illikdunya.biz abduheni
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2813
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================




   قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش مۇسۇلمانچىلىق يولىدا بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلىنغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!

   ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى، ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم!

   شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.
1 - ئاتا - ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن - بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.

2 - ئاتا - ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.

3 - ئاتا - ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ - سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.

4 - ئاتا - ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.

5 - ئاتا - ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.

6 - ئاتا - ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز - ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز.
7 - ئاتا - ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.
8 - باشقىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
9 - ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم.
10 - ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن اللە تەئالاغا دۇئا قىلىش.
11 - ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
12 - ئۇلارنىڭ دوست - بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا - ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.
ھەقىقەت ۋە نەسىھەت
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا - ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىق، كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:

ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا - مۇشەققەتلىرىنى بىر اللە بىلىدۇ، بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان، كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.

بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد - ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ - ئۈمىدىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.

ئاندىن كېچە - كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛ بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.

بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىز.

دادىمىزغا كەلسەك، دادىمىز بىزنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بىزنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، بىزنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئۇبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى تەھلىكىلەرگە ئاتىدۇ، مىڭبىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى بىزگە چىقىم قىلىدۇ، بىزنى تەربىيىلەيدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز - كۆزلىرىمىزگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقساق يۈرىكى بىز بىلەن بىللە چىقىدۇ.

ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز! ئەنە شۇ بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھالىتىمىز! ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ، يۇغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى نېمىدېگەن ئىمانسىزلىق، بەلكىدە نېمىدېگەن ۋىجدانسىزلىق- ھە!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

شەبنەم تور ئىلاۋىسى : ئەسەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى .
مەنبە : مۇسۇلمانلار تورىدىن ئېلىندى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-04 13:42 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
aynare
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرىتى: 2155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 216 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

     رەھمەتلىك ئاتا-ئانامنىڭ دۇئاسىنى ئالالىغانمەن،ھەر قېتىم ئۇلارنى سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ياد ئېتەلەيمەن،ئاتا -ئانىدىن مېھرىبان،كۈيۈمچان بىر ئىنسان بولماس.ئۇلار ئەڭ شەخسىيەتسىز  مىھرى-مۇھەببىتىنى بىز پەرزەنتلىرىگە  بېغىشلايدۇ.ئۇلارنى رازى قىلماق ئىككى ئالەملىك قەرزىمىز!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-07 01:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( aynare ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا