
ماتېرىيالى: سېمىز پاقلاننىڭ قوۋۇرغا گۆشى ،تۇخۇم ،تۇز ،ئاقمۇچ ،زىرە ئۇن قاتارلىقلار ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا .تەييارلىنىدۇ
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
(1) پاقلاننىڭ قوۋۇرغا گۆشىنى بىر تال–بىرتالدىن كېسىپ تاش پوستىغا يەتكۈزمەي ئاندىن قوۋۇرغا ئۇستۈخىنىنى3–4 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاناپ، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، غولپىيازلار بىلەن تەڭشەلگەن سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ تەملەندۇرىمىز،ئاندىن پاكىز داكا بىلەن سۈرتۈپ ،شامالدىتىپ قويىمىز.
(2)تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ، ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ تەييارلايمىز.
(3)سۇسىزلاندۇرۇلغان قوۋۇرغا گۆشىگە تۇخۇم ئۇمۈچىنى تەكشى مىلەپ، ماي سۈرتۈلگەن لېسقا سېلىپ ،220 گرادۇسلۇق قىزىق دۇخوپكىدا گۆشنى گۆشنىڭ يۈز قىسمىدىن قوۋۇرغا سۆڭىكىنى بويلاپ پىچاق ئۇرساق چوكىغا قىسقۇدەك كىچىك پارچىلىنىدۇ. ئۇستىگە تۇز،ئاقمۇچ، زىرە، ئۇماق مۇچ سېپىپ تەخسىگە ئالىمىز ياكى بولمىسا قوۋۇرغىنى پارچىلاپ قاقلىسىمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: سىرتتىن قارىماققا گۆش پۈتۈن كۆرىنىدۇ، لېكىن چوكا سالغان ھامان چوكىغا پارچىلىنىپ چىقىدۇ. رەڭگى تەكشى سارغايغان، يېيىشلىك بولىدۇ.