hantagri illikdunya.biz sohpat
غەيرىتەم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 619
شۆھرىتى: 6340 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7940 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 692 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز رەسىم.كىنو-فىلىم ،ناخشا مۇزىكىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-05-01)
                                                                        رېستۇران مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى  

1- شىنجاڭ رېستۇران مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

يىمەك- ئىچمەك ئىنسانلار  ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددى ئاساسى،  جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم شەرتى . يىمەك-ئىچمەكنىڭ
تەرەققىياتى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن بىردەك بولۇپ ، ئۇ ئاددىي يىمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتىدىن، مۇرەككەپ يىمەك ئىچمەك مەھسۇلاتىغا،
تۆۋەن دەرىجىلىك يىمەك- ئىچمەك پائالىيىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يىمەك ئىچمەك پائالىيتىگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يىمەك-ئىچمەككە ئائىت
رىسالىلەردىن ھازىرقى تۇرپاندىكى يار غول خانلىقى ۋە قوچو خانلىقى دەۋىرىدىن قېزىۋېلىنغان پىچىنە- پىرەنىك ، نان، ئۈگىرە قاتارلىقلار بار.
مەملىكىتىمىزنىڭ< سىرتقا قارتا ئېچىۋىتىش > سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە ، بولۇپمۇ 10- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىن باشلاپ،
رايونىمىزدىكى سودا-سېتىق كەسىپلىرى ئىچىدە مىھمانساراي، رېستۇران يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ ، يېڭى تەرەققىيات
باسقۇچىغا قەدەم قويدى.< 10- بەش يىللىق پىلان > مەزگىلىدە، رايونىمىزدىكى رېستۇران يېمەك-ئىچمەك كەسپى جەمئىي 36 مىليارد 500 مىلليون
يۈەنلىك قىممەت ياراتقان، بەش يىلدىككى ئوتتۇرچە ئۆسۈش نىسبىتى 19.68 پىرسەنت بولۇپ پۈتۈن رايونىمىزدىكى ئىجدىمائى ئىستىمال بۇيۇملىرى
پارچە سېتىش سوممىسى ئوتتۇرچە ئۆسۈش نىسبىتىدىن 8.48 پىرسەنت يۇقىرى بولغان . 2006- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلى، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى
رېستۇران يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن مېھمانخانا كەسپىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 834 مىليون  يۈەنگە يىتىپ ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن
21.4 پىرسەنت ئاشقان . بۇ، ئىستىمال بازىرىدىكى ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان قىزىق كەسىپكە ئايلاندى. رېستۇران يېمەك-ئىچمەك كەسپى
بىلەن مېھمانخانا كەسپى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق
ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقدقسادىنى تەرەققىي  قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا . نۆۋەتتە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ
ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ، شىنجاڭدىكى مىھمان ساراي، رېستۇران يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى تەدرىجى
يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئىستىمال، تازلىق مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋيىسىمۇ كۆرنەرلىك ئۆزگەرمەكتە. ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مىھمانساراي،
رېستۇرانلار توي زىياپىتى، تەبرىكلەش پائالىيىتى، سودا-سېتىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالدى. مەسلەن، چەۋەنداز مىھمانسارىيى،
غەرىبىي يۇلتۇز مىھمانسارىيى ، سەردار رېستۇرانى ، پارلاق رېستۇرانى، قاينام رېستۇرانى، ئۈزۈمزار رېستۇرانى قاتارلىق ئورۇنلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى
مىللەتلەر توي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم سورۇنلاردۇر. تېز تاماق يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگۇچە،
غەرىپچە، ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەك مەيدانى قۇرۇش ئېقىمى پەيدا بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى تۇرمۇش رىتىمى تېز بولۇش ۋە ئائىلە ئىشلىرى ئىجتىمائىيلىشىشتەك
بازار ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە تېز تاماقخانىلاردىن بودۇن، جام، قورغان، لەززەت، مىراج مايگۈل، ئوردا، باغۋەن، جەۋھەر، ئاۋرال
جوڭگۇچە تېز تاماقخانىلاردىن سىچۇەن-خۇنەنچە تېزتاماقخانىلار...غەرىپچە تېز تاماقخانىلاردىن ۋېنسون، ئاۋدېلون، كېنتاكى، دېكىس قاتارلىقلار. مېھمانساراي
رېستۇرانچىلىق كەسپىنىڭ ئىگىلىك تۈزۈلمە شەكلىدىمۇ  ناھايىتى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى . پاي چېكى ھەمكارلىق تۈزۈلمىسى كارخانىللىرى، خۇسۇسىي  كارخانىلار
ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا ، بازارمۇ كۈنسىرى گۈللىنىپ، كەسپىي كۆلۈمى ۋە تىجارەت دائىرىسىمۇ داۋاملىق كېڭەيمەكتە. ۋاكالىتەن تىجارەت ، زەنجىرسىمان تىجارەت ،
داڭلىق ماركا تىجارىتى قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ،  رېستۇران كەسپىنىڭ تەرەققىياتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا.


داۋامى بار


مەنبە: مۇلازىمەتچىلىك رىسالىسى

تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-30, 17:34

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( غەيرىتەم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(ئاشپەز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-01 00:48 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 65
    يازما سانى : 1676
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1124(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مۇشۇ رىستۇران مۇلازىمىتى ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بۇلۋاتقىنى يەنىلام ئاشپەز ئۇستاملار ،
    بۇ يىل تارىختا مىسلى كۇرۇلمىگەن دەرىجىدە ئاشپەز ئۇستاملار قىس بۇلۋاتىدۇ ،
    بۇ مىھمانىخانا  خۇجايىنلىرى ،ۋە يىمەكلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار ئۇچۇن
    باش قاتۇرسىغان ئېغىر مەسلىگە ۋە خىرىسقا دۇچ كىلىشى مۇمكىن مەن بۇ توغۇرلۇق بىر تىما يوللاي دەپ  ئويلىغان ئىدىم بىراق ۋاقىت بەك قىس يازغىدەك ۋاقىت چىقماي ۋاتىدۇ مۇشۇ ھەقتىمۇ بىر ئويلىشىو كورسەك بۇلاتتى
    xukran
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-01 01:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » يىمەكلىك كەسپىنى باشقۇرۇشتىكى تەجىربە-ساۋاقلار..
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا