ئىچكەركى ئوي
مەن بۇ يەردە ئىشلىگىلى بىرەر ئايدەك بولغان كۇنلەر ئىدى ،شىرەم تۇققان كىلدىغان ھەدەملار ئاچقان دەم ئىلىش ئورنىغا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىھمانلار كىلىپ تۇراتتى ،تاماقلىرىنى ماختاپ يىيىشىپ دەم ئىلىش كۇنلىرىنى خوشال ئوتكۇزۇشۇپ قايتىشاتتى .
بىر كۇنى ئادىتىم بۇيىچە تازلىق ئۇينى پاكىزە تازلاپ(ھەدەم ھەممىدىن بەك بۇ جاينىڭ تازلىقىنىڭ پاكىزە بۇلىشىنى تەكىتلەپ تۇراتتى ) چىقىپ تۇرۇشىمغا ئۇرۇمچىنىڭ نۇمۇر تاختىسى بېكىتىلگەن بىر كىچىك ماشىنا قۇرۇ ئىچىگە كىرىپ كەلدى .بىزگە نىسپەتەن ئەتتىگەندىلا كەلگەن بۇ مىھمانلارنى كورۇپ قۇلۇمنى چايقاپ ئالدىراشلا بۇ مىھمانلارنى كۇتۇۋىلىش ئۇچۇن ئالدىغا باردىم ،بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان 4 مىھمان ماشىنىدىن چۇشتى ،دىگەندەكلا يىڭى تويى بولغان بىر جۇپ پەرزەنىت ئاتا - ئانىسى بىلەن دەم ئالغىلى كەلگەنىكەن ،چىرايىدىن پاكىزلىق چىقىپ تۇرغان بۇ مىھمانلارنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ شۇنداق رەتلىك ئىدى ،چوڭلار چوڭلارغا خاس كىيىنگەن ،ياشلار ياشلارغا خاس زامانغا يارىشا كىيىنگەن ئىدى ،بايقىشىمچە شۇ چاغدا ھىلىقى يىڭى تۇيى بولغان ئاكاش باش كىيىمى كىيمىگەن، قاملاشقان چاچلىرىنى رەتلىك تارىۋالغان ئىدى .ئايالىمۇ سومبۇل چاچلىرىنى دولقۇنلىتىپ ئۇيىدىكىلەر بىلەن بىرگە مەن باشلىغان ئۇرۇنغا كىلىپ جايلاشتى ،مەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە مەسلىگىم كىلىپ خىيال سورگەنچە چاي دەملەش ئۇچۇن تۇتۇش قىلدىم .....
باشقا خىزمەتداشلىرىممۇ ئەتتىگەنلىك تازلىق ئىشلىرىنى تۇگىتىپ ئەتتىگەنلىك تاماققا ئولتۇردى ،،،بىزنىڭ بىر كۇنلۇك ئالدىراش ئىشلىرىمىز باشلىنىپ كەتكەن ئىدى .كەينى كەينىدىن كەلگەن مىھمانلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە كۇتۇش بىلەن يۇرۇپ چۇشتىن قايرىلغاننىمۇ تۇيماي قاپتۇق .
-سىڭلىم تاھاراتكە سۇ ئالاي دىگەن ،چۇگۇن بارمىدۇ ؟پىشىن ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ ..ھىلىقى يىڭى تويى بولغان چىرايلىق ھەدىمىز مىنى چاقىرىپ شۇ گەپنى قىلدى .
سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ،مەن چۇگۇننى سىزگە ئەكىلىپ بېرەي ..مەن بىر خىل خوشاللىق تۇيغۇدا ئالدىراش سۇ تەييار قىلدىم ،ھەم ئۇ ھەدىمىزگە تازلىق ئۇيىنى كورسۇتۇپ قويدۇم .ئۇ ھەدىمىز ئانىسىنى باشلاپ ماڭدى .
-سىڭىلىم ...يەنە شۇ ھەدىمىز .
ھە --مەن دەرھال يېنىغا باردىم ،(ماشىنىسىدىن ئالغان بولسا كېرەك ،قۇلىدا جەينىماز ،لىچەك تۇراتتى ).
جاپا كورمىسىڭىز ،بۇ يەردە ئادەم بەك كوپكەن ،ناماز ئۇتىۋالغىدەك ئوي بارمىدۇ ؟ - دەپ سوراپ قالدى .
بۇ يەردە ئايرىمخانىلار يوق ئىدى ،پەقەت خۇجايىن ھەدەملەرنىڭ دەم ئالدىغان بىر ئېغىز ئۇيى بار ئىدى ،مەن بۇ ئانا بالىلارنى مۇشۇ ئىچكەركى ئويگە باشلاپ كىردىم ھەم قۇلايلىق بولسۇن ئۇچۇن يەنە بىر جەينىماز ۋە لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتىم .
يارىشىملىق دوپپا كىيگەن ھىلىقى ئاكىمىزمۇ دادىسىنى باشلاپ نامازغا تاييارلىق قىلدى ،بۇ ئاتا بالىلار نوۋەتلىشىپ ھىلىقى ئىچكەركى ئويگە كىرىپ نامازلىرىنى ئۇتۇۋېلىپ چىقتى ،ئاندىن ئولتۇرۋاتقان ئۇرۇنلىرىغا كەتتى .
كوڭلۇمدە يەنە بىر قېتىم بۇ مىھمانلارغا ھورمىتىم ئاشتى ،دىلىم سۇيۇندى ....
خىزمەت كۇندە شۇنداق ئالدىراش ئىدى ،بىر مىھماننىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ تۇرۇشۇمغا 45 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ،بىشىغا ياغلىق ئارتقان ،كىيىملىرىمۇ ئۇزۇن ،يىزا ئاياللىرىغا خاس كىيىنگەن خوشنا يېزىدىن قاتار چاي ئوتكۇزۇشكە كەلگەن 2 ئايال مىنى چاقىرىپ قالدى ،يېنىغا بارسام مىنى بىر چەتكە تارتىپ ھېلىقى ئىچكەركى ئوينى كورسۇتۇپ تۇرۇپ : --سىڭىلىم ،نەچچە ۋاقىتتىن ئېتىزلىرىمىزدە جاپانى يەتكۇچە تارتىپ ئىشلەپتۇق ،بۇگۇن بۇ يەرگە كىلىپ بىر دەم ئېلىپ ئويناپ كىتەيلى دىگەن ئىدۇق ،ئارىمىزدا بىر ئايال بارتتى ،بەكلا نامازخان ،شۇڭا ئۇ يەردە قىلىش ئەپسىز ،بۇ ئىككىمىزنىڭ نەچچە پۇتۇلكا پىۋا ئىچكىمىز بارتتى ،مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىچكەركى ئۇيىڭىزلەرگە كىرىپ ئىچىۋالغان بولساق ،،،،
قاپىقىم شۇ ھامان تۇرۇلدى .
--خاپا بۇلۇشمىسلا ! بۇ ئويگە مۇناسىۋاتسىز كىشىلەر كىرىشكە بولمايدۇ -،دىدىم .
--بايا مىھمانلار كىرگەندەك ،،،،چىرايىمدىكى ئوزگۇرۇشتىن گىپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىغان بۇ ئىككى ئايال سالپايغىنچە ئۇرۇنلىرىغا كىتىشتى .بۇ ئاياللارنىڭ تۇرقىدىن بۇنداق گەپ چىقار دەپ ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن .ھەدەمنىڭ مۇشۇ ئېچىمىلكنى ساتماي بىر تىجارەت قىلسام دەيمەن ،دىگەن گىپى قۇلۇقۇمدا جاراڭلىغاندەك بولدى .
خاتىرجەم بول ،ئىچكەركى ئوي ،مەن سىنى ئىچەرمەنلەرنىڭ ماكانى قىلىپ قويمايمەن .

مەنبە : ئىجادىيتىم
[ بۇ يازمائاتەش رەناتەرپىدىن2011-05-05 14:44دە قايتا ]