1.    چوڭ  كورىغا  تۆتلىك  يېرىم  سۇ  قۇيۇسىز .  ئۇنىڭغا   تۇز  ، شېكەر  جاڭيۇ ،  غولپىياز  ،  يەنە  (  كاۋاۋىچىن ،  زەنجىۋىل قېقى ،  ئاپىدىيان .  قوۋزاق دارچىن ،  چۈچۈك بۇيا  يىلتىزى ،  شاكالبەديان  قاتارلىقلارنى  داكىغا  ئوراپ سالىز .)  ئاندىن كۈچلۈك  ئوتتا  قاينىتىپ  ، پەس ئوتقا  يۆتكەپ  1 سائەت قاينىتىسىز  ،  ئەگەر  رەڭگى قىزىل  چىقىش  تەلەپ قىلىنسا ئالدى بىلەن  قىزىل گۈرۈچ  ئېچىتقۇسى  (红曲米 ) نى  سېلىپ  قاينىتىپ  رەڭگىنى چىقىرۋالغاندىن كېيىن  سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ  دورا - دەرمانلارنى  سېلىپ  بىر  سائەت  قاينىتىسىز .
2. بۇ  شورپا تەييار  بولغاندىن كېيىن   پىشۇرماقچى بولغان  توخۇ ،  ئۆردەك ، كالا  - قوي  گۆشى ، قېرىن ، ئۈچەي ، يۈرەك ، جىگەر ، باش - پاچاق خاسېڭ  قاتارلىقلارنى  باشقا  سۇدا قاينىتىپ  قېنىنى قاچۇرۋېتىپ  سۈزۈپ  ئېلىپ  بۇ  شورپىغا  سېلىپ  پەس  ئوتتا  يۇمشاق  پىشقىچە  قاينتىسىز .  پىشقاندىن كېيىن شورپا  بىلەن بىوللە  سوۋۇتۇپ ، سوۋىغاندىن كېيىن ئېلىپ  توغراپ  تەخسىگە  تىزىپ  ئامرىقىڭىزغا  بېرىسىز  ..............
بۇ  شورپىنى  پاكىز  سۈزۈپ  ساقلاپ  داۋاملىق ئىشلىتىشكە  بولىدۇ ،  شورپا  كونىرىغانسېرى  تەمى  لەززەتلىك بولىدۇ .   خەنزۇلاردا  «  100 يىللىق ئاشپۇزۇ ل  100 يىللىق   شورپىغا  يەتمەيدۇ »  دەيدىغان  گەپ  بار .
بىزنىڭ  ئەن -ئەنى ۋى قوزا گۆشى  ( 羊羔肉 )   نىمۇ   رەڭلىك  تېتىتقۇ  سالماي  باشقىلارنى  سېلىپ   شورپا  ياسىۋېلىپ  شۇنىڭدا پىشۇرسا  لەززىتى  ئۆزگىچە  بولىدۇ !
ئاشپەزلىك  كەسپىدە  بۇ خىل  شورپا  «  ئاق  كونا  شورپا »  ، «  قىزىل كونا شورپا »  دەپ ئىككىخىل  بولىدۇ .  قىزىل  كونا  شورپىغا  تۇخۇمنى  پىشۇرۇپ  ئاقلاپ  سېلىپ قايناتسىڭىز  تۇخۇمىڭىز تېىخمۇ رەڭدار  ، مەززىلىك  بولۇپ  پىشىپ چىقىدۇ !
بۇلار  مۇشۇ  شورپىدا پىشقان   
  
  
  
  
  
