hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
halmurat
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرىتى: 570 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 64 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ
ئۆتكەن زاماننىڭ يەر تەۋرىگەن يىلى ،جۇمبۇلى ئاۋالنىڭ بىرىكەم ئوتتۇزى ئىدى .ئوچاق مەملىكىتىنىڭ قازان شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق مانتوگۇڭ بىگىمنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان بۇۋىم پۈتۈن غىزا ئەرباپلىرىنى يىغىپ سوھبەت ۋە توختام قىلساق ،دىگەن نىيەت بىلەن داستىخان مەيدانىنى تۇزۇپ ،پۇتۇن غىزا مېھمانلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ كېلىشىنى كۇتۇپ تۇرغان ئىدى.
داستىخان مەيدانىغا ئەڭ ئاۋۋال قەشقەر شەھەر توققوزاق دەرۋازىسىدىكى مىسكەر شەيىخ ھاجىمنىڭ بېقىۋالغان ،رەڭگى روھى سارغايغان يايپاڭغىنام شالدام ئوغلى ئاپتۇۋا مەخسۇم نازۇك بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇپ ، تەۋۋەززۇ بىلەن كېلىپ ،مېھمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول كورۇشۇپ چىقىپ كەتتى .
ئۇندىن كىيىن قازان شەھرىنىڭ بۇرۇنقى مەرھۇم پادىشاسىنىڭ چوڭ خوتۇنى لوڭگىخان ھاجىم ھەرەمدىن كەلگۇنچە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ تېز مىڭىشتىن قالغانلىقتىن ،قانچە غەيرەت قىلىپ سورۇلۇپ كېلىپ ،مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ئوينىڭ تاشقىرىدا ئالتۇن ئىشان بوزرۇكنىڭ مۇرىد-مۇخلىسلىرىدىن بولغان ھەزرىتى ساماۋەر پىرىم چەينەك ھاپىزلىرىنى يىغىپ ھالقا بولۇپ ئوتۇرىغا گۇلخان يېقىپ ،ۋاراقلاپ زىكرى سوھبەت باشلىماقتا ئىدى .
بۇ ئەسنادا جاراڭ-جۇرۇڭ غەۋغا كوتىرىپ ،ھەشەم بىلەن يۇرتنىڭ ياش-ئوسمۇر يىگىتلىرىدىن بولغان پىيالە يىگىتلەر سەپ-سەپ بولۇپ يېتىپ كېلىشتى،ئارقىدىنلا تاشقىرىدىن ھەيۋەت بىلەن ''پوش''،''پوش''دىگەن سۇرلۇك ئاۋازلار ئاڭلاندى.بۇ تاشقىرىدىكى ساماۋەر پىرىمنىڭ ئاۋازى ۋە چەينەك مۇرىدلىرىنىڭ قىيا-چىيالىرى ،پىيالە يىگىتلەرنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭ سادالىرى ئىدى .
پەلەك لاۋۇلداپ ،ئاسماننى كوتىرىپ ،ئەرش تۇۋرۇكلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۇرۇۋەتتى .ئۇزۇن كوچىدىن ''خوش''،''خوش''دىگەن خوشامەتلەر بىلەن پەتنۇس تەختىگە ئولتۇرۇپ ،تونۇر ئىقلىمىنىڭ ئەۋلىيالىرىدىن بولغان قازى كالان مەزە تورەم توقاچ ۋەزىرلىرىنى ئالدىن ماڭغۇزغان ،چەينەك سەردارلىرى ئىككى ياندا مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا داستىغان مەيدانىغا ناھايىتى زور تەنتەنە بىلەن يېتىپ كەلدى.
پۇتۇن مەيداندىكىلەر مەزە تورەمنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىغا، ھازارە مەجلىسىكە سۇلھى ئۇچۇن كەلگەن مېھمانلاردىن سىنچايخان ھاجىم شاما ھاسىلىرىنى قولتۇققا قىسىپ ،تىنغان ۋە رەڭگىنى قىزارتقان ھالدا ،چىنە ھارىۋىسىدا خوشامەتچى پەتنۇسقا مىنىپ يېتىپ كەلدى .مۇلايىم سۇپەتتە بويۇنلىرىنى جىم ئېگىپ ئولتۇرۇشقان ،قاتلىما قازى ئاخۇنۇم چۇۋۇلغان سەللىلىرىنى تۇزەپ ،پەرىشان كوڭۇللىرىنى خاتىرجەم قىلىپ، ھەزرىتى مەزە تورەمنىڭ ئۇستىگە چىقىپ ئورۇن ئالدى .بۇنى كورۇپ مەزە تورەم چىدىيالماستىن دەرغەزەپ بولۇپ ،قاتلىما قازىنىڭ سەللىلىرىنى چۇۋۇپ تاشلاپ ئوزىنى تىرە-پىرەن قىلغاندىن كېيىن ،مەزە تورەمنىڭ قىپچاق دوپ-دۇگىلەك پۇسمۇس پالۋانلىرىدىن بولغان سامسۇ باتۇرلار قاتلىما قازىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ ،تەخىتلىرىنى ئولجا قىلىپ ،ئوزلىرى چازانى كەڭ قۇرۇپ ،بىخىرامان ئولتۇرۇشتى .
مېھمانلار ھۇزۇرىغا يىلدا بىر قېتىم قەشقەر شەھرىنى زىيارەت قىلىش ئۇچۇن كېلىدىغان ،يۇپۇرغا،پەيزىۋات ،سەمەن ،دولەتباغ ۋە شېكەر باغ مەھەلىلىرىدىن بولغان بىشەكشۇن ھاجىم،پاك مۇرىلىرىگە پىلەك سىكىلەكلىرىنى تاشلاپ ،ئالا بەقىسەم تونلىرىنى كىيىپ ،ئوز ئەۋلاتلىرىدىن بولغان كوكچى نوچى ، چاچورۇك ئىشان ،شېكەر شۇن خېنىم ،ئاقچى بايۋەچچە،بەگزادە تورەم ،سەۋزە نازۇك كېلىنچەك ۋە كۇيوغلى تاۋۇزجان قارىلار بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلدى .مەيداندا ئولتۇرغان مېھمانلار بىلەن بۇرۇندىن ئەپ بولماي كەلگەن بەزى ئەھلى قىزىق تاماقلار كىرىشى بىلەن ئوز خوجايىنلىرىدىن بولغان قىزىل كىكىدەك پالۋانلىرىنىڭ قوللىرىغا خەنجەر بېسلىق پىچاقلىرىنى ئالدۇرۇپ ،شېكەرشۇن خېنىم ،سەۋزە نازۇك كىلىنچەك ھەم ئاقچى بايۋەچچىلەرنىڭ نالە-پەريادلىرىغا قۇلاق سالماي،ئارقا-ئارقىدىن ھەممىنى شىھىت قىلدۇرۇۋەتتى .بىشەكشۇن ھاجىم بىلەن تاۋۇزجان قارىملارنىڭ قانلىرى دەريا-دەريا سۇ بولۇپ تۇمەن دەرياسىغا قوشۇلۇپ كەتتى .
تاۋۇزجان قارىمنىڭ مۇبارەك تەسۋىلىرى دانە-دانە بولۇپ ،داستىخان مەيدانىغا تىرىلىپ كەتتى .بىر ئازدىن كېيىن ئەھلى مەيدان ئاخۇنلىرى بۇ شىھىتلەر ھەققىدە سۇرە-تالاۋەت قىلىشتى.
بۇنىڭغا ئوخشاش قان توكۇلۇشكە تاقەت قىلالمىغان مەزە تورەم تونۇرى ھەددىدىن زىيادە غەزەپلىنىپ : ''قان توكۇلۇشكە سەۋەپچى بولغان قاتىللار داستىخان سەھنىسىگە ھازىر قىلىنسۇن ''دەپ ئەمىر قىلغاندىن كېيىن ،چۇمۇچ مىرشاپلىرى ئىستىقامەت قىلىپ يۇرگەن شورپا غوجىكامنى دەرھال چىنە مەپىگە سېلىپ ،قارامۇچ تەسۋىلىرىنى يەنجىپ ،يۇزلىرىگە سېپىپ ئېلىپ كەلدى .شورپا غوجىكام ناھايىتى قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن كوزلىرنى پاقىرىتىپ تۇرۇشىغا ،بۇ ئەيىپنىڭ چوچۇرە بۇۋىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ ،دەرھال چوچۇرە بۇۋىگە ئەلچى ماڭغۇزدى .
چوچۇرە بۇۋىم-ئۇگرە تارتمىلىرىنى باشتىن-ئاياققىچە ساڭگىلىتىپ ،يۇمغاقسۇتتىن ئوسما قويۇپ ،پەرەنجىلىرىنى يېپىنغان ،چامغۇر بوقچىلىرىنى قولتۇقلىغان ھالدا ئەلچىگە تۇتۇق بەرمىدى ،بۇ بۇلۇڭدىن ئۇ بۇلۇڭغا چىنە ئىچىدە قېچىپ يۇرگەنلىرىدە مەزە تورەمنىڭ ئاچچىغى تېشىپ كېتىپ قالدى،دەرھال قوشۇق دوغىنى چاقىرىپ ،تېزدىن بىرىپ چوچۇرە بۇۋىنى تۇتۇپ كېلىپ ،سوراققا تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى . چوچۇرە بۇۋىمنىڭ چۇشۇپ كەلگەن چىنە مەپىسىنى قازان شەھرىدىكى داس بېگىمگە ئامانەت قويدى.
ماجرادىن كىيىن ''يۇتازا مەخسۇم '' قاسقان ھۇجرىسىدىن ئالدىراشلىق بىلەن ئىغىناپ تەرلەپ چىققان پېتى چىلگىدەك سەللە ئوراپ ،بەللىرىنى يۇمشاق يوگەپ لىگەن تەختىگە ئولتۇرۇپ ،ماڭاي دىيىشىگە مانتا باداڭ قورۇلۇپ كەتكەن قاپاقلىرىنى يۇمۇپ ،قوساقلىرىنى بۇمبايتىپ ، ئاتىكاچىلىق بىلەن دەررۇ يۇتازا مەخسۇمنىڭ ئۇستىگە چىقىپ ئورۇن ئالدى.بۇلار لىگەن تەختىدە بىر-بىرىگە ماي تارتقان ھالدا ناز قىلىپ ،مەيدان تەرەپكە مېڭىشىغا بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان خوشاڭ يامۇلنىڭ ئامبىلى لازا دارىن ،شو سەي كوجاڭ،چەيزە سىجاڭ ،ئاچچىقسۇ لوزۇڭ ۋە تۇرۇپ شويىلار بىلەن چىن تەخسە جۇغا چۇشۇپ كويزامىلتىقلىرىنى بەتلاپ ،شىشە جاڭلىرىنى ئۇرۇپ جاراڭلاپ مەيدانغا كەلدى .ھەممە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بۇلارنى تورگە باشلاپ قارشى ئالدى .بىر ئازدىن كېيىن شوسەي دارىننىڭ كوزى غەزەپ ئارىلاش مانتۇ بەككە چۇشۇپ قالدى.بۇلار بۇندىن بۇرۇن مەنسەپ تالىشىپ بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن ،بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شوسەي دارىن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ،لازا سىجاڭغا مانتۇ بەگنى كۆرسىتىپ ''كويزا مىلتىق بىلەن ئېتىپ ،ئاچچىقسۇ لوزۇڭغا دەرھال داڭزىغا ئالدۇرۇپ،قوساقلىرىنى يېرىپ ئۇچەي -باغرىنى چۇۋۇپ تاشلاپ ،قاتتىق جازا بېرىشكە پەي ئېسىلسۇن ''دىگىنى ئۇچۇن ،دەرھال خوش-خوش بىلەن بۇ ھوكۇم ئورۇندالدى.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ، بۇ پىتنىنىڭ سەۋەپچىسى بولغان ''يۇتازا''مەخسۇمنى چەمبەرچەس باغلاپ تەخىتتىن ئاغدۇرۇپ ،شاھى سەللىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ ئوزىنى پارە-پارە قىلىشقا ھوكۇم چىقىرىلدى.
بۇ ئەسنادا سىنچاي سۇلھىچىلىرى بۇ ماجرادىن ئەندىشە قىلىپ ،تەرەپ-تەرەپكە يۇگۇرۇپ يۇرمەكتە ئىدى .بىردەمدىن كېيىن كوپ ئىلتىماسلار ئارقىلىق ھەزرىتى شاھى سۇلتان پولو كاپكىر دۇمباقلىرىنى چالدۇرۇپ،چىنە پاسىۋانلىرىنى تەييار قىلىپ ،پۇتۇن ئوردا ئاكابىر-ئەشرەپلىرىنى يىغدۇرۇپ،1000دىن ئارتۇق مىس ھەم چىنە ،تەلەڭگە چاقلىق ھارۋىلىرىنى توپلاپ قوۋۇرغا دەرىسىنى ئېلىپ ،بىيە تامغىسىنى بېسىپ ۋە سەۋزە ئوق-يالىرىنى بەتلەپ ھەيۋەت بىلەن داستىخان مەيدانىغا يېتىپ كەلدى .
داستىخان مەيدانىغا يىغىلغان پۇتۇن تائام ماشايىقلىرى ئاسىلا-باقسىلا دىگەن تۇزۇتتە قولمۇقول تارقاپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى .لېكىن شوسەي ئوتۇلگەن تامام ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ ھەزرىتى شاھى سۇلتان پولوغا ئېتىپ ئوتكەندىن كېيىن ھەممە ۋەقەلەردىن خەۋىرى بار تەجرىبىلىك شاھى سۇلتان پولۇ ئەڭ ئاۋۋال ماجرا تۇغدۇرماقچى بولغان مانتۇ بەگنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋا خېنىمنى يەل باتۇرنىڭ باشچىلىغىدا ئۇنى ئاچچىق ئۇچەي ۋە تاتلىق ئۇچەي كوچىلىرى ھەم تاۋزەك مەھەلىلىرى ئارقىلىق قەشقەر شەھەر تۇرۇمتاي كولبېشى بىلەن تۇشۇك دەرۋازىدىن ئېلىپ چىقىپ كوزىچى يار بېشى بىلەن ۋە قېرىن داتاڭغا ھەيدەپ كىرگۇزۇپ زىندانى خالاغا پالانسۇن دىدى .
چوچۇرە بۇۋى بۇ پىتنىنى قوزغىغاچ،چوچۇرە بۇۋىنىڭ دەسلەپتىلا داستىخان مەيدانىغا چىقىشى قالدۇرۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئەسلى مۇقەددەم بولغان ساپ نىيەتلىك مەنچىزە خېنىم تۇرغۇزۇلسۇن دىدى .
مەزە تورەمنىڭ مەنسەپلىرى بىلەن تامغۇلىرى ئېلىنىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا توقاچ پالۋان ھاكىملىققا بەلگىلەنسۇن ،دىدى .
سابىق مەزە تورەمنىڭ يۇمۇلاق لەشكەرلىرىدىن بولغان سامسۇ باتۇرلىرى تۇتۇلۇپ قىزىل كىكىردەك كانىيىغا قامالسۇن ،دىدى .
مەرھۇم تاۋۇزجان قارى ئۇچۇن شېكەشۇن خېنىمغا ھوزۇر قويۇلسۇن ،دىدى .
كوكچى نوچى ،بىشەكشۇن ھاجىلارغا سەمەن ،پەيزىۋاتتىن ئورۇن بېرىلسۇن،شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن تائاملار ئىتتىپاقلىشىپ ،مۇندىن كېيىن قوساق ئىقلىمىدا گۇلدۇر-گۇلدۇر ،قاراس-قۇرۇس مۇشىتلىشىپ ئىسيان كوتىرىپ ،ھاۋا تاراقلىغاندەك كىشىنى بىسەرەمجان قىلىدىغان نالايىق ئەخلاقلارنىڭ ئوتۇلمەسلىكىگە سىنچاي ھاجىلار مەسئۇل بولسۇن ،ئەگەر مۇندىن كېيىن يوقۇرىدا ئېيتىلغان ماجرالار چىقىپ قالسا ،ئىسيانچى تائاملارغا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ ،دەپ :
داستىخان رەئىسى : ھەزرىتى شاھى سۇلتان پولۇ
شاھىدلىرى : ئاچچىق سۇ لوزۇڭ ،تۇرۇپ شويىلار (تامغۇ)

مەنبە:«مەھەممەت زۇنۇن ،ئابدۇكېرىم راخمان»نىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»(1982يىلى3-ئايدىكى تۇنجى نەشرى).
خاتىرەمدىن...
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-03, 15:28

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( halmurat )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+200(ئاشپەز) قىزققارلىق ت ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-03 18:51 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئاتەش رەنا
    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 538
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 259
    شۆھرىتى: 2735 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2810 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 298 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇرۇن تىلۋىزۇردىن ،رادىئۇدىن بەك ئاڭلايتتىم ،،،،
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 00:29 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئەلقاينار
    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2578
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 455
    شۆھرىتى: 4690 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4840 دوللار
    تۆھپە: 6 ھەسسە
    ياخشى باھا: 541 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بەك جاپا چىكىپسىز
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 01:11 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلقاينار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    چوپان

    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2328
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 369
    شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 382 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    قايسى كۈنى رادىئودا ئاڭلىغانتىم قىزىم بەك كۈلۈپ كەتكەن بۇنى ئاڭلاپ.....
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 10:42 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شاھزادە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 761
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 268
    شۆھرىتى: 2725 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2929 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 325 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مەن ئەمدى ئاڭلىدىم
    ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن
    ئاللا قولۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 11:04 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھزادە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئارمان

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2715
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 868
    شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 911 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىز . رەخمەت سىزگە.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 14:45 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 67
    يازما سانى : 1725
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1159(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    يىمەك ئىچمەڭ توغۇرلۇق مۇنداق قىزىق يۇمۇرلارمۇ باركەندە ئەسلىدە
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 20:36 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئارمان

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2715
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 868
    شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 911 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇ تىما تولۇقسىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىمۇ باغۇ دەيمە.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-05 00:41 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئەلىۈ

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2447
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 578
    شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 587 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مېنىڭ تۇنجى ئاڭلىشىم ئىكەن، راستتىنلا قىزىقارلىق ئىكەن.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-07 16:00 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مېھرىم

    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1676
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 629
    شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 643 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھى ھى ھى.....................بەكمۇ قىززىقكەن.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-07 17:44 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا