oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
anayurt905
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2637
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 6 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ھەسرەتلىك ئويلارغا…نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان – زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»، «ئۇچار گىلەم» دەك نۇرغۇن ئاجايىباتنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. توپىدىن ئۈنۈپ چىققان ئىنسان ئۆز قىياسىدىكى سائادەتنىڭ زېمىندا چاقنىغان شولىلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ شولىلار بەزىلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئېتىقاد ۋە مەرىپەت ئىدى؛ بەزىلەر ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە مەئىشەت ئىدى؛ يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنسەپ ۋە شان – شۆھرەت ئىدى. كرىزىس ۋە خىرىس چۇقانلىرىغا تولغان يەر شارىنىڭ روھىمىزدەك تىمتاس بۇ بۇلۇڭىدا بىز بۈگۈن قاياققا قاراپ كېتىۋاتىمىز؟

تېلېۋىزورنى ئاچتىم. مەدەنىيەت نامىدىكى ئايرىمخانىلاردا ئىچىملىك، چېكىملىك كەيپىدىن ئېگىز – پەس سەكرىشىۋاتقان قارا كۆز، قارا چاچلار بىردىنلا ماڭا ئوت ئىچىدىكى يالىڭاچ ئەر – ئاياللار توپىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يۈإرىكىم ئاغقان ھالدا دەرىزىنى ئاچتىم. كېچە ئاسمىنىدا جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار ماڭا سانسىز كۆزلەردەك بىلىنىپ كەتتى. ئىنسان نەدىن كەلدى؟ نەگە كېتىدۇ؟ بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ بولامدۇ؟ ئاقىۋىتى ھامان خۇلاسىلىنىدىغان ئىلاھىي يېشىم ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئەمەسمۇ؟ شۇ تاپتا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئېرىشكەنلىرىمىز قارشىسىغا قاراپ باقساق، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىنالار قانچە ئېگىز سېلىنغانسېرى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيلەرنى قانچە ھەشەمەتلىك بېزىگەنسېرى ئىچىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېسىل كىيىنىش، ئوبدان يېييىش، قانغۇچە ئويناپ – كۈلۈپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولغانسېرى ھاياتنىڭ يۈإكسەك مەنىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر مەرۋايىتتەك چۆكۈإپ، كۆپإۈكتەك ئادەملەر ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەشەمخور شۆھرەتپەرەسلەر، ساختا شۆھرەتنىڭ قەغەز قانىتىدا ئۇچۇۋاتقانلار، پۇچۇق تىيىنغا ئەرزىمەس پايدا – مەنپەئەت، ھارامخور ئەمەل – مەنسەپ كويىدا قاتراپ دۇنياغا تويماي ئۆتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگۈچى ماغزاپلاردۇر.

ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا دۇنيانى تىترەتكەن مەشھۇر ئىمپېراتور ئىسكەندەر ماكدونىسكىي ئۆلۈم ئالدىدا ۋەزىرلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
- كۆزۈإم يۇمۇلۇپ، جىنازامنى ئېلىپ ماڭغان چېغىڭلاردا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار.
ھەيران قالغان ۋەزىرلىرى سوراپتۇ:
- نېمىشقا؟
ئىسكەندەر ئېيتىپتۇكى:
- كىشىلەر مەندەك شان – شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ھېسابسىز بايلىققا ئىگە مەشھۇر ئىمپېراتورنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىۋاتقىنىمنى كۆرإۈپ، ئىبرەت ئالسۇن.
بۈگۈن ماددىي جەھەتتە توققۇزى تەل بولغان ئادەم راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرىإۋېتىپ، بىردىنلا بەختنىڭ ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. چإنكى روھىي نېمەتلەر بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىق ھالدىكى ئادىمىيلىك شەرىپىگە نائىل بولغان ئىنساندا ماددىي تەلپۈنۈش ئۈستۈنلۈإكنى ئىگىلىدى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ماددىي ئېھتىياجغا بولغان ئېتىبار ۋە بېرىلگەن قىممەت مەنىۋىي زۆرۈإرىيەتتىن ئېشىپ كەتتى. مانا بۇ بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ «يارا ئېغىزى». ئادىمىيلىك قىممەت ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى پۇل مالدىن، يەپ – ئىچىش، ئويناپ كۈلۈشتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىزدەش، شۆھرەتپەرەسلىك، ھەشەمخورلۇق، ئىسراپخورلۇق، شەكىلۋازلىق ئەنە ئاشۇ «يارا ئېغىزى» دىن سىرغىپ چىققان ئىللەتلەردۇر. راھەتكە ئىنتىلىش – ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى. «ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى جىلغا ئالتۇنى بولسا، ئۈچ جىلغا ئالتۇنۇم بولسىكەن، دەيدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى توپىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ». ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ئۆز روھىنى ئەسلىي تەبىئىتى بويىچە مەيلىگە قويۇۋېتىشتە ئەمەس، ئېتىقاد ۋە ئالىي پەزىلەتلەر بىلەن يېتەكلەشتە، چېنىقتۇرۇشتا.

ھېسسىياتنى ئەمەس غالىبلارچە رىقابەتنى، ئىچ ئاغرىتىشنى ئەمەس رەھىمسىز شاللاشنى ھاياتىي شەرت قىلغان 21 – ئەسىر بىزنىڭ روھىمىزدا قاتتىق سىلكىنىش ۋە ئازابلىق ئويلىنىش پەيدا قىلدى. ئەمما بۇ سىلكىنىش ۋە ئويلىنىش شامال سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندەك يېنىك دولقۇن ھاسىل قىلدى – يۇ، سەۋەب ۋە يېشىمگە ھامىل يىلتىز تارتالمىدى. پۇل – مەنپەئەت بورىنى ئۇچۇرۇپ، كەمتۈكلىشىپ، يىگىلەپ كېتىۋاتقان ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز بىزدە يېڭىدىن يېڭى كرىزىسلەرنى پەيدا قىلدى. ماھىيەتكە ئەمەس، ھادىسىگە، تاشقى شەكىللەرگە ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش خاھىشى بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە شۇ ئاساستىكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان كرىزىس. ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزگىلەرنىڭ باھاسىنى ئارتۇق بىلىدىغان ئەخمىقانىلىق شەخسنىڭ ئەقلىي كەمتۈإكلۈكى ۋە روھىي پۈچەكلىكىدىن دېرەك بەرسە، جاۋاھىراتتىن غەپلەتتە قېلىپ، كۆپۈك ئۈچۈن تىرمىشىپ داغدا قېلىۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ بەردى.

يېقىندا بىر ماتېرىيالدا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مودا كىيىم – كېچەك ئىستېمال نىسبىتىنى تەكشۈرۈإش ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈإپ قالدىم. مېنى ھەيران قىلغىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەخسىي كىرىم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە كەينىدە تۇرىدىغان ئإۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1 – دەرىجىگە تىزىلغانلىقى، شاڭخەي، بېيجىڭدەك يۇقىرى تەرەققىياتقا ئىگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە تۇرىدىغانلىقى بولدى. كىيىم – كېچەكتىكى بۇ خىل ھاماقەتلەرچە ئىستېمالنى قويۇپ تۇرايلى، ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي 20 – 30 يىللىق يۇقىرى ئۆسۈإملۈإك قەرز ھېسابىغا چوڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ھەممىدە يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش، ھېچقانداق زۆرإرىيىتى بولمىغان تۈإرلۈإك نام – ئاتاقلاردىكى يىغىلىش – چاي ۋە ئۇلاردىكى ئىسراپچىلىق، چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ، قائىدە – يوسۇنلىرى كۆپىيىپ، كۆلەم جەھەتتىن يوغىناپ كېتىۋاتقان مەرىكىلەر… ئۆزىمىزنىڭ تايىنلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئۆزىمىزگە ئايان، بۇلار بىزنىڭ زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى، ئىقتىساد ۋە ھاياتىي كۈإچىمىزنى خوراتماقتا. سوراش ھاجەتسىز، مۇشۇنچىۋالا ئىسراپچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ۋە نىشانى نېمە؟ دېگەن سۇئالغا شان – شۆھرەت ۋە بەخت ئۈچۈن دەپ جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئەمما رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇ ھەشەمخورلۇق – ئىسراپچىلىقلارنىڭ بىزگە ئەكەلگىنى ئابرۇي، بەخت ئەمەس، ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تۈإگىمەس جەڭگى – جېدەل، ئازارچىلىق، ئۆچ – ئاداۋەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە تاشتىن قاتتىق مۇھتاجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق. يەنە شۇنىمۇ كۆرإۈشىمىز كېرەككى، ئەنە شۇ مۇھتاجلىق جىنايەت – رەزىللىك ۋە زور ئاپەتكە ئايلانغان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز كېسىلىدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تاشقى مەنبەسى بوپقالماقتا. ئادەم بۇ دۇنيادا يەۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى بىلەنلا بەختلىك بولامدۇ؟ ھەشەمەتلىك، ياسىداق ئۆيى ۋە ئالىي دەرىجىلىك كىيىم – كېچەكلىرى بولغانلىقى بىلەن ئابرۇيلۇق ھېسابلىنامدۇ؟ ھەممە نەرسە ئاۋۋال ئىدىيىدىن باشلىنىدۇ، قارىغاندا، بەخت ۋە شان – شۆھرەتكە توغرا تەبىر بېرىش، خىرەلەشكەن، مۈإجمەل ئۇقۇملاردىن قايمۇققان كاللىمىزنى سەگىتىپ، ئىللەتلىرىمىزنى تإۈزەشتىكى مۇھىم ھالقىدەك تۇرىدۇ. ھەقىقەت شۇنداق، ساناقسىز پادىشاھ، باي – غوجاملارنىڭ ھېسابسىز ئالتۇن – كإۆمۈإشلىرى تارىخنىڭ قۇم – بورانلىرىدا غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ شان – شەرىپىمۇ بايلىقىغا ئوخشاش نام – نىشانسىز ئۇچۇپ كەتتى. ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئاتۇش دىيارىدا ياندۇرغان مائارىپ مەشئىلى ئۇلارنىڭ نامىنى تارىخ بەتلىرىدە چاقنىتىپ كەلدى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىيدەك ئۆلىما – ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەل ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيگەن يۈرىكى ۋە ئەجىر – مېھنىتى خەلق قەلبىگە چېكىلدى. جىسمى قارا تۇپراققا كۆمۈإلگەن ئاشۇ ئولۇغلىرىمىز يەۋالغىنى، كىيىۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى ياكى توپلىغان ئالتۇن – كۈإمۈإشلىرى سەۋەبىدىن ئەمەس، باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا زېمىننىڭ، تۇزىنى يېگەن ئانا خەلقنىڭ ھەققىنى ئالىي ھىممەت بىلەن ئادا قىلغىنى ئۈچۈن، نامى ئۆچمەس ھۆرمەت، شۆھرەت ساھىبقىرانلىرىغا ئايلاندى. مانا بۇ ھەقىقىي بەخت ۋە شان – شۆھرەتتۇر.

بىز بۈگۈن باشقا ھېچقانداق بىر دەۋرگە ئوخشىمايدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز، غەم – قايغۇمىز، كرىزىس ۋە ۋەھىمىلىرىمىز بىلەن مۆلچەرلىگۈإسىز رىقابەتكە يۈزلىنىۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇكەممەللەشتۈإرۈإشكە تېگىشلىك بىلىم – ساپايىمىز، ئەڭ ئەۋزەل مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بالىلىرىمىز، نامراتلىق – موھتاجلىقتىن بويۇن قىسىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز، دۇنيانىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن كىشىمىز… مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىقتىساد كېرەك. ساناپمۇ تإۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ موھتاجلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى ئەقىل ئىگىسى ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر تىيىننىمۇ ئورۇنسىز بۇزۇپ – چېچىشى راۋا ئەمەس. چۈنكى ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەللىرى، ۋاقتى، پۇل – مېلى ھەتتا ھەر بىر تىنىقى ئۈچۈنمۇ ھېساب بەرگۈإچىدۇر. بىزدە يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاچقا، ئېچىلىش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان مائارىپ، مېدىتسىنا، مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي پەنلەردەك نۇرغۇن ساھە بار. ھەر يىلى تۈإرلۈإك ھېيىت – بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى، سەنئەت پروگراممىلىرى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن سەرپ ئېتىلىۋاتقانلىقى ئەقلى – ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا بىر خەلقتە چوقۇم بىر سەنئەت بولۇشى كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، سەنئەت ھەممە نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن سەنئەت نۆۋەتتىكى زۆرإرىيەتلەر كإۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. بىز تېخىچە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئىجابىي تەرەپكە سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈإچ ۋە غالىبلارچە ئورۇنغا ئىگە قىلغىنىنى كۆرۈإپ باقمىدۇق. خۇددى مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشإكۇإر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «خەلقىمىز بۈگۈنكى دۇنياۋى رىقابەتتە ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسىغا دۇچ كەلگىنى يوق!» (مەسئۇل مۇھەررىردىن). ناۋادا شۇنچىۋالا مەبلەغ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ساھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنسا، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك ئىش بولار ئىدى.

خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆز تارىخىنى شاكىلىنى ئەمەس مېغىزىنى، ھادىسىنى ئەمەس ماھىيەتنى تارازىغا سالىدىغان مۇكەممەل ھايات مىزانلىرى بىلەن بېزەپ كەلگەن. ئاددىي – ساددىيلىق، ئىنساپ – دىيانەت، شەرم – ھايا، سەمىمىيلىك، باتۇرلۇق، ئىقتىسادچىللىق، ۋاپادارلىق، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەت مانا بۇ خەزىنىدىن تامچىلار. ئەنە ئاشۇ تامچىلاردىن پإتكەن مۇكەممەل كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ئەخلاق، قىممەت ئۆلچەملىرى ئۇيغۇرنى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلىغان، زامانلار كۈلپىتىدىن، دۈإشمەن ئوقلىرىدىن ئامان قىلغان. ئىقتىسادنىڭ بىر شەخس، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇنىڭسىزمۇ ئەڭ ئالىي غايىمىزدىن ئەڭ ئالىي ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن تىرمىشىش مۇساپىسىدە ھەر قەدەمدە ئۈسۈۋاتقان مىخ، دۇچ كېلىۋاتقان دوقاللار بىزگە ئىقتىسادنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا. قاياققىلا قارىساق، پۇل تېپىش قىزغىنلىقىدا پىتىراپ يۈرگەن ئادەملەر، دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلاپ باقساق، بىزگە تېخىمۇ كېرىكى، قانداق قىلىپ پۇل تېپىشقا قارىغاندا، تاپقان پۇلنى قانداق قىلىپ جايىدا، دۇرۇس خەجلەش. چۈنكى ئىلكىمىزدىكى چەكلىك ئىقتىسادنى قەيەرگە، قانداق خەجلەش ئۆزىمىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىدۇ، ياكى كىچىكلىتىدۇ.

پەيغەمبەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن : «ھەربىر ئۈإممەتنىڭ تۈرلۈإك سىنىلىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى كەڭتاشا بېرىلگەن مال – دۇنيادۇر. مەن سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن ئەمەس، دۇنيانىڭ راھەت – پاراغەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بۇ دانالارچە بېرىلگەن بىشارەت ماددىي ھەشەمەتچىلىككە چۆكۈإپ، قەلب بوشلۇقلىرىنى نۇر بىلەن تولدۇرۇشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق تىلەيمەن: دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن. (ئامىين!!!)

(«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنىڭ 2005 – يىللىق 5 – سانىدىن ئېلىندى

تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-12, 05:20

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( anayurt905 )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-12 10:32 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( anayurt905 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 816
شۆھرىتى: 8695 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9785 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 901 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئېسىل تىمىلارنى يوللايدىكەنسىز، سىزگە ھورمىتىم ئاشتى، رەھمەت!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 13:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 938
شۆھرىتى: 9600 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9650 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 962 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەدە ئوقىغان بولغىيتىم دەپتىمەن، ئەسلى شىنجاڭ مەدىنىيتى ژورنىلىدا كۈرۈپتىكەنمەن.... ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋىلىپ قايتا بىر ئوقۇپ چىقاي.....نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ < شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ> دىگەن كىتابى مەن ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان كىتاپلارنىڭ بىرى........
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 15:13 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

چىچەك
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
شۆھرىتى: 1560 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1834 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 177 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا قىرىنداشلىرىم ،بايلىق بىزنى ئەمەس ،بىز بايلىقنى ياراتقان ، شۇڭا مال دۇنيا نىڭ قۇلى بۇلۇپ قالساق بولمايدۇ ،قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئىرىشكەن بايلىقىىمىزنى نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلگەن چىغىمىزدا ئاندىن بىز ھەقىقىي بايللىققا ئىرىشەلەيمىز....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 15:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چىچەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 461
شۆھرىتى: 4870 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5101 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 526 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىككى ئادەم بار يەرگە بارساڭ ئايال كىشى بولسا ئالتۇن جابدۇق بىلەن كىيىم كېچەكنىڭ گېپى،ئەركىشى بولسا  يەپ ئىچىش بىلەن ئويناشنىڭ ياكى جىقراق پۇل تاپقانلىرى ئىككىنچى،ئۈچۈنچى ھەتتا 5-خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ گېپى.كاللىمىزنى سىلكىپ ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى.ئەمما ھېلىغىچە غەپلەتتە يۈرىمىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 16:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 561
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەك ئېسىل تېما ئىكەن،ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 21:33 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 786
شۆھرىتى: 8420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10950 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 920 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مىنىڭكىدە جىققىدە كاتەكچە چىقىپ تۈزۈك ئوقىيالمىدىم
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-13 01:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

چوپان

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 348
شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 382 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ شۇ شەھەر ئىستىمالىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىريالنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالغان ئىدىم ،راست ! كىيىم -كېچەك دىسە جېنىنى بىرىدىغان ئاياللار ئاز ئەمەس ،قايسى كۈنى بىر دۇكانغا كىرسەم  ناھايىتى پۇزۇر كىيىنگەن بىر قانچە ئايال مائاش كارتىسىنى رەنىگە قويۇپ كىيىم ئېلىۋېتىپتىكەن ،تېخى ئىچىدە پۇل يوقكەن دۇكان ئىگىسىگە مائاش چىققاندا ئېلىۋېلىڭ دەپ بىرىۋاتىدۇ توۋۋا دەپلا قالدىم !
تېخى 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا يولدۇشۇم قانداق تېلفۇن چىقسا شۇنى ئېلىپ تېلېفۇن مۇدىسىنى قوغلۇشۇپ كەتتى نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالمىدىم كىيىن بىللە ئىچكىرىگە ساياھەتكە بارغاندا ئۆزى خەقلەرنىڭ قولىدىكى تېلفۇنىغا دىققەت قىپتۇ ،شاڭخەيدەك يوقۇرى ئىسىتىماللىق شەھەردىكىلەرنىڭ تېلفۇنى ئاساسەن ناھايىتى ئاددى تېلفۇنلاركەن !ئۇندىن كىيىن شۇ بىر تېلفۇننى ئالماشتۇرماي تۇتىۋاتىدۇ،بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن بەك كۆپ بىزدە!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-13 10:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاقمۇچخان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرىتى: 600 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 64 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىزدىن   ھەممە   ئىش   چىقىۋاتىدۇ ،   ياخشىمۇ ،  يامانمۇ .....
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-14 14:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاقمۇچخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۇرت
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3073
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرىتى: 460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 460 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 46 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سىزگە ھورمىتىم ئاشتى، رەھمەت!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-14 16:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۇرت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/