئەكبەر...
(2) ئاخىرقى بۇغۇمى ئاھاڭداش ئىسىملار : نۇربىيە ، گۈلپىيە ، سەلىمە ، ھەلىمە ، ئىنايەت ، ھىدايەت ، ئاسىم ، قاسىم ...
(3) باش بۇغۇمى ئوخشاش ئىسىملار : مىرسولتان ، مىرئەھمەد ، مىرقاسىم ، مىرئادىل ، مىرغىياس...
(4) قاپىيداش – ئاھاڭداش ئىسىملار : سائادەت ، ئادالەت ، شاراپەت ، سالامەت...
2. ئىسىم قۇيۇش مۇراسىم ئادىتى .
بالا تۇغۇلۇپ يۇيۇلۇپ ، پاكىز يۆگەككە يۆگەلگەن ، ئېغىزلاندۇرۇلغاندىن كىيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىسىم تاللاپ چىقىلىپ بالىغا ئسىم قۇيۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ . قەدىمىي ئىسىم قۇيۇش ئۇسۇلى ، مۇراسىم ئادىتى ھەققىدە يازما خاتىرىلەر يوق بولسىمۇ ، قەدىمدىن بۇيانقى ئىسىمنى مۇقەددەس بىلىش ، ئىسىمنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىش ئادىتىگە ئاساسلىنىپ بۇنى بىلگىلى بولىدۇ . ئىسىم قويغان ۋاقىتتا بالىنى يۆگىكى بىلەن بېشىنى ئوڭ قولغا ، پۇتىنى سول قولىغا ئېلىپ ، ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ تۇتۇپ تەگبىر ئۇقۇپ ، ئوڭ قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم ، سول قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم ئىسىمنى ئەزان توۋلاپ ، بالا گىلەم ياكى كۆرپە ئۈستىگە يەڭگىل دوملىتىلىدۇ ، ئاندىن بالىنى قولغا ئېلىپ ، بالىنى ۋە بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تەبرىكلەيدۇ .
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::
http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=1302