ئۇيغۇر خەلىقنڭ تاماق ئېتىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر خەلقى تاماق ئېتىش سەنئىتىگە،تاماقنىڭ تازلىقىغا ۋە تەمىلىك بۇلۇشىغا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرى كۆپ.ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە گۆش ۋە ئاشلىق بىلەن قىلىنغان تاماق ئاساسى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر قەدىمى ئەنئەنىۋى تاماقلىرى ھەققىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ< تۇركىي تىللار دىۋانى > دا،بۇ ھەقتە مەلۇماتلا بار.چۆرەك سۆزلىرىگە< تۇقاچ > دەپ ئىزاھات بىرىلىدۇ.كۆۋشەك دېگەن سۇزنى،<بۇلدۇرغان نان>دېسە،چۇقمىن دېگەن سۇزنى،<ھۇر ناننىڭ بىر خىلى>دەپ ئىزاھلىغان.كۆمەچ سۇزنى،<كۈلگە كۆمۇپ پىشۇرۇلغان نان>،سىنچۇ،<گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بۇلدىغان بىر خىل نان،خۇيلىما نان>،پوسكەچ<كاكچى>قاتما ۋە يۇغا سۇزلىرىگە< قاتلىما>.<ياغدا پىشۇرلىدىغان نېپىز نان>دەپ ئىزاھ بىرىلگەن،ئۇنۇڭدىن باشقا دىۋاندا يەنە تۆۋەندىكىلەر تۇنۇشتۇرۇلغان.
تۈرمەك ــ تۈرمەل
سارماچۇق ــ قۇشقاچ تىلى ئاش،سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى،
ئۈگرە ــ سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى،
سۇغۇت ــ ھېسىپ-ئۇچەي ئىچىگە گۇرۇچ،گۆش ۋە دۇرا-دەرمان سېلىپ قىلىندىغان يېمەكلىك،
سۇقتۇ ــ ھېسىپنىڭ بىر خىلى،جىگەر بىلەن گۆشكە دۇرا-دەرمان ئارلاشتۇرۇپ ئۇچەيگە تىقىلىدۇ،ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىلدۇ.
تۇتماچ ــ چۆپ.تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىنىڭ بىرى.
قۇۋۇت ــ < قاغۇت > دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تۇغۇتتا قانسىراپ كەتكەن ئاياللارغا بېرىلدىغان تاماق،بۇ تاماق قۇرۇلغان تېرىق ئۇنىنى ياغ بىلەن شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ بىرىلىدۇ.
توپىق ــ قۇينىڭ توپىق سۇڭكىدىن قىلىندىغان تاماق.
كۆرشەك ــ سوكنى سۇ ياكى سۈتتە قاينىتىپ،ئۇستىگە ياغ قۇيۇپ يېيىلدىغان بىر خىل تاماق.
بولدۇنى ــ ئىچىگە قۇرۇق،ياكى ھۆل ئۇزۇم سېلىپ تەييارلىندىغان بىر خىل تاماق،
سۈرۈش ــ چۈرۈش بۇغداي باشقىنى دېنى قېتىشتىن ئىلگىرى ئۇزۇۋىلىپ،ئوتتا پۇچۇلاپ يانجىپ يېيلدىغان يېمەكلىك.
بۇلغاما ــ ياغسىز ۋە تەمىسىز بۇلماق،
قوغۇرماچ ــ قېتىق بىلەن سۈت ئارلاشمىسى،ئىچى قىتىپ قالغانلارنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۇش ئۈچۈنمۇ ئىچىلىدۇ،
بۇخسى ــ بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئىسمى،بۇ يېمەكلىك مۇنداق تەييارلىندۇ.قاينىتىپ ئېلىنغان بۇغداينىڭ ئۈستىگە بادام مېغىزى سېلىندۇ.ئاندىن ھەسەل ۋە سۈت بىلەن قىلىنغان بۇلماقنى قۇيۇپ شۇ پېتى ئىچىلىدۇ.
ياماتا ــ قۇيماق خېمىرغا ئۇخشاش سۇيۇق قىلىپ چېلىندىغان بىر خىل خېمىر،سېمىز تۇخۇنىياكى سېمىز گۆشنى قۇرۇغاندا،ياكى كاۋاپ قىلغاندا يېغى ئىقىپ كەتمىسۇن دەپ شۇنۇڭغا شۇ خېمىر سۇرتۈلدۇ.
سىم سىراق ــ بىر خىل تاماق،باش پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇششاق تۇغىرلىپ،دۇرا-دەرمان ئارلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىندۇ،ۋە ئۆستىگە ئاچچىق قىتىق قۇيۇلۇپ ،سىڭىشكەندىن كېيىن يېيىلىدۇ.
يازۇق ــ كۈزدە ھەر خىل دۇرا-دەرمان بىلەن قۇرۇتۇپ قۇيۇلۇپ ئەتىيازدا يېيىلدىغان بىر خىل گۆش.
********************************************************************
< تۇركى تىللار دىۋانى > دا يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي ئىچىملىكلىرىدىن،قۇملاق.< ھەشىقپىچەككە ئۇخشاپ كېدىغان بىر خىل ئۇسۇملۇك،ئۇنىڭغا ھەسەل ئارلاشتۇرلۇپ شاراپ ياسىلىدۇ.قىبىمىز.< تولۇمدا ئىچىتىپ ئىچىلدىغان يىلقا سۈتى>،بۇخسۇم،< بۇزا،تېرىقتىن ياسىلىدىغان ئىچىملىك>.ئاغارتقۇ.< بۇغداي يارمىسىدىن ياسالغان بۇزىغا ئۇخشاش ئىچىملىك>.قاتارلىقلارنىڭ نامى ئۇچىرايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى كۆرنەرلىك ئالاھدىلىكلەرنىڭ بىرى شۇكى.مەلۇم ئائىلىدە ياخشىراق تاماق ئېتىلسە،ئۇنۇڭدىن نىسىۋە قىلىپ،يىقىن قۇلۇم-خۇشنىلارغا ئۆز ئارا تاماق چىقىرىپ تۇرۇش ئادىتى با.شۇنداقلا بەزى تاماقلارنى مەسلەن : باشقىلاردىن بۇرۇن تەييارلىغان كۆك چۆچىرسى،كۈدە مانتىسى،قاپاق مانتىسى،يالپۇز جۇۋاۋىسى،قاتارلىق تاماقلارنى،تۇققانلار ياكى يىقىن ئەل ئاغىنىلىرنىڭ ئۆيىگە ( يىڭىلىق تۇتىدىغان ) ئادەت بۇلۇپ،( يىڭىلىق تۇتۇش ) ياخشى كۇڭۇل ئىززەت ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى.
ئۇيغۇرلاردا تاماققا قۇشۇپ ئېچىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتى ئۇمۇملاشمىغان.
ئەمما،ئۇزۇقلۇق سۈپىتىدە يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇق،ياكى ھۆل ئۇزۇملەردىن مۇسەللەس،مەيزاپ ئىشلەش ئەنئەنىسى ھازىرغىچە بەزى رايۇنلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن.بۇ خىل ئىچىملىكلەرگە غەيرىي ئىسپىرىتلىق ئېچىتقۇ ئارلاشتۇرمايدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلدىن.
[ بۇ يازماھۇزۇرتەرپىدىن2011-04-30 11:05دە قايتا تەھر ]