بۇنى توردىن ساقلاپ قۇيپتىكەنمەن. كوپچىلىككە پايدىسى تىگىپ قالار
قولايلىق رىتسىپلار
1. مىكىيان گۆشىنى نۇقۇت بىلەن پىشۇرۇپ يىسە، كۆزگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بۇغداينى چايناپ، يىڭناسقۇ ئۈستىگە چاپسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئالما سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا، چىمچىملىققا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
4. ئانار يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ قاپاققا چاپسا، قاپاق قىزىرىپ ئىششىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. چىلاننى قاينىتىپ ئىچسە، كۆرۈش ئاجىزلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. كالا ئۆتىنى سامساق بىلەن پىشۇرۇپ، ئاغرىغان قۇلاققا تېمىتسا شىپا بولىدۇ.
7. قوينىڭ پاچىقىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. كونا ئاچچىقسۇدا رەختنى نەمدەپ بۇرۇنغا قويسا، بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
9. ئاچچىق ئانار پوستىنى قاينىتىپ ئىچسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10. بۇرۇن قانىغاندا پاختىنى ئاچچىقسۇغا تەككۈزۈپ تىقىپ قويسا قان توختايدۇ.
11. كۈدە يۇپۇرمىقىنى پىشانىگە تېڭىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
12. بادام يېغىنى تىلغا سۈرسە، تىل قۇرۇپ قېلىشقا شىپا بولىدۇ.
13. ئۇرۇقى ئېلىنغان ئۈزۈمنى چاينىسا، ئېغىزنىڭ سېسىق پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.
14. سۈتكە خۇرۇمنى چىلاپ ئېغىزنى چايقىسا، چىش قاماپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15. پىياز يۇپۇرمىقىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇرۇت يىگەن چىشقا باسسا، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
16. دائىم پىياز ئىستىمال قىلىپ بەرسە، راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
17. ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، جىگەر قېتىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
18. سۇلۇق ئىششىققا تاۋۇز ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
19. بىھىدىن مۇراببا تەييارلاپ يىسە، سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20. قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزىنى بادام يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرسە، يۈزنى پارقىرىتىدۇ.
21. ئانار ئۇرۇقىنى سوقۇپ چىش مىلىكىگە باسسا، چىشنى چىڭىتىدۇ.
22. خورما ئۇرۇقىنى قاينىتىپ داۋاملىق ئىچسە، تاش پارچىلايدۇ.
23. تاتلىق ئانار سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
24. يەرلىك چىلان بىلەن كۆك ئۈزۈمنى دەملەپ ئىچسە، قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
25. باچكا گۆشىنى قاينىتىپ ئىچسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
26. تاپان يېرىقىنى قوينىڭ قۇيرۇقىدا مايلاپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
27. ھۆل بىدىنى سوقۇپ، سۈيىنى يۈزگە سۈرسە داغ يوقىتىدۇ.
28. كۈدىنى سۇ ماي بىلەن ئېزىپ سۈگەلگە چاپسا، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
29. ماشنى ھەسەل بىلەن يەپ بەرسە، كونا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
30. چاچ يۇيىدىغان سۇغا بىرقانچە تېمىم ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، چاچنى پارقىرىتىدۇ.