hantagri illikdunya.biz sohpat
گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 423
شۆھرىتى: 4280 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4481 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 462 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

      50 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئاتىمۇ ئەينى چاغدا ياشلىقنىڭ بەڭباش كوچىلىرىغا كىرىپ ،ئارمانلىق دۇنيانىڭ ھەر خىل ئېقىنلىرىدا ئېقىپ باققان.بەخت،ئازاب،شۇنداقلا ئىنسان بېشىدىن ئۆتىدىغان نى-نى قىسمەت ،رەڭگارەڭ تۇيغۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان.ۋاھالەنكى ئۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكنىڭ ،توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر قېتىملىق «ئازغۇن»لۇقنىڭ ھاياتىغا باشتىن ئاخىر غەم -غۇسسە كۆلەڭگىسى تاشلاپ ،يۈرەك پارىسىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەيدىغان تاش يۈرەككە ئايلىنىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.ئۇ توي قىلغان 5-6يىل جەريانىدا ئائىلە تۇرمۇشى ھەر ھالدا خاتىرجەم ئۆتتى.بالىلار ئۈچكە يەتكەندە ئۇ ھاراققا ئاستا-ئاستا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.دائىم ئۆيىگە غەرق مەست كىرىپ ئايالىنى ئۇراتتى.ئۆيىدە ئولتۇرۇش بولغان كۈنلىرى بىچارە ئايال قۇچىقىدىكى بالىنى پەپىلىگەچ ئۇنىڭغا زاكۇسكا تەييارلايتتى.تۈگىمەس تېتىقسىز پاراڭلار،ھاياسىز كۆز بېقىشلارغا تەڭكەش ئالا-تاغىل ناخشىلار تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلاتتى.گاھىدا ئاتا تېخى ئەمدىلا 5-6 ياشقا كىرگەن ئوغلىغا ھاراق ئىچكۈزۈپ ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى «نومۇر»ىدىن كۆپچىلىكنى ھۇزۇرلاندۇراتتى.ئۈزۈلمەس ئولتۇرۇش،جەڭگە -جىدەللەر داۋامىدا ئوغۇلمۇ بارا- بارا چوڭىيىپ قالدى.مەكتەپتە سىنىپنىڭ نوچىسى،مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئاتامانى ئىدى.كۈنلەر ئۆتۈپ تېخى دادىسىنىڭ تىقىپ قويغان ھاراق -تاماكىلىرىغا شېرىك بولىدىغان بولدى.ئوغرىلاپ كېلىنگەن توخۇلار زاكۇسكىغا ئايلىناتتى.ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن ئۇلار ئاخىر زېرىكتى.تۇنجى نىكاھ سەپىرىگە ئەنە ئاشۇنداق چېكىت قويۇلدى.ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى.ئوغۇل ئاتىغا بۇيرۇپ بېرىلدى.ئاتا 3 نىكاھلىق بولۇپمۇ كېلىشەلمىدى.ئوغۇل يېڭىدىن -يېڭى ئائىلە مۇھىتى،يېپيېڭى «ئانا»لار ئالدىدا مۇھەببەتسىز،مېھىرسىز چوڭ بولدى.تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن تەلتۆكۈس يۈز ئۆرىدى.تالاي ئاچچىق قىىسمەتلەر ئاتىنىمۇ ئۆزگەرتتى.ھاراقنى ئۈزۈل -كېسىل تاشلىدى.تۇرمۇشىنى يېڭىۋاشتىن باشلاشقا،پەرزەنتىگە ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرىنى بېرىشكە بەل باغلىدى.ئەپسۇس،ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى.ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۆزگەرمەس،كۆكەرمە،مېھىرسىز بىر داشقالغا،تۈرمىنىڭ دائىملىق «مېھمان»ىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ يېقىندا يەنە ئوغرىلىق سەۋەبى بىلەن يەنە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

          ئاتا ئاخىرقى قېتىم نىكاھلانغاندىن كېيىن ئوغلى بۇ ئۆيگە قايتا ئاياق باسمىدى.ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى.ئاران تېپىپ كەلگەندە بولسا يەنە غىپپىدە تىكىۋېتەتتى.ئاتا ئۇنى ئۇرۇپ باقتى.تىللاپ ،ھەتتا تەسىرلىنىپ قالار دەپ ياخشى گەپلەرنىمۇ قىلىپ باقتى.بىراق ئوغۇل بارلىق تىرىشچانلىقلار ئالدىدا ياغاچ ئويما ھەيكەلدەك ئىپادىسىز قېتىپ تۇراتتى.ئاتا بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ «0» بىلەن خۇلاسىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.ھەر قېتىم بۇ ئادەمنى كوچىدا ئۇچراتقىنىمدا ،ياداپ كەتكەن چىرايى،ئورا كۆزلىرىگە چوڭقۇر بىر ھەسرەتنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى كۆرىمەن.بەلكىم بۇ ئاتا ھاياتىدىكى خاتا باسقان قەدىمى،بالىسىغا كىچىكىدىن ئىگە بولمىغان سەۋەنلىكى ،مىللەتكە بالا ئەمەس «بالا»تەربىيىلەپ بەرگەنلىكىگە ئۆكۈنىۋاتقاندۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن مەن مەنىۋىي جەھەتتە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى قالمىغان بۇ ئاتىغا ،تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ۋۇجۇدى ،قەلبى تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىۋاتقان ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىۋاتقان شور پىشانە بالىغا ھېسداشلىق قىلىمەن.ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ،ئاتا-بالىلىق مېھىر يالقۇنىنىڭ قايتا يېلىنجىشىنى تىلەيمەن.شۇنداقلا ھەر قېتىم بۇ ئىش يادىمغا يەتسە «تالنى نوتا چېغىدا ئەگ»دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن.
           ھاياتنىڭ رىژىسسورسىز سەھنىلىرىدە ئىنسان ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. يېقىندا، مەن بۇ ئەرنىڭ تۇنجى ئايالى بىلەن قايتا توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇزۇن يىللىق ھىجراندىن كېيىن بۇ بىر ئائىلە ئاخىرى جەم بولدى. تونۇش- بىلىش، ئۇرۇق- تۇققانلار ئۇلارنى مۇبارەكلەشتى. ئۇلار يېڭى قورۇ- جايلىق بولدى.  قىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتتى. يىللار ئەر – ئايالغا ئوخشاشلا قورۇق، ئاق چاچلارنى ھەدىيە قىلدى. ئوغۇلمۇ ئۆيلەنگۈدەك ھالغا كەلدى. كۆرۈنۈشتىكى ئىللىق ئائىلە ۋۇجۇدقا كەلدى. لېكىن كۆڭۈلگە سېلىنغان دەز، ئۇزۇن يىللىق ئاسارەت بىر ئۆمۈر بۇ ئائىلە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ قالدى.
ئىنسانغا ھايات پۇرسىتى پەقەت بىرلا قېتىم بېرىلىدۇ. ھاياتنى قايتا سىناق قىلىش پۇرسىتى يوق. ئاتا- ئانىلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ دەردىنى پەرزەنتلەر تارتىشى كېرەكمۇ؟
        كەڭ يېزا- قىشلاقلىرىمىزلا ئەمەس، مەدەنىي سانالغان شەھەر مۇھىتىدىمۇ نىكاھ، ئائىلە پاجىئەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە. يىتىملىك، خارۇ- زارلىق، مۇھتاجلىق، ئۆگەيلىك بەختسىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاردەك ئاق ۋۇجۇدىغا قورقۇنچلۇق جاراھەتلەرنى قالدۇرماقتا. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش سەۋەبىدىن بۇدرۇق، يۇمران قوللار ئوغرىلىق كوچىلىرىدا كىملەرنىدۇر ئاھ ئۇرغۇزۇپ، كىملەرنىدۇر قان يىغلىتىپ، ئۆزىگە نامۇناسىپ بولغان يىرگىنىشلىك قىلمىشلارغا يانتاياق بولماقتا. ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. پەرزەنتلىرىنى دېسكوخانىلاردىن، تورخانىلاردىن ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى، بىھۇدە تۆكۈلگەن ياشلار، بىھۇدە ئاققان قانلار، يۈرىكى خۇن بولغان ئاتا- ئانىلار... تۈنۈگۈنكى پەرۋاسىزلىق بۈگۈنكى پۇشايمانغا سەۋەپ بولماقتا.

       ۋۇجۇد توغرا ئەقىدە ۋە ئادىمىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئىنسان سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا تامامەن بولىدۇ. شۇ ۋەجى شەرق مۇتەپپەككۇرى جالالىدىن رۇمى ئىنساننىڭ پاكىزە روھ ئارقىلىق تەندىن ئىبارەت ئاتنى توغرا يولغا سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلىدۇ.  
       مەن ھەم بۇ تۈردىكى پاجىئەلەرنى قىسمەن بولسىمۇ كۆرۈپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئەجەللىك نۇقسانلار ھەققىدە تەشۋىشلىك ئويلارغا چۆكىمەن. ماددىي تەرەققىياتقا تەتۈر تاناسىپ ھالدا چۆكۈۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسى جىمجىت تۇرغان خىياللىرىمنى داۋالغۇتىدۇ. شۇنداقلا ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ «بالىنى يىلىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەش» دېگەن ھېكمىتىنى تارازىغا سالىمەن. ئۆتمۈشكە نەزەر سالغانسېرى شۇنچە نۇرانە سىمالارنى چېلىقتۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىر ياكى ئىككى پەرزەنتنىڭ دەردىدە ھالسىزلىنىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرىشان ھالىتىنى ئويلاپ قايغۇرىمەن.
          يېقىندا ، "مىراس" ژۇرنىلىدا "مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنىڭ كېرىكى يوق" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇئەللىپ ماقالىسىدا مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ئادەتلىرىدىكى ئەجەللىك نۇقسان بولغان مۇددىئاسىز مېھىر - مۇھەببەت ئۇستىدە توختىلىدۇ. ئۇ "بىز بالىلىرىمىزغا مېھىر - مۇھەببەت بېرەلىدۇق، لېكىن مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى، غايە ۋە يۈكسەك نىشاننى كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق." دېگەن نۇقتىلارنى ئاساسلىق پىكىر يولى قىلىدۇ. مەنمۇ ھەم بۇ پىكىرنىڭ "يانتاياق" لىرىدىن.
        دەرۋەقە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پەرزەنت تەربىيىلەش ئادەتلىرىدىن قارىغاندا ئىنتايىن يارقىن خاتىرىلەرنى، پارلاق سەھىپىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شىرمەت ئەزىمەتلەر، ئىپپەت ۋە قەيسەرلىكنىڭ ساھىبى بولغان گۇل يۈزلۈك قىزلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. لېكىن يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئانىلىرىمىزنىڭ بالىلارغا كۆيۈم ئاتا قىلغىنى بىلەن نىشان، بىلىم ۋە ئىرادە يېتىشتۇرۇش ،  مۇكەممەل ئەخلاق پىرىنىسىپ بويىچە ياشايدىغان، مۇستەقىل پىكىر يولىغا ئىگە پەرزەنت قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتە نۇرغۇن چولتىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالىمىز. مەسىلىنىڭ جان يېرى دەل ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە . ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار مېھرىبانلىق، پەرزەنتلەرنى كۈتۈش، تويۇندۇرۇش  جەھەتتە دۇنيادا يىگانە. لېكىن كۆيۈم ئىچىدە نىشان بولماسلىق، پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۇزۇن يىللىق پىلان بولماسلىق ئاقىۋەتتە كۆيۈمىلا بار، ئىرادىسى يوق، ئوتىلا بار سۈيى يوق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالىدۇ.

  

******
       ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ جازا تەربىيىسزقالدۇرۇش. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار. ئالىملار ئافرىقىدىكى ئىنتايىن ياۋايى بىر قەبىلىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قەبىلە ئادەم گۆشى يەيدىكەن. بۇ ئالىملار بۇ قەبىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ، ئۇلارنى مەدەنىي جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ئويىغا كەپتۇ. ئۇلار شۇ قەبىلىدىكى بىر بوۋاقنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتىپ ئىنتايىن ياخشى شارائىتتا تەربىيىلەپتۇ. زامانىۋىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئۇنى قەبىلىسى ئىچىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ يىگىت دۆلىتىگە قايتىپتۇ. ئالىملار ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئافرىقىغا بېرىپ ھېلىقى قەبىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بوپتۇ. ئۇلار بارسا ھېلىقى قەبىلە يەنىلا بۇرۇنقى قېلىپتا ياشاۋاتقۇدەك. ھېلىقى ساپالىق يىگىتنى سورىغان ئىكەن. ئۇلار <ئۇنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۆلتۈرۈپ يەۋەتتۇق.> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھېكايەت كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بىر مىللەتتە ئومۇمىي ساپا يۇقىرى بولمايدىكەن، بىر نەچچە ئالىم، ئۆلىما ھېچقانچە ئىش قىلالمايدۇ. تەربىيە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ھوقۇقلارنىڭ بىرى.
       نېمە ئۈچۈن كۆك كۆزلۈك چەتئەللىكنىڭ كاللىسىدا ئالەم كېمىسىنىڭ چېرتىيۇژى شەكىللىنىدۇ-يۇ، چىمەن دوپپىنىڭ كاللىسى ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سخىمىسىدا توختاپ قالىدۇ؟ پەرق تەربىيىلىنىش سۈپىتىنىڭ، ساپانىڭ ئوخشىماسلىقىدا، ئەلۋەتتە..
        تەربىيىسىز قېلىشنىڭ تەسىرىدىن باشقا بالا بولىۋاتقان چۆچۈرىدەك بالىلار، قاراڭغۇ كۈلبىلەردە سىقىلغان ئارمان، كۆزى ئوچۇق كەتكەن ئاتا- ئانا... نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىلىمنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەش ئېڭى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان رىئال مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا.
تۇيۇقسىز بالىلىق دەۋرىم ئېسىمدىن كەچتى. رەختتىن تىكىلگەن سومكىغا پارچە قەغەزلەرنى يىپ بىلەن تىكىش ئارقىلىق ياسالغان دەپتەرنى، تولا ئۇچلىنىپ قولدا ئاران تۇرغۇدەك دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن قېرىنداش قەلەمنى ئىشلەتسەكمۇ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى قەدىردان ئاتا- ئانام دېھقان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ھەر قېتىم سەھراغا بارغاندا مۇھتاجلىق قەددىنى ئەگكەن بوۋاي- مومايلارنى، كەتمەن دەستىدىن مەزگىلسىز قېرى چىراي بولۇپ قالغان ئاتا- ئانىلارنى ئۇچراتسام ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ بۇنداق جاپالارغا قالماسلىقىنى تىلەيمەن ھەم شۇنداق خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
ئاشۇ سەھرالاردىكى بالىسىدىن ئەنسىرەپ كۇننى تاڭغا ئۇلايدىغان ، كاللىسىغا چوڭقۇر ئىتائەتمەنلىك ، رايىشلىق سىڭگەن ، بالىسىنى، نەۋرىسىنى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قويلىرىنىمۇ بېقىپ بېرىشنى ئويلايدىغان ، يېشى 50 كە بارماي تۇرۇپلا چېچى ئاقىرىۋاتقان،چىشى قالمايۋاتقان پاك ئىنسانلىرىمىز بولغان ئانىلار ھەققىدە ئويلۇنۇپ قويايلى !
ئائىلە باشلىقلىرىدا ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدىغان ئاڭ بولمايدىكەن، بۇ ئائىلىدىنمۇ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولمايدىغان ساپاسىز ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ساپاسىز ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىشى شۇ قەۋمنىڭ كېلەچەكتە يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ كۆپىيىشىدۇر.
         ئاجرىشىش نىسبىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان، ئائىلە، نىكاھ كىرىزىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان، مېھىر- مۇھەببەت سۇسلاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، پەرزەنتلەرنىڭ كۈتىدىغىنى پەقەتلا بىر ئىللىق ئائىلە. قۇشقاچ بالىلىرى ئاشۇ ئاددىي ئۇۋىسىدا بەختلىك سايرىيالايدۇ. ئاددىي بىر تال گىياھ ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە رەڭ بەرگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ. ۋاھالەنكى، ياسىداق ئۆي، توققۇزى تەل تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئائىلىلەردىن ئائىلىۋىي ئىللىقلىقنى تېپىش تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەر ئاياللارنىڭ بىر- بىرىدىن كۈتىدىغانلىرى بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ھېچكىم ئويلاپ باقمىدىكى، ئۆزىمىز تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسىنى ئەمەلىيەتتە بىز قارشى تەرەپكە بەخش ئېتەلمىدۇق. ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىكى شاپتۇل بىزنىڭ باغچىمىزدىكى ئالۇچىدىن تەملىك تۇيۇلدى. ماددىي تەرەققىياتقا يانداشقان مەنۋىي پۈچەكلىك ئىقتىساد، ئۆمرىمىزنى خوراتماقتا. بىز بالىلىرىمىزغا ئېسىل ياسىداق ئۆيلەرنى مىراس قالدۇرۇشنى قوغلاشتۇقكى، ئېسىل يوسۇن،توغرا ئەقىدە، ئادىمىيلىك خىسلىتىمىزنى مىراس قالدۇرۇشنى ئويلاشمىدۇق. باشقىلارغا نەسىھەت قىلدۇق، لېكىن ئۆزىمىزدىن باشلىمىدۇق.  
        بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ھەم ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن«ئەقىللىق يىشيۇ»قىلىشقا تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ تېخى كۆپ نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭمۇ ئۆز خىيالى،ئويۇنلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ.بىر بولسا بالىسىنىڭ قورسىقىغىلا ئىگە بولىدىغان ،بىر بولسا «ئالىم»قىلىمەن دەپ كاردىن چىقىرىدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.
         كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ پەرۋىش قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك.بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت بىزگە سۇئال قويماقتا.پەرزەنت ھەرگىزمۇ ئەۋلادلارنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغان ئەمەس.ئاتا-ئانا بولسا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولدا ۋىجدان يۈكلىگەن قەرزلەرنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەم ئۇنى ئادا قىلغۇچى ھەمسەپەرلەردۇر.ياراملىق بىر پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قەۋم ئۆچۈن يېڭى قان قوشقان بىلەن باراۋەر. شۇ ۋەجى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆز ساپايىمىز ئۈستىدە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنايلى.تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك كەلكۈنلىرى ئىچىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ باغرىمىزدىن يېرىپ چىققان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا،تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى.
        ھەر بىرىمىز كۆز ئالدىمىزدىكى رەڭگارەڭ مەئىشەت دۇنياسىدىن نەزىرىمىزنى ئائىلىمىزدىكى سەبىي كۆزلەرگە كۆپرەك ئاغدۇرايلى. ئۇلارغا كۆپرەك مېھىر بېرەيلى. ئۇلار كەلگۈسىدىكى يېڭىچە تراگىدىيىلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى يېڭىچە تەرەققىياتلارنىڭ شاھىدلىرى بولسۇن.
       «قوي بېقىپ خوتۇن ئالىدىغان،خوتۇن ئېلىپ تۇغۇلغان بالىسىغا يەنە قوي باققۇزىدىغان»يارىماس ئەنئەنە بىزدىن مەڭگۈلۈك يىراقلاشسۇن.بارلىق ئوي-پىكرىمىز ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان، ئىككىلا ئالەملىك بەختنى كۆزلىگەن ، ئەقىدىلىك، بىلىملىك پەرزەنت تەربىيلەشكە جەملەنسۇن.شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى.

مەلۇم بىر ئېتوتتىكى:
  ساۋاقداشلار، ساۋاقداشلار، باغقا بارايلى!
  قوناقلىققا ياڭيۇ تېرىپ كاۋا ئالايلى!
  
       دېگەن ھەجۋىيلەر رىئاللىقىمىزنى ئوبدان ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دېمەك، بىز پەرزەنتلىك بولدۇق. ئۇنى باقتۇق.(ھايۋانلارمۇ بالىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان تويۇندۇرۇپ باقالايدۇ.) لېكىن ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا ئىدىيە، ھەم توغرا قاراش سىڭمىگەنلىكتىن، قىسىقىسى سىڭدۇرەلمىگەنلىكىمىزدىن قولىدىن ھېچقانچە ئىش كەلمەيدىغان، 30 غا كىرگەن تۇرۇقلۇق يات شەھەردە 10 كۇن ئاتا- ئانىسىز ياشاپ قالسا ئانسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلايدىغان بېلى بوش يىگىتلەرمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
      ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئۆز ئوقۇش تارىخىنىمۇ تولۇق دەپ بېرەلمىگەن ئەپتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟دېمەك بىز گۈلنىلا كۆرسىتىپ،تىكەن بارلىقىنى كۆرسەتمىدۇق.نامەلۇم نەرسىلەردىن قورقۇشنى ئۈگىتىپ،ئىنتىلىشنى ئۈگەتمىدۇق.<ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن ئادەم قۇل > دېگەن ھېكمەتنى چۈشەندۈرمىدۇق..پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ناقىسلىقى ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمگە ئەمەس بەلكى بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى ،غايىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان مەرەز.
ئائىلە مۇتلەق ئەركىن بىر دۇنيا. ئەمدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئاتا- ئانىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. ئاتا- بوۋىلىرىمىزغۇ ئېسىل ئۈگۈت- نەسىھەتلەر بىلەن نى- نى ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپتىكەن. لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە،  بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە پەند- نەسىھەت سىڭىدىغان ئورۇن قالمىدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بالىلىرىمىزنىڭ قەلب ئېكىنزارلىقى خىلمۇ- خىل ئۈندۈرمىلەرنىڭ ئەبجەشخانىسىغا ئايلاندى. ساپلىق يىراقلاشتى.
تەربىيە شەكىللىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. ھەر بىرىمىزگە  ئائىلىمىزنىڭ ئاتموسفېراسىنى ساپلاشتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيىسىنى مەلۇم نىشان، كەلگۇسى پىلان ئىچىگە سىڭدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىش بەكمۇ زۆرۈر بولماقتا. قىسىقىسى ، مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى.  
         «قابۇسنامە» دە مۇنداق ھېكمەتلەر بار : ئەي ئوغۇل، تىرىشىپ ، ئىجتىھات قىلىپ ، تۈرلۈك ئىلىملەردىن خەۋەردار بول. تۈرلۈك ئىلىملەرنى ھاسىل قىلماقچى بولساڭ، ئالىملارنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ ماڭغان يولىغا كىرىپ، ئۇلاردىن ئۆگەنگىن. كامىل بىر ئۇستازنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ ئىلىم ھاسىل قىلىشىڭ لازىم..
جاھان تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر دەۋرىگە كىردى. ھەر بىر ئىنسان تەربىيىلىنىشكە ھوقۇقلۇق. بىپايان يېزا - قىشلاقلىرىمىزدا ئولتۇراقلاشقان دېھقانلىرىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم..
        ھەشىمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشىمەتلىك توي، قاتار چايلار تۆگە كارۋىنىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتكۈزىلىۋەردى.«بىز بەختىيار ئەۋلادلار» ناخشىسى ئېيتىلىۋەردى.ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانا مېھرى قان ھەم جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز قەرز ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسىدە تىپىرلاپ ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق.ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى،كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ۋەھىمە،ياتسىراش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق.
       پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەرقانداق بالىنىڭ ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ناسارا قىلامدۇ، مەجۈسىي قىلامدۇ ئاتا- ئانىغا باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇستىخىنىمۇ قاتمىغان پەرزەنتلىرىنى بالىت كۇرسىغا.... يەنە ئاللىقانداق كۇرسلارغا ئىككى قوللاپ سۇنىۋاتقان، ئەقىدە ھەققىدە تېرىقچىلىك بىر نەرسە يۇقتۇرمىغان ئاتا- ئانىلار قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنى ئويلاپ قويۇشى كېرەك.
     كارل ۋېتر پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ».بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.دەرۋەقە،پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلار تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك،خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا،ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.ياكى ساپاسىز بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ قويىۋاتىدۇ.مەلۇم يەسلىدە بالا باققۇچىلار كىم بالدۇر ھەم كۆپ ئۇخلىسا شۇنى ماختاپ مۇكاپاتلىغان.بىز ئىشەنچ قىلىۋاتقان يەسلىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بېرەلەيدىغىنى ئەنە شۇنچىلىك .قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن دەۋردە ئەجداد ئۇيقۇسى يەتمىگەندەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئەمەس ئۇخلاش تەربىيىسى بېرىلسە قانداقمۇ مۇراد گۈللىرىمىز ئېچىلسۇن؟
        " ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق" دېگەندەك ساپاسىز ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن بالىلار ناۋادا قىز بولسا ئۆلگۇچە ئانىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ بالا،نەۋرە،قوي باقىدۇ. نەۋرىسى ياكى قويىنى بېقىپ بېرەلمىگىنىگە ئۆكۇنىدۇ،خىجىل بولىدۇ،ھەسرەتلىنىدۇ.پەرزەنتلىرىمۇ خۇددى ئانىنىڭ ھەسرەتلىنىشى يوللۇقتەك ھېس قىلىدۇ. مۇشۇنداق مىننەتسىز ئەجىر بىلەن تالاي ئاتا- ئانىلىرىمىز ئۇنسىز ئۆتۇپ كەتتى . ئانا تۇپراق ئاخىرى ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. ..
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاتەش رەنا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-10, 07:20

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( گۇلخان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-10 12:38 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 273
شۆھرىتى: 2895 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2970 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 319 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 164(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يولاپسىز ،قېرىندىشىم ،بەك خوش بولدۇم ،كوڭلۇم يۇرۇپ كەتتى ،،،،،
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-10 15:36 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇلازىم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2454
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرىتى: 1030 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1030 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 103 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ تىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يورۇپ كەتتى .دىمىسىمۇ شۇ ،ئەڭ ئاخىردا يەنىلا شۇ سەبىيلەرگە زىيان يەتكۈزىۋاتىمىز .
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-10 22:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇلازىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
چىچەك
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 152
شۆھرىتى: 1550 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1824 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 176 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تەربىيىۋى ئەھمىييىتى زور تىما يوللاپسىز ،ئەجرىڭىڭىز گە كۆپ تەشەككۈر....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 15:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چىچەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 899
شۆھرىتى: 9020 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 904 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نېمە ئۈچۈن كۆك كۆزلۈك چەتئەللىكنىڭ كاللىسىدا ئالەم كېمىسىنىڭ چېرتىيۇژى شەكىللىنىدۇ-يۇ، چىمەن دوپپىنىڭ كاللىسى ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سخىمىسىدا توختاپ قالىدۇ؟ پەرق تەربىيىلىنىش سۈپىتىنىڭ، ساپانىڭ ئوخشىماسلىقىدا، ئەلۋەتتە......
ئوي-پىكرىمىز ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان، ئىككىلا ئالەملىك بەختنى كۆزلىگەن ، ئەقىدىلىك، بىلىملىك پەرزەنت تەربىيلەشكە جەملەنسۇن.شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى.
*****************************************************************
پۈتۈن ماقالىنىڭ مەركىزى نوقتىسىنى مۇشۇ جۈملىلەرگە يىغىنچاقلاپ چۈشەندىم......مەندە پەرزەنىت تەربىيسىگە نىسپەتەن يېڭى بىر ئويغىنىش بولدى...

تىمىڭىزغا رەھمەت...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 15:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەك ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن. رەھمەت سىزگە.
پەرزەنت تەربىسى ھەر-بىر ئائىلىگەنىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 18:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا