hantagri illikdunya.biz sohpat
ھۇزۇر
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 405
شۆھرىتى: 4060 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4160 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 429 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

               مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن
ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدىنىيتى ئۆزىگە خاس ئەنئەنىگە ئىگە.ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللىق تارىخي تەرەققىيات جەرياندا ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ،ئۆزىگە خاس تاماق مەدىنىيتىنى شەكىللەندۇرگەن.

                                                داستىخان

داستىخان ئۇيغۇرتاماق مەدىينىتىدە ناھايتى مۇھيۇم ئۇرۇننى تۇتىدۇ.ئۇيغۇرلار مەيلى ئائىلىدە بۇلسۇن ياكى تۇي ، نەزىر ئىشلىرىدا بۇلسۇن ۋە ياكى مىھماندارچىلىق ئىشلىرىدا بۇلسۇن داستىخاندىن ئايرىلالمايدۇ.ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق تائامنى داستىخان ئۆستىدە ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ئۇلتۇرۇپ يېيشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.داستىخان،پاكىزلىقنىڭ،مەدىنيەتنىڭ،ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى.
ئۇيغۇرلاردا داستىخان سالماي تاماق يېيشنى يامان كۆردۇ.خاس ئۆزىلا ئەمەس،ئۆيگە كەلگەن ھەر قانداق مېھماننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ ئاندىن تاماق كەلتۇردۇ.قىز چۇڭ قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارغاندا داستىخانغا ھەرخىل نەرسىلەرنى يۆگەپ ئىلىپ بارىدۇ.تۇي-نەزىر ئىشلىرىدا ئائىلىگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سىلىپ تاماق كەلتۇردۇ.ئائىلىدە نان باشقا يېمەكلىكلەر داستىخان بىلەن يۆگەپ قۇيۇلىدۇ.داستىخان ناھايتى پاكىز بۇلغاچقا داستىخانغا چۇشكەن ھەر قانداق تاماقنى يېيشكە بۇلىدۇ.ئۇيغۇرلار داستىخان ئەتىراپىدا ئۇلتۇرغاندا ئەدەپ بىلەن يەيدۇ،داستىخاننى ناھايتى پاكىز ساقلايدۇ.تاماق يەۋىتىپ مەدىنيەتسىزلىك،ئەخلاقسىزلىققا ئائىت گەپ سۈز ھەركەتلەرنى قىلمايدۇ.داستىخاننىڭ چۇڭ-كىچىكلىكى،شەكلى،رەڭگى ئۇخشاش بۇلمايدۇ،داستىخان مەخسۇسمۇ تۇقۇلىدۇ.ئادەتتىكى رەخىتلەرنى داستىخان قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بۇلىدۇ.ھازىر داستىخاننىڭ شەكلىدىمۇ چۇڭ ئۆزگىرىش بۇلدى.گۈللۇك ۋە گۈلسىز،چۇڭ-كىچىك.ئۇزۇن-قىسقا.ھەرخىل داستىخانلار ئىشلىتىلۋاتىدۇ.داستىخان ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىجادىيتى بۇلۇپ ھازىرقى زامان مەدىنىيتىنىڭ شەككىللىنىشىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.

                                                     سۇپرا

سۇپرا سۇيۇقئاش خېمىرىنى يېيىش،تۇنۇر بېشىدا نان خېمىرنى تەييارلاش،پۇخۇن،،خېمىر تۇرۇچ ساقلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلدىغان تۇرمۇش ۋاستىسى.
سۇپرانىڭ ئۇزۇنلىقى بىر يېرىم مېتىر،كەڭلىكى بىر مېتىر ئەتىراپىدا بۇلىدۇ.يەرلىك گىلەم جاۋىسى ياكى ئادەتتىكى رەخىت خام ماتىريال قىلىندۇ،مەيلى گىلەم جاۋىسى بۇلسۇن ياكى رەخىت بۇلسۇن سۇپرا ئەستەرلىندۇ،ئۇتتۇرسىغا بىر نەرسە ئېلىنمايدۇ.
سۇپرا ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ ئىجاديتى بۇلۇپ،ئانىلار قىز تالالىق قىلغاندا قىزىغا سۇپىرغا،ئازراق ئۇن ۋە خىمىرتۇرۇچنى قۇشۇپ سۇۋغا قىلدىغان ئەنئەنۋى ئادەت شەكىللەنگەن،قۇلىنى سۇپىردىكى ئۇنغا تەككۇزۋالدىغان ئادەتنى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشتا بەخىتلىك بۇلۇشنى ئەۋلاتلارنىڭ باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتۇشىنى ئۈمىد قىلىشى ھېساپلىندۇ.سۇپرا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدىنىيتىدە مۇھيۇم ئۇرۇن تۇتۇپ ھېلھەم كەڭ دائىردە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

                                           يەڭلىك

يەڭلىك ئادەتتە چاپاننىڭ يېڭىگە ئۇخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىز ئۇنۇڭغا يەڭلىك دەپ ئىسىم قۇيغان.يەڭلىك خاس زاغرا نان يېقىشتا ئىشلىتىلدىغان تۇرمۇش ۋاستىسى،يەڭلىكنىڭ شەكلى بىر خىل،ھەجىمى ئۇخشاش،تىكىلىشى ئاددى بۇلۇپ كۆپ ماتىيال كەتمەيدۇ.يەڭلىك تەييارلاش ئۇسۇلى،يەرلىك گىلەم جاۋىسى ياكى رەخىت چاپاننىڭ يىڭى شەكلىدە تىكىلىدۇ.ئەستەرلىندۇ.يەڭلىكنىڭ ئالقان تەرپىگە پاكىز رەخىت چاپلىندۇ.يەڭلىك جەينەككىچە قىلىپ تىكىلىدۇ.يەڭلىك پاكىز ساقلىندۇ،ھەر قىتىم نان يىقىلىپ تۇگىگەندىن كېيىن قاتلاپ ئېلىپ قۇيۇلىدۇ.يەڭلىك ھازىرمۇ كەڭ دائىردە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

                                  گەزنە

گەزنە ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدىنىيتىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە مۇھيۇم رۇل ئۇينىغان.ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۇڭۇشلۇق قەدەم قۇيۇشىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋىردە مەيدانغا كەلگەن،تۇنۇرغا نان يىقىشتا ئىشلىتىلدىغان مۇھيۇم تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ بىرىدۇر،
گەزنىڭ ياسىلىشى مۇنداق بۇلىدۇ: يۇلغۇن.سۆگەت.ياكى تۇغراقنىڭ بىر يىللىق بۇلغان،كۈزدە پىشقان چىۋىقىنى تەييار يۇمىلاق شەكلىدە سېۋەت تۇقۇلىدۇ.چۇڭ-كىچىكلىك ئىھتىياجىغا قاراپ بەلگىلىندۇ.سېۋەتنىڭ ئۇڭ يۇزى تەرپىگە پاختا سېلىندۇ.پاختا ئۇتتۇرسىغا ئېگىزرەك ئەتىراپىغا نىپىزرەك قىلىپ سېلىندۇ.ۋە پاكىز رەخىت ياكى يەرلىك گىلەم جاۋىسى بىلەن باستۇرۇپ تىكىلىدۇ.گەزنىڭ سۇل تەرپىگە قۇلنى تىققىدەك قىلىپ يانچۇق تىكىلىدۇ.گەزنىڭ ھەجىمىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر تەييارلىنىش ئۇسۇلى ئۇخشاش بۇلىدۇ.
گەزنىڭ يۇزى پاكىز ساقلىندۇ.ناننى يېقىپ بۇلۇپلا گەزنە ئېگىزگە ئېلىپ قۇيۇلىدۇ.ھەرقىتىم نان يېقىشنىڭ ئالدىدا گەزنىنىڭ يۇزى قىرىپ تازلىنىپ ئاندىن ئىشلىتىلدۇ.گەزنە ھېلىھەم كەڭ دائىردە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

    مەنبە : تۇر دۇنياسى


تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-25, 16:23

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ھۇزۇر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-25 23:44 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ ئجادىيىتى.ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-26 00:38 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 748
شۆھرىتى: 7750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10280 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 847 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇلار ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆشۈك بۇيۇملىرى

گەزنە : ئۇيغۇرلاردىن باشقىلار پەقەت ئىشلەتمەيدۇ
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-26 00:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
سىمىز
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرىتى: 2350 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2350 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 241 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 136(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يەنە با  يەنى تۈكۈچ،  بىز شۇنداق ئاتايمىز  ھېلقى نانىىڭ ئۈستىگە گۈل چىقىردىغاننى ،
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-26 15:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سىمىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 179 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-26 17:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2763
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇلارنىڭ  ھەممىسىنىڭ  ۋاقتى ئۆتتى.....  موزېيدا  ساقلانسا  بولىدۇ .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-26 18:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋاقتى ئوتۇپ كەتمىگەندۇ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-28 13:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا