hantagri illikdunya.biz sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2765
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 809(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================




ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر- بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار سالاملىشىشنى مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن قاتارىدىن سانايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېﻬرى - مۇﻫەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېﻬرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر- بىرى بىلەن سالاملىشىش ئادىتى ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئارا سالاملىشىشنىڭ ئەﻫمىيىتى چوڭ، مەزمۇنى ناﻫايىتى مولدۇر.

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىشنىڭ ئۆزگىچىلىكى

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش بەزىدە قول ئېلىشىپ، بەزىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش يولى بىلەن بولىدۇ. دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلار ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قىسقارتىلىدۇ. قۇچاقلىشىش تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بەزىلەر بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوڭ قولىنى كۆكرەككە قويىدۇ. بۇ سالامنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققانلىقىنى، چىن دىلىدىن ئامانلىق تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر ئوڭ قولىنى بېرىپ كۆرۈشۈپ، سول قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ بىلىكىگە قويىدۇ. بۇ بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە سالاملاشقۇچىلارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

سالاملىشىشنىڭ قائىدىسى

مەككە مۇكەررەمە شەﻫىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى سالاملىشىشنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " سالامنى ئاۋۋال باشلاش سۈننەت بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاﻫ تالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:" سىلەرگە بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار"دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى، تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەنى(ئاللاﻫنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە بولسۇن)"دەپ سالام بەرگەن كىشىگە: "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەرەﻫمەتۇللاﻫى ۋە بەرەكاتۇﻫۇ يەنى(ئاللاﻫنىڭ ئامانلىقى، رەﻫمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن)" دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇش دېگەنلىك:" ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام يەنى(سىلەرگىمۇ ئاللاﻫنىڭ ئامانلىقى بولسۇن)"دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر."

سىراجىددىن ﻫاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سالام بەرگۈچى گەرچە يالغۇز بىرلا كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشتا "ئەلەيكۇم"يەنى(سىلەرگە...)دەپ قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ "كۆپچىلىك"نىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە بىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

مۇسۇلمانلاردا سالاملىشىشنىڭ ئەﻫمىيىتى

ئىككى كىشى ئۇچراشقىنىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىشى دۇنيادا ﻫەركىم ياقتۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن:" بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ﻫەقلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا بېرىش، نەسىﻬەت سورىسا نەسىﻬەت قىلىش، چۈشكۈرسە "ئەلﻬەمدۇ لىللاﻫ"دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ كەتسە نامىزىغا بېرىش."

پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:" سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر- بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار."

پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام يەنە بىر ﻫەدىسىدە:" سىلەرگە يەﻫۇدىيلاردىن ياكى خرىستىئانلاردىن بىرى سالام قىلسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا" ئوئە ئەلەيكۇم (يەنى: سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن)"دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلار"دەپ كۆرسەتكەن.

"ئىسلام"سۆزى بىلەن "سالام" سۆزىنىڭ ئەرەبچە تۈپ يىلتىزى بىر بولۇپ، ﻫەر ئىككىسى "تىنچلىق" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىنىدىن تاشقىرى، سالاملىشىشنىڭ نەقەدەر مۇﻫىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سالاملىشىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە سانىلىدىغان، ﻫېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان، ئۆزى ئاسان، پايدىسى ئىنتايىن مول بىر ئىشتۇر.

سالام بېرىشنىڭ تەرتىپى

سالام بېرىشتە كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا ۋە قاتناش ئۈستىدىكىلەر پىيادىلەرگە سالام بېرىدۇ. شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكىلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئېرى ئايالىغا، مېﻬمان ساﻫىبخانغا سالام بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزارا سالام بېرىشكە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن خەلق بولۇپ، ئۆزارا ﻫۆرمەت قائىدە -يوسۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەرگە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا باي.

مەنبە: ياشلار مۇنبىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-04 13:10 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 905
شۆھرىتى: 9155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9210 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 927 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجەپ ياخشى تېما بوپتۇ بۇ ،
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-05 11:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا